دۇشەنبە 24 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 25 نويابىر 2024
Uygur

نامازدىكى ھەرىكەتلەر توغرىسىدا

سۇئال

بەزى كىشىلەر نامازدا كىيىملىرىنى ئوينايدىكەن، تىرناقلىرىنى تازىلايدىكەن، سائىتىگە قارايدىكەن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلىدىكەن، بولۇپمۇ بۇ ئىشلارنى ئىمام قىرائەت قىلىۋاتقاندا قىلىدىكەن، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشىلەرگە بىئارام بولۇش، خوشۇنى يوقىتىش قاتارلىق تۇيغۇلارنى بېرىدىكەن، بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ نامازدا ھاجەت ئۈچۈن بولمىغان ھەرىكەتلەرنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكىنى شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بەش تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى:

بىرىنچى قىسىم: ۋاجىپ بولغان ھەرىكەتلەر.

ئىككىنچى قىسىم: ھارام بولغان ھەرىكەتلەر.

ئۈچىنچى قىسىم: مەكرۇھ بولغان ھەرىكەتلەر.

تۆتىنچى قىسىم: مۇستەھەب بولغان ھەرىكەتلەر.

بەشىنچى قىسىم: مۇباھ بولغان ھەرىكەتلەر.

ۋاجىپ بولغان ھەرىكەتلەر: نامازنىڭ سەھىھ بولىشى ئۇ ھەرىكەتلەرگە توختىلىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان ئۆزىنىڭ كىيىمىنىڭ بىر تەرىپىدە نىجاسەت بارلىقىنى كۆرسە، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ نىجاسەتنى يوق قىلىشى ياكى نىجاسەت بولغان كىيىمنى سىلىۋېتىشى كېرەك. بۇنداق بولىشى: «بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايىغىغا نىجاسەت چاپلىشىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  نامازدا تۇرۇپلا ئايىغىنى سىلىۋېتىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 650-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “ئىرۋائۇل غەلىل”ناملىق ئەسەر 284 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

شۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشىگە قىبلىنىڭ غەيرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىلسە، دەرھال ھەرىكەت قىلىپ قىبلىگە يۈزلىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ھارام بولغان ھەرىكەتلەر: زەرۈرەتسىز ئۈزۈلدۈرمەي ھەرىكەتنى كۆپ  قىلىش، چۈنكى بۇنداق ھەرىكەت نامازنى بۇزىدۇ يەنى باتىل قىلىدۇ، نامازنى بۇزۇۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقتۇر.

مۇستەھەب بولغان ھەرىكەتلەر: ئۇ نامازدىكى مۇستەھەپ بولغان ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرىكەتتۇر، بۇ سەپ تۈز قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، ئالدىدىكى سەپتە بوش ئورۇن قالغان بولسا ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، بۇمۇ نامازنىڭ ئېچىدىكى ھەرىكەتلەردۇر، سەپ تولمىغان بولسا سەپنى توشقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش نامازدىكى مۇستەھەپ ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بولغانلىقى بۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەر نامازنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە نامازغا تۇرغاندا ئۇ كىشى سول تەرەپتە تۇرغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كەينى تەرەپتىن بېشىدىن تۇتۇپ ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىلغان» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

مۇباھ بولغان ھەرىكەتلەر: بۇ ھاجەت ئۈچۈن بولغان ئاز ھەرىكەتلەر ياكى زەرۈرەت ئۈچۈن بولغان كۆپ ھەرىكەتلەر، ئەمما ھاجەت ئۈچۈن بولغان ئاز ھەرىكەتلەرنىڭ مىسالى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغاندا قىز نەۋرىسى ئۇمامەنى كۆتۈرىۋالغان، قىيامدا تۇرغاندا كۆتۈرىۋالاتتى، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغاندا يېنىدا قوياتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 5996-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 543-ھەدىس].

ئەمما زەرۈرەت ئۈچۈن بولغان كۆپ ھەرىكەتلەر. ئۇنىڭ مىسالى ئۇرۇش ھالىتىدە ناماز ئادا قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلاةِ الْوُسْطَى وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ* فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالاً أَوْ رُكْبَاناً فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ ‏ تەرجىمىسى: «(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار، قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار» [سۈرە بەقەرە 239-238-ئايەتلەر].

ناماز ئادا قىلىۋاتقاندا مېڭىپ يۇرۇش بولسا ھەقىقەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن زەرۇرەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇباھ بولىدۇ، ناماز بۇزۇلمايدۇ.

مەكرۇھ بولغان ھەرىكەتلەر: بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەرىكەتلەردىن باشقا نامازدا بولىدىغان ئەسلى ھەرىكەتلەردىندۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن نامازدا ھەرىكەتلەنگەن كىشىگە: سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز مەكرۇھ، نامازنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىدۇ دەيمىز. بۇ ھەر بىر ئىنساندا كۆرۈلىدىغان ئىشلاردۇر.

نامازدا بەزى كىشىلەرنىڭ: سائىتىنى ئويناۋاتقان، قەلىمىنى ئويناۋاتقان، ياغلىقىنىڭ ئۈستىدىكى چەمبىرىكىنى ئويناۋاتقان، بۇرنىنى ياكى ساقىلىنى ئويناۋاتقان ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، بۇنىڭ ھەممىسى ناماز قىلىش مەكرۇھ بولغان ھەرىكەتلەردۇر، ئەگەر بۇ ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي كۆپلەپ قىلىۋەرسە ھارام بولىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن ناماز بۇزۇلىدۇ-باتىل بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: “نامازنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ مۇئەييەن بىر سانى يوق، بۇ نامازغا زىت كېلىدىغان ھەرىكەتلەردۇر. بۇ خۇددى بىر كىشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىنى كۆرسە بۇ ئادەم نامازدا ئەمەس ئىكەن دەپ قارايدىغان ھەرىكەتلەردۇر، بۇنداق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىش نامازنى بۇزىدۇ-باتىل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم-ئۆلىمالار بۇنى ئۆرپە-ئادەت بىلەن بېكىتىپ: “ھەرىكەت كۆپ بولسا ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلسا بۇ نامازنى بۇزىدۇ دېدى ئەمما ئۇ ھەرىكەتنىڭ سانىنى بېكىتمىدى، بەزى ئالىملار ئۈچ قېتىم سەۋەبسىز ھەرىكەت قىلىش دەپ قارىغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ دەلىلى يوق، چۈنكى ھەر قانداق بىر ئىشنى سانىنى بېكىتىش ۋە مۇئەييەن كەيپىياتىنى بېكىتىش ئۈچۈن چوقۇم دەلىل بولىشى كېرەك، بولمىسا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە دەلىلسىز ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. [“شەيىخنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 13-توم 309-311-بەت].

شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى نامازدا كۆپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نامىزى بۇزۇلامدۇ؟، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قايسى؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: “مۆمىن ئۈچۈن سۈننەت بولغان ئىش: ناماز پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن بەدىنى، قەلبى ۋە رۇھى بىلەن ئاللاھدىن قورققان ھالەتتە يۈزلىنىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ*الَّذِينَ هُمْ فِي صَلاتِهِمْ خَاشِعُون تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر» [سۈرە مۆمىنۇن 1-2-ئايەتلەر].

نامازنى تىنچ-خاتىرجەم ھالەتتە ئادا قىلىشى كېرەك، بۇ نامازنىڭ مۇھىم ئەركانى ۋە پەرىزلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازنى تىنچ-خاتىرجەم ھالەتتە ئادا قىلمىغان كىشىگە «قايتىپ نامازنى ئادا قىلغان، سەن ھازىر نامازنى توغرا ئادا قىلمىدىڭ». بۇ كىشى ئۈچ قېتىم ئوخشاش ھالەتتە تىنچ-خاتىرجەملىك يوق ھالەتتە ناماز ئادا قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى! مەن بۇنىڭدىن چىرايلىق ھالەتتە ناماز ئادا قىلالمايمەن، ماڭا تەلىم بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «نامازغا تۇرماقچى بولغاندا تاھارەتنى كامىل ئالغىن، ئاندىن قىبلىگە يۈزلىنىپ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتقىن، قۇرئان كەرىم ئۆزۈڭ بىلىدىغان ئاسان سۈرىلەرنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن، ھەتتا بەدەن ئەزالىرىڭ رۇكۇدا راۋرۇس بولسۇن، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ راۋرۇس ئۆرە تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلغىن، ھەتتا پۈتۈن بەدەن ئەزالىرىڭ سەجدىدە راۋرۇس بولسۇن، ئاندىن سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ راۋرۇس بىر ئولتۇرغىن ئاندىن يەنە بىر سەجدىنى قىلغىن، ھەتتا پۈتۈن بەدەن ئەزالىرىڭ سەجدىدە راۋرۇس بولسۇن، ئاندىن سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ راۋرۇس ھالەتتە ئۆرە تۇرغىن، نامىزىڭنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئەمەللەرنى قىلغىن» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: «ئۇ كىشىگە تەكبىردىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغىن ۋە ئاللاھ خالىغان ئايەتنى ئوقۇغىن» دەپ كەلگەن.

بۇ سەھىھ ھەدىس بولۇپ، تىنچ-خاتىرجەملىك نامازنىڭ بىر ئاساسى ۋە كاتتا پەرزى ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇكەممەل بولمىسا نامازنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كىمكى توخۇ چوقۇغاندەك ناماز ئادا قىلىدىكەن ئۇنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ، خۇشۇ دېگەن نامازنىڭ مېغىزى ۋە رۇھىدۇر، مۆمىن بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

نامازدىكى تىنچ-خاتىرجەملىككە ۋە خۇشۇغا زىت كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئۈچ ھەرىكەت دەپ بېكىتىشنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن ھېچ بىر دەلىلى يوق، بۇ پەقەت بەزى ئالىملارنىڭ تايىنىدىغانغا كۈچلۈك ئاساس بولمىغان قارىشىدۇر.

لېكىن نامازدا بۇرنىنى، ساقىلىنى ۋە كىيىملىرىنى ئويناپ تۇرۇش ۋە باشقا بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش مەكرۇھ بولىدۇ، ھەرىكەت كۆپ بولسا ناماز بۇزۇلىدۇ-باتىل بولىدۇ، ئەمما ئادەتتە ئاز بولسا، ياكى كۆپ بولسىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ-باتىل بولمايدۇ. لېكىن مۆمىن نامازدا خوشۇنى مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەرىكەت قىلماسلىق ۋە نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا ھېرىس بولىشى كېرەك.

ئاز ئىش ياكى ئاز ھەرىكەتنىڭ نامازنى بۇزمايدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن: ھەرىكەتنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن داۋاملاشماستىن بەلكى ئايرىم-ئايرىم ھالەتتە بولىشىدۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىشىكنى قاققاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىكى ھالىتىدە ئىشىكنى ئېچىپ قويغان». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى922-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 113-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى601-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 601-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەبى قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلغاندا قىز نەۋرىسى ئۇمامەنى كۆتۈرىۋالغان، قىيامدا تۇرغاندا كۆتۈرىۋالاتتى، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغاندا يېنىدا قوياتتى». [“ھەرەم ئۆلىمالىرى پەتىۋالىرى”162-164-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى