جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھەج پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئادەتنى كېچىكتۈرۈش دورىسى ئىشلىتىشى دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرسىدا

سۇئال

ھەج پائالىيىتىنى كىشىلەر بىلەن بىرگە تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئادەتنى كېچىكتۈرۈش دورىسى ئىشلىتىشى توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتۋە سالاملىرى بولسۇن.

ئاياللارنىڭ رامىزان كۈنلىرىدە كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇشى ئۈچۈن، ھەج ئىبادىتى جەريانىدىمۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە تاۋاپ قىلىش ۋە ھەج ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئادەت كېلىشنى چەكلەيدىغان دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئادەتنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن دورىدىن باشقا شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن ۋە زىيانلىق بولمىغان نەرسە بولسىمۇ بولىدۇ". بۇنىڭ بىلەن شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى تۈگىدى.

مەنبە: "ئىبنى باز پەتىۋالىرى"17-توم 60-بەت