ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

پىتىر سەدىقىسى بېرىش ئۈچۈن ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن يېمەكلىك سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

12-06-2017

سۇئال 7175

غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام مەركەزلىرى روزا ھېيتتىن ئون كۈن بۇرۇن گۈرۈچكە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن مۇسۇلمانلاردىن پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن پۇل ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ نامىدىن پىتىر سەدىقىسى بېرىدۇ. ئۇنداق بولىشى، ئەگەر ئۇلار ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن پۇل ئالسا، زور مىقداردىكى ئاشلىقنى سېتىۋېلىشقا مۇمكىن بولمايدۇ، بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىز بۇ سوئالنى پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھغا سۇنغان ئىدۇق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىسلام مەركەزلىرى پىتىر سەدىقىسى بېرىدىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئۇنى پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە رىغبەتلىنىۋاتقانلارغا سېتىپ بەرسە، ئاندىن ئۇنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا چىقارسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پىتىر سەدىقىسى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش