پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قايتىۋالغىلى بولىدىغان تالاق قىلىنغان ئايالىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

يولدىشى بىر تالاق قىلىۋەتكەن ئايالنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى يولدىشىنىڭ بېرىشى كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پىتىر سەدىقىسى ھەر بىر ئىنسانغا پەرز بولۇپ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ، ئايال-بالىلىرى ۋە ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان باشقا كىشىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ توغرىدا دارىي قۇتنى ۋە بەيھەقىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىڭلار. لېكىن بۇ ھەدىس زەئىپ بولۇپ، بۇ ھەدىسنى دارى قۇتنىي، بەيھەقىي، نەۋەۋىي، ئىبنى ھەجەر ۋە باشقا ئالىملار زەئىپ دېگەن. "ئەلمەجمۇئ" 6-توم 113-بەت ۋە "تەلخىيسىل ھەبىير"2-توم 771-بەتكە قارالسۇن.

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋا ھەيئىتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ۋە ئايال-بالىلىرى، ئاتا-ئانىسى قاتارلىق ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئىلىش زۆرۈر بولغان كىشىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىدۇ". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋالىرى" 9-توم 367-بەت].

    ئىككىنچى: ئايال كىشىنى قايتىۋالغىلى بولىدىغان شەكىلدە تالاق قىلغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توشمىغان بولسىلا بۇ ئايالمۇ شۇ كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى، تۇرالغۇ جاي ئورۇنلاشتۇرىشى زۆرۈر بولغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئىددەت جەريانىدا ئەرنىڭ ئۇ ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى كېرەك بولىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن پىتىر سەدىقىسىنىمۇ ئەر كىشى ئادا قىلىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" 6-توم 74-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىز: "تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەت ئىچىدە بولسا ۋە ئۇ ئايالنى قايتۇرىۋالغىلى بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇ ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش كېرەك بولغاندەك، پىتىر سەدىقىسىنىمۇ ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ".

     مالىكى مەزھەب ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئىبنى يۈسۈپ ئەلمۇۋاق "ئەتتاج ۋەل ئىكلىيل" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-تومى 265-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىرگە ياشاپ كېيىن قايتىۋالغىلى بولىدىغان ھالەتتە تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت توشۇپ بولغۇچە ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى ۋە ئۇنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ".

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىدە، ئايالنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش ئەرگە كېرەك بولمايدۇ بەلكى ئايالنىڭ ئۆزىگە كېرەك بولىدۇ دېيىلگەن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. 99353-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەر كىشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەردە ئېھتىيات يولىنى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، بولۇپمۇ پىتىر سەدىقىسىگە كۆپ نەرسە كېرەك بولمىغاندىن كېيىن ئۇ كىشىگە قايتىۋالغىلى بولىدىغان ھالەتتە تالاق قىلىنغان ئايالىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ. شۇنداقلا كۆپ ھاللاردا ئايالىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ئەر كىشىگە قېيىن كەلمەيدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى