پەيشەنبە 6 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 7 نويابىر 2024
Uygur

تور بەت لاھىيەلەش خىزمىتىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن تور بەت لاھىيلەش خىزمىتىنى قىلىمەن، لاھىيلەيدىغان تور بەت ئاياللارنىڭ رەسىمى ياكى شەرئى ئەدەپ-ئەخلاققا زىت كېلىدىغان سۈرەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ، لاھىيلەش سىستېمىسىغا تۈرلۈك ناخشا-مۇزىكىلارنى كىرگۈزمەيمەن، پەقەت تور بەتنىڭ شەكلىنى لاھىيلەيمەن، بۇ ئىشىم خاتامۇ؟ بۇنىڭدىن كىرىم قىلىنغان مال-دۇنيا ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟، ئەگەر مەن تور بەتنى لاھىيەلەپ بەرگەندىن كېيىن تور بەتنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭغا تۈرلۈك ناخشا-مۇزىكا ۋە ھەر خىل سۈرەتلەرنى قويسا ئۇنىڭ گۇناھى ماڭا بولامدۇ؟، تور بەت لاھىيەسىگە كېچىك بالىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كىرگۈزسەم خاتا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ تارىلىشى بىلەن ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر سىناقتۇر. ھارامنىڭ ئۇسلۇبلىرى تۈرلۈك، ئالەتلىرى ھەر خىل بولۇپ، ھېچ بىر ئىشىك سالامەت قالمىدى، ئۇنىڭدا شەيتاننىڭ كېرىش يولى بار، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدىمۇ شۈبھىلىك ئىشلار ئارىلىشىپ كەتتى. ھالالنى تاللاش ۋە ھارامدىن يىراق بولۇش ئىشلىرى قىيىنلاشتى، ئاللاھ تائالا تەقۋادارلارنىڭ ھېسابىنى ئاسان قىلغۇچى ۋە مۆمىن بەندىلىرىگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر، ئۇلاردىن ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈش، ئاسىيلىق قىلىشنى ئۆچ كۆرۈشنى لايىق كۆردى.   ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىش، ئەپۇ قىلىش، رازى بولۇش ۋە ئېھسان قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

   ئىسلام شەرىئىتىدە دۇرۇس بولغان سودا ۋە ئىجارە قائىدىسىدە، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان بولىشى، گۇناھ-مەئسىيەتكە ياردەم بېرىدىغان بولماسلىقى، ھارام ئىشلارنى قىلىشقا ئېلىپ بارماسلىقى تەكىتلىنىدۇ. شەرىئەت بىر نەرسىنى ھارام قىلسا، ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارام بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوللارنى توسۇشقا بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

   شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئۆز نەپسىنى ھەر قانداق زۇلۇم -ئادالەتسىزلىك ۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق تۇتۇشى، باشقىلارنىڭمۇ بۇنى تەرك قىلىشىغا ياردەم بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ". ["تەپسىر سەئدى" 218-بەت].

   پىقھى توپلاملىرى 3-توم 140-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئۈزۈمنى ھاراق ياسايدىغان كىشىگە سېتىش توغرا بولمايدۇ، ھوشۇقنى قىمارۋازغا، ئېسىل ياغاچنى كىرست بەلگىسى ياسايدىغان كىشىگە، ھويلىسىنى چېركاۋ قىلىشقا،  مىسنى چېركاۋدا قوڭغۇراق قىلىش ئۈچۈن سېتىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك سېتىۋالغۇچىنىڭ يامان ئىشنى مەقسەت قىلىپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭغا ھېچ بىر نەرسىنى سېتىش توغرا بولمايدۇ. ئەگەر ساتقۇچى ياكى لاھىيلىگۈچى ياكى مەھسۇلات ئىشلىگۈچى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشىنى ھارامغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنى سېتىپ بېرىش، لاھىيىلەپ بېرىش ۋە ئىشلەپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر كەسكىن ئىشەنچ قىلالمىغاندىمۇ كۈچلۈك گۇماندا شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا بۇنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش بولىدۇ.

    ئەمما ئىشتا شەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۆزى ساتقان ياكى ئىشلەپ بەرگەن نەرسىنى نېمىگە ئىشلىتىشنى بىلمەي ساتقان بولسا، ئۇنى سېتىش ۋە ئىشلەپ بېرىشنىڭ ھېچ گۇناھى بولمايدۇ، گۇناھى ئۇنى ھارامغا ئىشلەتكەن  كىشىگە بولىدۇ.

   ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساتقۇچىنىڭ ساتقان نەرسىسى بىلەن  ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشى ئېنىق بولغان كىشىگە ئۇ نەرسىنى سېتىپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، قىلغان سودىسى ھەرگىز سودا بولمايدۇ، ھاراق ئىشلەپ چىقىرىشى ئېنىق بولغان كىشىگە ھاراققا سىقىدىغان ھېچ بىر نەرسىنى سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، باشقىلارغا ساتسا ناچارلىق قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولغان قۇلنى سېتىش ياكى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشى ئېنىق بولغانلارغا قورال ياكى ئات سېتىپ بېرىش، كىيىم قىلىپ كىيىشى ئېنىق بولغان كىشىگە يىپەك سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سودىلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-ئاشكارا گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم بېرىشتۇر، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىشنى بىكار قىلىشتۇر.

   ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بولىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسا ئۇ ۋاقىتتا سودا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ساتقۇچى گۇناھقا ياردەم بەرمىدى، ئەگەر سېتىۋالغۇچى نەرسىنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلسا، گۇناھ ساتقۇچىغا بولمايدۇ بەلكى سېتىۋالغۇچىغا بولىدۇ". ["ئەل مۇھەللاھ" 7-توم 522-بەت].

   شۇنىڭدەك سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا بېرىدىغان ھۆكۈم:

   سىزنىڭ يېنىڭىزغا بىرسى تور بەت لاھىيىلەپ بەرسىڭىز دەپ كەلسە، ئۇ جازانە بانكىسى ياكى يېرىم -يالىڭاچ سۈرەت چىقىرىدىغان ئىلان ئورنى ياكى ھاراق، چوشقا، تاماكا قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى ساتىدىغان ئورۇن ياكى كىنو-پىلىم، ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلىرى بولۇپ قالسا سىزنىڭ بۇنداق ئورۇن-شەخسلەرگە تور بەت ياساپ بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسەت قىلىدىغان مۇنكەر ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشىڭىز ھالال بولمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ توغرا يولغا يېتەكلەپ ئاللاھدىن قورقۇشنى ئەسلىتىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ.

   ئەگەر ئۇلارنىڭ تور بەت ياسىتىشتىكى مەقسىتىنى بىلەلمىسىڭىز ياكى تور بەتنى نورمال ۋە مەنپەئەتلىك ئىشلارغا   ئىشلىتىدۇ دەپ قارىسىڭىز، گەرچە ساھىبى ئۇنىڭغا بەزى چەكلەنگەن ئىشلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قىلىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا تور بەت ياساپ بەرسىڭىز ۋە سېتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى شەرئى ھۆكۈملەر دېگەن ئاز تېپىلىدىغان ئىشلارغا ئەمەس بەلكى ئومۇم بولغان ئىشلارغا قۇرۇلىدۇ.

    ياسىغان تور بەتلەرگە كېچىك بالىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كىرگۈزۈش دۇرۇس بولمايدۇ، ئۇ سۈرەت قولدا سىزىلغان بولسۇن ياكى كامىرالار بىلەن تارتىلغان بولسۇن ئوخشاشلا ھارام بولۇپ، بۇنىڭدىن زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان پاسپورت، كىملىك دېگەندەك جىددى ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغاندىن باشقا ھەممە سۈرەت كۆزدە تۇتىلىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى