سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت قايسى؟

سۇئال

سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت روزا ھېيت كۈنىسى ھېيت نامىزىدىن كىيىن باشلىنىپ كەچ كىرگىچە داۋاملىشامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

سەدىقە پىتىر بېرىلىدىغان ۋاقىت روزا ھېيت كۈنىسى ھېيت نامىزىدىن كىيىن باشلانمايدۇ، بەلكى رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن باشلىنىدۇ، بۇ شەۋۋال(روزا ھېيت كېچىسى) ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى كېچىسى ھېسابلىنىدۇ، روزا ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرىغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سەدىقە پىتىرنى پەرز قىلدى. كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، دارۇ قۇتنى، ئەلھاكىم)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن رامزاندىن تارتىپ سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرز قىلدى .... ۋە ساھابىلار سەدىقە پىتىرنى روزا ھېيتتىن بىر - ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرەتتى دېگەن ئەسەرلەرگە ئاساسەن سەدىقە پىتىرنى ھېيتتىن بىر - ئىككى كۈن ئىلگىرى بەرسە ياخشىراق. كىمكى بۇنى ۋاقتىدا بەرمەستىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرىدىكەن ئۇ كىشى خاتالاشقان بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ قويغىنىغا ئاللاھدىن كەچۈرۈم تىلەپ دەرھال كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

مەنبە: ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسىدىن ئىلىندى