سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

سەدىقە پىتىرنىڭ مىقدارى، ۋە ئۇنى پۇل بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

سەدىقە پىتىرنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟ ئۇنى روزا ھېيت نامىزىدىن كىيىن بەرسىمۇ بولامدۇ؟ پۇل بىلەن ئادا قىلسىچۇ؟ بۇ توغرىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا سەدىقە پىتىرنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن (3) ئۆچ كىلو مىقدارىدا بېرىشنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇنى روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئەبى سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە سەدىقە پىتىرنى (3) ئۆچ كىلو مىقداردا يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى پىشلاقتىن ياكى ئۈزۈمدىن بېرەتتۇق دېيىلگەن.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان يېمەكلىكنى بۇغداي دەپ چۈشەندۈردى، يەنە بىر قىسىم ئالىملار يىمەكلىك بۇغداي ياكى قوناق بولسۇن شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان نەرسىسىدىن ئىبارەت دېگەن قاراشتا بولۇپ، شۇ يۇرتتىكى دېھقانلارنىڭ ئەڭ كۆپ ھوسۇل ئالىدىغان يېمەكلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ بۇ ئەڭ ساغلام ۋە توغرا كوز قاراش. چۈنكى سەدىقە پىتىر دېگەن بايلارنىڭ كەمبەغەللەرگە قىلىدىغان ياردىمى بولۇپ چوقۇم شۇ يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىن بولىشى كېرەك. يۇقىردا مىقدارى بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ قايسىسىدىن بولسۇن ئاز بولغاندا (3) ئۆچ كىلو مىقداردا بېرىش كېرەك، ئەگەر گۇرۇچ ياكى شۇ يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان باشقا يېمەكلىكلەردىن بەرسىمۇ بولىدۇ.

سەدىقە پىتىرنى بېرىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى رامزاننىڭ 28 - كېچىسىدىن باشلىنىدۇ، چۈنكى ئەرەب ئايلىرى(ھىجىرىيە بويۇنچە) 29 ياكى 30 كۈن بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى سەدىقە پىتىرنى روزا ھېيتتىن بىر - ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشكە باشلايتتى.

ئاخىرقى ۋاقتى روزا ھىيت نامىزى ئوقۇلغۇچىلىك بولىدۇ، نامازدىن كىيىن قالسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرىغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سەدىقە پىترىنى پەرز قىلدى، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد).

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا سەدىقە پىتىرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ساھابىلار ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئادا قىلغىنىدەك يىمەكلىك بىلەن ئادا قىلىش كېرەك، پۇل بىلەن ئادا قىلىش توغرا ئەمەس دېيىلگەن. (بۇ ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدلەرنىڭ بىردەك كۆز قارىشى)

( ئەمما ئىمام بۇخارى، سۇپيان ئەسسەۋرىي، ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋە ھەسەن بەسرىي قاتارلىق ئالىملار سەدىقە پىتىرنى پۇل بىلەن ئادا قىلىشنىمۇ توغرا دەپ قارىغان، ھازىرمۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى سەدىقە پىتىرنى پۇل بىلەن ئادا قىلسا بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ياقىلاپ كېلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن قايسى قولايلىق ۋە كەمبەغەللەرگە قايسى ئەڭ مەنپەئەتلىك بولسا شۇ قاراش بىلەن ئادا قىلىش كېرەك- تەرجىمان-).

ھەممە ياخشىلىق ئاللاھدىن سورالغۇسى، ئاللاھ بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى دىننى چۈشىنىدىغان ۋە مۇستەھكەم تۇرىدىغان قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمىدىن ئىلىندى