پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك يېمەكلىكتىن بىر سا(ئۈچ كىلۇ) ئەتراپىدا پىتىر سەدىقىسى بەرسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بىر تۈرلۈك يېمەكلىكتىن بىر سا(ئۈچ كىلو) بەرگەننىڭ ئورنىغا، بىرقانچە تۈرلۈك يېمەكلىكتىن ھەر بىرىدىن بىر كىلودىن ئۈچ كىلوغا توغرىلاپ بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پىقھى ئۆلمالىرى پىتىر سەدىقىسىنى بىر تۈرلۈك يېمەكلىكتىن ئۈچ كىلۇ ئادا قىلغاننىڭ ئورنىغا، بىر قانچە تۈرلۈك يېمەكلىكتىن ھەر بىرىدىن بىر كىلۇدىن ئۈچ كىلۇ ئادا قىلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاراشتا بولدى:

     بىرىنچى قاراش: شافىئىي مەزھەپ ئالىملىرى، زاھىرى مەزھەپ پىشىۋالىرىدىن ئىبنى ھەزىم قاتارلىق ئالىملار: بۇنداق قىلىش مۇتلەق توغرا ئەمەس، دۇرۇس بولمايدۇ دەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پىتىر سەدىقىسى مەلۇم بىر تۈردىكى يېمەكلىكتىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلۇ بولىدۇ دېگەن تېكىستنىڭ كۆرۈنۈشىدە توختايدۇ، ئەگەر بىر يېمەكلىكتىن يىرىم سا يەنى بىر يىرىم كىلۇ يەنە بىر يىمەكلىكتىنمۇ يىرىم سا  قىلىپ ئۈچ كىلۇنى تولۇقلاپ بەرسە، پىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا كەلگەن تېكىستنىڭ كۆرۈنۈشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەيدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمەجمۇئ"6/98-99-بەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئىمام شافىئى، ئىمام شىيرازى ۋە باشقا شاپئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى: بىر كىشىلىك پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بىر قانچە تۈرلۈك يېمەكلىكتىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلۇ قىلىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، بۇ خۇددى قەسەمنىڭ كاپارىتىدە ئون كەمبەغەلگە يېمەك بەرگەننىڭ ئورنىغا بەشكە يېمەك بېرىپ، يەنە بەشكە كىيىم بەرسە توغرا بولمىغانغا ئوخشاشتۇر، چۈنكى پىتىر سەدىقىسىدە بۇغدايدىن ياكى ئارپىدىن ياكى بۇ ئىككىسىدىن باشقا يېمەكلىكتىن بىر سا دىن بېرىشكە بۇيرۇلغان، ھەر بىرىدىن بىر سادىن بېرىشكە بۇيرۇلمىغان، شۇنىڭدەك قەسەمنىڭ كاپارىتىدىمۇ ئون كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىشكە بۇيرۇلغان، بەشكە يېمەك بېرىپ يەنە بەشكە كىيىم بەرسە، ئايەتتىكى ئون كىشىگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش دېگەن سۈرەت ئىپادىلەنمەيدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ مەزھەپنىڭ قارىشىدۇر"دېگەن. ["ئەلمۇغنى مۇھتاج"2/118-بەت، ۋە "تۆھپەتىل مۇھتاج "3/323-بەتكە قارالسۇن].

     ئىبنى ھەزىم "ئەلمۇھەللاھ" ناملىق ئەسەر 4/259-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىلىك پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن يېرىمىغا ئارپا ۋە يېرىمىغا خورما بەرسە توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ پۇلىنى بەرسىمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش پىتىر سەدىقىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرۇمىغان نەرسىنى بېرىشتىن ئىبارەتتۇر".

    ئىككىنچى قاراش: ھەنەفى مەزھەپ ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرى توغرا بولىدۇ ۋە كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ، ئۇلار تېكىستنىڭ مەنىسىنى ئاساس قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر قانچە تۈرلۈك يېمەكلىكتىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلۇ بولسا، كەمبەغەلگە كۇپايە قىلىشتىن، نەپسىنى پاكلاش ۋە سەدىقىنى بېرىشتىن ئىبارەت بولغان مەقسەت ئەمەلىيلىشىدۇ.

    ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ" پىقھى قائىدىلىرى" ناملىق ئەسىرىنىڭ 229-بەت 101-نومۇرلۇق قائىدىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىگە ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە، ئۇ كىشى ھەر ئىككى نەرسىدىن يېرىمدىن ئىلىپ كەلسە، بۇ پىتىر سەدىقىسىگە كۇپايە قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇنداق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ:

    -بىر كىشى قەسەمنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن بەش كىشىگە يېمەك بېرىپ يەنە بەش كىشىگە كىيىم بەرگەن بولسا، مەزھەپتىكى مەشھۇر قاراشتا توغرا بولىدۇ، كۇپايە قىلىدۇ.

    -ئەگەر پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك يېمەكلىكتىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلۇ بەرگەن بولسا بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە كۇپايە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ دېگەن قاراشتىن چىقىپ كېتىدۇ". ["ئەلئىنساپ"3/183-بەت، ۋە "ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين " 2/365-بەتكە قارالسۇن].

    بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئەگىشىپ بۇ مەسىلىدە ئىمام شافىئى ۋە ئىبنى ئابىدىين، ئىبنى ھەزمى قاتارلىق زاھىرى مەزھىبىنىڭ قارىشىنى تاللايمىز، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھسسالام پىتىر سەدىقىسىدە، ئارپىدىن ياكى خورمىدىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىكتىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلۇدىن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان.

     شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىيىنمۇ ساھابىلارمۇ شۇنداق قىلغان، ئەمما ئىككى تۈرلۈك نەرسىدىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلۇنى تولۇقلاپ ئادا قىلغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىغان بۇيرۇقىنى ئادا قىلمىغان بولدى.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى