پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆزرۈلۈك كۈنلىرىدە تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتالمىدى

سۇئال

ئەللىك ياشقا (50) يىتىپ قالغان بىر ئايال يىللاردىن بىرى رامىزاندا ئۆزرۈلۈك كۈنلىرىدە تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، كىيىن ئۇ كۈنلەرنىڭ روزىسىنى تۇتمىغان، ئەمما ھازىر ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلگەن، ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئۇ ئايال ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ.

بىر كىشى، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن(15/184): مېنىڭ بىر ھەمشىرەم بولۇپ، بىلمەسلىكتىن شۇنداقلا بىر قىسىم بىلىمسىز كىشىلەر ئۇنىڭغا ئادەت كۆرۈپ قالغاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ دېگەنلىكتىن، بىر قانچە يىللاردىن بىرى رامزاندا ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان، ھەمشىرەم قانداق قىلىشى كېرەك؟. دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەمشىرىڭىز قىلمىشىغا ئىستىغپار ئېيتىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىدىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىنمۇ كۆپچىلىك كىشىلەر شۇنداق پەتىۋا بەرگەن. بېرىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ، دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ھەمشىرىڭىزدىن ئۇ كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش زىممىسىدىن ساقىت بولمايدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلغان، نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمىغان. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئۆتكەن رامىزاندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئىككىنچى رامىزان ئېيى كىرىپ قالسا، ئۇ ئايال گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ قالغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىدۇ، ئىمكانىيىتى بولسا ھەر بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ، ئەگەر كەمبەغەللىكتىن پىقىرلارغا يېمەك بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، تەۋبە قىلىش بىلەن قازا روزىنى تۇتىدۇ، يېمەك بېرىش كېرەك بولمايدۇ. ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسە، قالغان كۈنلىرىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈكرەك قارىشى بويىچە ھېسابلاپ، روزا تۇتىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى (10/151): ئاتمىش ياشقا (60) كىرىپ قالغان، بىر ئايال ھەيز ھۆكۈملىرىنى بىلمىگەنلىكتىن شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ دەپ ئاڭلىغانلىقتىن، ئۆتكەن يىللاردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان، ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەك؟. دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ ئايال دىنى ئالىملاردىن سوراپ ئىش قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، كەچۈرۈم سورىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ ھېسابى بويىچە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەردىكى رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە ئىمكانىيىتى بولسا، ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە بىر يېرىم كىلو مىقداردا، بۇغداي ياكى خورما ياكى گۈرۈچ قاتارلىق شۇ يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكتىن بېرىدۇ، ئەگەر كەمبەغەللىكتىن بۇنىڭغا ئىمكانىيىتى بولمىسا، يېمەكلىك بەرمىسىمۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا كۇپايە قىلىدۇ". تۈگىدى. يېمەك بېرىشنىڭھۆكمىنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن 26865-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى