پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ۋە روزا تۇتقان ھالەتتە بەدەن ۋە يۈزگە ماي چېپىش توغرىسىدا

سۇئال

مۇسۇلمان كىشىنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشى توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر توغرا بولسا قانچە رەكئەت ئوقۇيدۇ؟، بۇ نامازدا ئوقۇلىدىغان ئايرىم دۇئا بارمۇ؟. روزا تۇتقان ھالەتتە بەدەن ۋە يۈزىگە ماي ئىشلەتسە روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەراۋىھ نامىزى ئەرلەر ئۈچۈن رامىزاننىڭ كېچىلىرىدە مەسچىتتە ئوقۇش يولغا قويۇلغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇپ قايتقان كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ.  [تىرمىزى رىۋايىتى 806-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    شۇنداقتىمۇ ئەگەر ئەر كىشى تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، ئەمما رامزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا كېچىلىك نامازنى ئۆيدە ئوقۇش يولغا قويۇلغان.

    ئاياللارغا نىسبەتەن نامازنى ئۆيدە ئوقۇش ياخشى، ئەگەر مەسچىتتە ئوقۇشنى مەقسەت قىلسا بۇنىڭدىن چەكلەنمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاياللارنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلىمەڭلار، ئۇلار ئۈچۈن ئۆيدە ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 567-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ قۇللىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتىدىن چەكلىمەڭلار. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇخارى رىۋايىتى 900 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 442-ھەدىس].

    ئەمما رامىزاندا يۈزىگە ۋە بەدەنلىرىگە ماي چاپسا بۇ چەكلەنمەيدۇ. بۇ توغرىدا 2299- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد