پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەيزدار ئايال ئۆمرىگە ئېھرام كىيىپ ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىپ، پاك بولغاندىن كېيىن تاۋاپ قىلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئۆمرە-ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىمدا ئادەت كۆرۈپ قالدىم، ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىپ، چېچىمنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىپ نىقابىمنى كىيدىم، بىر قانچە كۈن ساقلاپ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەبىنى تاۋاپ قىلدىم، مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم، ھەجگە كەلگەن ئايالمۇ ئادەت كۆرۈپ قالسا، ھەممە پائالىيەتنى ئادا قىلىپ بولۇپ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن تاۋاپ قىلىدىغانلىقىغا ئاساسلانغان ھالدا بولدى، مەن توي قىلمىغان قىز، مېنىڭ قىلغان ئىشىم توغرا بولغاندىمۇ؟، بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىز ھەيزدار ھالەتتە تۇرۇپمۇ بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كىيىپ كەلگەن بولسىڭىز، توغرا ئىش قىلغان بولىسىز، ئاياللارنىڭ ھەيز-نىپاسلىق ھالىتىدە ئېھرام كېرىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن چىقىپ مەدىنە ئەھلى ئېھرام كىيىدىغان زىل ھۇلەيپە دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا بوشاندى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىرسىنى ئەۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يۇيۇنۇپ، نىپاسنىڭ قېنىدىن ساقلىنىش ھازىرلىقىنى قىلىپ، ئېھرام كىيسۇن دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

    ھەزيدار ھالەتتە تاۋاپ قىلىشتىن چەكلىنىسىز، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ مەككىگە ئاز قالغاندا، ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا: ھەيزدىن پاك بولمىغۇچە كەبىنى تاۋاپ قىلمايسىز، ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىلار قىلىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىسىز دېگەن.  [بۇخارى رىۋايىتى 1650-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1211-ھەدىس].

    لېكىن سىزنىڭ ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش بىلەن چاچنى قىسقارتىشنى تاۋاپتىن بۇرۇن قىلىشىڭىز توغرا بولماپتۇ، چۈنكى ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىشنى تاۋاپتىن بۇرۇن قېلىۋېتىش دېگەن كۈچلۈك قاراشتا، ئۆمرىگە ئەمەس بەلكى ھەج قىلغۇچىغا خاس بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدار بولۇپ قالغاندا ئۆمرە قىلمىدى، ئېھرامدىن چىقىپ، چاچنى قىسقارتىش بولسا، تاۋاپنى قىلىپ ۋە ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قىلىش چەكلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پىديە قىلىش لازىم بولىدۇ.

   شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش تاۋاپتىن كىيىن بولىدۇ، ئۇنى تاۋاپتىن بۇرۇن قىلىشنىڭ شەرتلىرى بارمۇ؟ دېگەندە، جاۋاپ بېرىپ: شۇنداق بۇنىڭ شەرتلىرى بار، ئەگەر ساپا-مەرۋىنى تاۋاپتىن بۇرۇن قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە تاۋاپتىن كېيىن قايتىدىن ساۋا-مەرۋە قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى سەئيىنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغاندۇر.

    ئەگەر بىرسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: بىرسى: مەن تاۋاپ قىلىش بۇرۇن ساپا-مەرۋىدە سەئى قىلغانتىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ھازىر تاۋاپ قىلغىن بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق دېگەنغۇ؟ دېسە، ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: ئۇ ھەجدە بولغان ئۆمرىدە ئەمەس .

    ئەگەر ھەج قىلىش توغرا بولغان ئىش، ئۆمرىدىمۇ توغرا بولىدۇ، پەقەت دەلىل بىلەن ئايرىلىدۇ، چۈنكى تاۋاپ قىلىش ۋە سەئى قىلىش ھەجدىمۇ ۋە ئۆمرىدىمۇ پەرز تۇرسا؟ دېسە، بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: بۇنداق سىلىشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۆمرە قىلغاندا تەرتىپنى بۇزۇش ئەمەلنى تولۇق بىكار قىلىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۆمرىدە پەقەت تاۋاپ، سەئيى ۋە چاچنى قىسقارتىش ياكى تولۇق ئالدۇرۇش بار بولۇپ بۇنى ئىلگىرى-كېيىن قىلىش توغرا بولمايدۇ، ھەجدە بولسا تەرتىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالسىمۇ بۇنىڭ ھەجگە تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ھەج قىلغۇچى بىر كۈندە بەش تۈرلۈك ئەمەلنى قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمرە پائالىيىتىنى ھەج پائالىيتىگە سىلىشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

    بەزىلەر ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىنىڭ كاتتا ئالىمى ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھنىڭ ۋە باشقا بەزى ئۆلىمالارنىڭ ئۆمرىدە تاۋاپتىن ئىلگىرى ساپا-مەرۋە قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا رۇخسەت قىلغان دەيدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار ئەگەر ئىنسان ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلغان بولسا بولىدۇ ئەمما ئېسىدە بار ۋە بىلىپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلسا توغرا بولمايدۇ دەيدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ"7-توم 273-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ: ئۆمرىدىمۇ ھەجگە ئوخشاش ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىشنى تاۋاپتىن ئىلگىرى قىلسا توغرا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولغان.

     شەيخ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش ھەججىدە، ساھابىلار قۇربان ھېيت كۈنىدىكى شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چاچنى قىسقارتىش ياكى تولۇق ئالدۇرۇش، تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئىلگىرى-كېيىن قىلغانلىقى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھېچ گەپ يوق دېگەن. بۇ مۇتلەق جاۋاپ بولۇپ، ھەج-ئۆمرىدە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىشنى تاۋاپتىن بۇرۇن قىلىشمۇ مۇشۇ جاۋابنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ دەيدۇ، بىر قىسىم ئۆلىمالارمۇ شۇنداق دېگەن.

    ئۇلارنىڭ دەلىلى بۇ ھەدىستۇر: ئەبۇ داۋۇد توغرا ئىسناد بىلەن ئۇسامە ئىبنى شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەجدە بەزى ئەمەللەرنى بەزىسىدىن بۇرۇن قىلغانلىق توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھېچ گەپ يوق دېگەن. بۇ ھەج ۋە ئۆمرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمى بىر جاۋاپ بولۇپ، بۇ ھەجدە توغرا ۋە ئۆمرىدە توغرا ئەمەس دەيدىغانغا ئوچۇق سەھىھ ھەدىس يوق، شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج-ئۆمرە پائالىيتىدە قىلغانلىرىغا ئاساسەن، ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن يىراق بولۇش ۋە ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن تاۋاپتىن كېيىن قايتىدىن ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ تەقىيىددىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: تاۋاپتىن سەئيى قىلىش ئۆز ئورنىدا سۈننەتكە مۇۋاپىق قىلىشتۇر دېگەن سۆزىدىن بۇنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تاۋاپتىن بۇرۇن قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق، بۇنى ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى" 3-توم 39-بەتتە ئەتا ئىبنى رەباھتىن ھەج-ئۆمرىدە مۇتلەق دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى، ئىمام ئەھمەدتىن ئۇنتۇپ قالغان كىشى توغرىسىدىكى ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىنى نەقىل قىلىپ ئوچۇق بايان قىلدى". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"17-توم 339-بەت].

     شەيختىن: ھەج ياكى ئۆمرىدە ساپا-مەرۋىدە سەئى قىلىشنى تاۋاپتىن ئىلگىرى قىلىش توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېگەن:" سۈننەت بويىچە ئالدى بىلەن تاۋاپ قىلىپ ئاندىن ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش كېرەك، ئەمما بىلمەسلىكتىن تاۋاپتىن بۇرۇن سەئيى قىلغان بولسا، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى: مەن تاۋاپ قىلىشتىن بۇرۇن سەئيى قىپتىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ھېچ گەپ يوق دېگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن تاۋاپتىن بۇرۇن سەئيى قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ، لېكىن سۈننەت بويىچە دەسلەپتە تاۋاپ قىلىپ ئاندىن سەئيى قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ھەجدىمۇ ۋە ئۆمرىدىمۇ سۈننەتتۇر". [ئىبنى باز پەتىۋالىرى"17-توم 337-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆمرىدە بىلمەسلىكتىن تاۋاپتىن بۇرۇن سەئيى قىلغان بولسا ئۇ كىشىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تاۋاپ قىلىشتىن بۇرۇن چاچنى قىسقارتىشمۇ چەكلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ بۇ ھۆكۈمنى بىلمەستىن قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن پىديە كەتمەيدۇ، چېچىڭىزنى ھازىر يەنە بىر قېتىم قىسقارتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر قايتىش ئىمكانىيىتى بولسا، دەسلەپتە تاۋاپ قىلىپ، ئاندىن سەئيى قىلىپ، ئاندىن چېچىڭىزنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن بەك ياخشى، چۈنكى سىز ئىشەنچ بىلەن ئېھرامدىن چىقىسىز ۋە مۇكەممەل شەكىلدە ئۆمرە قىلغان بولىسىز.

    ئەگەر مەككىگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ھازىر چېچىڭىزنى قىسقارتقان بولسىڭىز، ئاللاھ خالىسا توغرا شەكىلدە ئۆمرە قىلغان بولدىسىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى