جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا ئىپتارغا ئالدىراش سۈننەتتۇر

سۇئال

رامزاندا ئىپتار قىلىش پەرزمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟، مۇسۇلمان ئىپتار ۋاقتىدا شام نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە كەلگەندە، ئاۋۋال ئىپتار قىلىپ ئاندىن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمدۇ ياكى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىپتار قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

روزىدارنىڭ ئىپتار قىلىشقا ئالدىرىشى سۈننەتتۇر. بۇنىڭ دەلىلى: سەھلى ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلا ردائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى 1821-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1838-ھەدىس].

روزىدار ئەۋۋەل ئېغىز ئىچىشى كېرەك، يەنى ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدىغان نەرسىلەردىن ئازراق ئىستىمال قىلىپ، ئاندىن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشى، نامازدىن كېيىن خالىسا ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىن بولغان ھاجىتىنى قاندۇرۇشى لازىم.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندا ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى ھۆل خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، ھۆل خورما بولمىسا قۇرۇق خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، ئەگەر قۇرۇق خورما بولمىسا سۇ بىلەن ئېغىز ئاچاتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى 623-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 560- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

شەيخ مۇبارەك پورىي بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ: "بۇ ھەدىس ئىپتار قىلىشقا قىلىشقا ئالدىراشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە تولۇق ئاشۇرۇپ ئىشارەت قىلىدۇ،" دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد