بۇ قىزچاققا گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئىنسانغا كېسەللىك يەتسە، روزا تۇتۇش قېيىن بولسا ئۇ ۋاقىتتا روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ شەرىئەتنىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى ياقتۇرمىغاندەك، ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلغانلارنى ياقتۇرىدۇ.
ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، رۇخسەتكە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇ كىشى گۇناھكار بولماستىن بەلكى ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! سىزنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن روزىنى بۇزغانلىقىڭىزغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ".
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.