پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى

تارقاتقان ۋاقىت : 13-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 12029

سۇئال

پەيغەمبەرلەر ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ؟ پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئاسمانغا ئىلىپ چىقىلغاندا بارلىق پەيغەمبەرلەر يىراق مەسچىت(مەسجىد ئەقسا)تە ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغانىكەن . ئاندىن پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەر بىر ئاسمانغا چىققاندا ھەممىگە تونۇشلۇق بىر قىسىم پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇلار تىخى ئالدىدا ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان . شۇڭا بۇ پەيغەمبەرلەر قانداقسىگە يىراق مەسچىتتە ئاندىن كىيىن ئاسمانلاردا بولىدۇ ؟ ياكى پەيغەمبەرلەر بىزگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە يەنىلا ھاياتمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پەيغەمبەرلەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) دۇنيا كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۆلۈك . ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاخىرقىسى ۋە ياخشىسىنى ئاتاپ تۇرۇپ : ھەقىقەتەن ، سەنمۇ ئۆلىسەن ، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ . دىدى.[ زۇمەر(ئادەم توپى): 30 ]
بىراق ئۇلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھايات . چۈنكى شەھىيد ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھايات تۇرغان يەردە ، پەيغەمبەرلەر شەكسىز شەھىيدلەردىن يۇقۇرى مەرتىۋىدە تۇرىدۇ . پەيغەمبەردىن(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نەقىل قىلىنغان بىر سەھىيھ ھەدىستە ، ئۇ مۇنداق دىگەن : پەيغەمبەرلەر قەبرىلىرىدە ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ھايات تۇرىدۇ . [ بەززار نەقىل قىلغان ، ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 2790] بۇ ناماز بولسا خۇددى جەننەت كىشىلىرى تەسبىيھ بىلەن نىئېمەتلەنگىنىگە ئوخشاش ، ئۇلار نىئېمەتلىنىدىغان نەرسە .
ئۇلار قەبرىلىرىدە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) تۇرىدۇ . ئەيسا (ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) ئۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ ، ئاللاھ ئۇنى ئاسمانغا ئەچىقىۋەتكەن . ئاللاز ئېيىتقاندەك : « ئەيسا نع ظألتىرضعنعمذ يوق،دارغا ظاسقعنعمذ يوق ؤة لئكعن ظذلارغا شىبهة سئلعندع،(ظعسانع ظاستذق دةص ضذمان قعلعص،ظعسا ظةلةيهعسسالامغا ظوخشاص قالغان باشقا بعرسعنع ظاستع)،ظعسا توغرعسعدا ظعختعلاص قعلعشقانلار هةقعقةتةن ظذنعث ظألتىرىلضةنلعكع(مةسعلعسع)دة شىبهعدعدذر.ظذلار بذ( ظعشنعث هةقعقعتع)نع بعلمةيدذ،ضذمانغعلا ظاساسلعنعدذ،ظذلار ظعسانع جةزمةن ظألتىرمعدع157. بةلكع الله ظذنع ظأزتةرعصعضة كأتىردع(يةنع ظعسا ظةلةيهعسسالامنع الله ظذلارنعث شةررعدعن قذتذلدذرذص تعرعك هالدا ظاسمانغا ظئلعص حعقعص كةتتع).الله غالعبتذر،هئكمةت بعلةن ظعش قعلغذحعدذر . » [ نىسا( ئاياللار): 157-158 ]
پەيغەمبەرلەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) ئىسرا كېچىسى مۇھەممەد(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) پەيغەمبەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغىنىغا كەلسەك ، ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدە روھلىرى بىلەن ناماز ئوقۇغان ،تەنلىرى بولسا قەبرىلىرىدە ئىدى . ۋە شۇنىڭدەك ، مىئېراج كېچىسى پەيغەمبەرلەرنى ئاسماندا كۆرۈشىمۇ ھەم . ئۇ چاغدا ئادەمنى دۇنيا ئاسمىنىدا ، يەھيا ۋە ئەيسانى ئىككىنچى ئاسماندا ، يۇسۇفنى ئۈچۈنچىسىدە ، ئىدرىسنى تۆتىنچىسىدە ، ھارۇننى بەشىنچىسىدە ، مۇسانى ئالتىنچىسىدە ، ئىبراھىيمنى يەتتىنچىسىدە كۆرگەن بولۇپ ، ئۇ ئۇلارنىڭ روھلىرىنى شۇلارنىڭ ئۆز بەدەن قىياپىتىدە كۆرگەن .
بەزى كىشىلەر : ئۇلارنىڭ قەبرىلەرگە كۆمۈلگەن بەدەنلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن دىيشىدۇ ، بۇ ئاساسسىز .
لىكىن ئەيسا ئاسمانغا روھى ۋە بەدىنى بىلەن چىقىپ كەتكەن ؛ ئىدرىسنىمۇ ھەم شۇنداق دىيلىدۇ .
لىكىن ئىبراھىيم ، مۇسا ۋە باشقىلىرىغا كەلسەك ، ئۇلار زىمىنغا دەپنە قىلىنغان .
مەسىيھ (ئۇنىڭغا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگەئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق بولسۇن) زىمىنغا مۇقەررەر چۈشىدۇ . دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى مەنارەتۇ بەيزاغا چۈشۈپ ، دەججال( ئەيسانىڭ دۈشمىنى)نى ئۆلتۈرىدۇ ، كىرىستنى سۇندۇرىدۇ ۋە چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ . سەھىيھ ھەدىيسلەردە ئىسپاتلانغىنىدەك . شۇڭا گەرچە ئۇ يۇسۇف، ئىدرىيس ۋە ھارۇنلاردىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ ، ئۇ ئىكىنچى ئاسماندا . چۈنكى ئۇنىڭ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ، ئۇ قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى يەرگە چۈشىدۇ . ھەمدە ئادەمنىڭ دۇنيا ئاسمىنىدا بولۇشى ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ روھلىرى ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ، يەنى بەخىتلىكلەرنىڭ روھلىرى . بەخىتسىزلەرنىڭ روھلىرى بولسا ئۇلارغا ئاسماننىڭ ئىشىكى ئىچىلمايدۇ ، ھەمدە ئۇلار تاكى تۆگە يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتمىگىچە جەننەتكە كىرمەيدۇ . شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدىكەن ، ئۇ ئۇلارغا يىقىن تۇرۇشى كىرەك . . . ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) كەينىدە ناماز ئوقۇغانلىقى ، ئاندىن ئاسمانغا ئىلىپ چىقىلغاندىن كىيىن ، بەزىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئوتتۇرسىدا زىتلىق يوق . چۈنكى روھلار پەرىشتىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بىردەمدە چىقالايدۇ ۋە چۈشەلەيدۇ ، بەدەنگە ئوخشىمايدۇ .
[ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەنىڭ فەتىۋالار توپلىمى ، 4 328-329 دىن ئىلىندى . ]
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى