دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

ئايالنىڭ ئەۋرىتىدىن يەل چىقىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى پەرقلىق قاراشلار

سۇئال

ھەممەيلەنگە مەلۇم:  بەزى ۋاقىتلاردا بەزەن ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىدىن يەل چىقىپ كېتىدۇ، بۇ يەل بەزىدە ئاۋازلىق بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا ئاۋازسىز بولىدۇ، سىلەر ئىلگىرىكى پەتىۋادا بۇنىڭ بىلەن تاھارەتنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدىڭلار، مېنىڭ سوئالىم بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئايالدىن ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋە ھالەتلەردە بۇنداق يەل چىقىش داۋاملاشقان بولسا، (ئولتۇرغان ياكى ھەرىكەتلەنگەن ياكى ناماز ئادا قىلىۋاتقان ھالەتلەردە)، ئەڭ قىيىن بولغىنى نامازدا بولسا بۇ يەلنىڭ چېقىش ئورنىنى ئايرىيالمايدۇ.  ئالدىدىن چىققان بولسا نامازنى داۋام قىلامدۇ  ياكى كەينىدىن چىققان بولسا يېڭىدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنى قايتىدىن ئادا قىلامدۇ؟ بۇنى ئايرىيالمايدۇ، ئايال بۇنداق ھالەتتە قانداق قىلىدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق ھالەت نامازدا خۇشۇنىڭ بولماسلىقى ۋە زېھنىنىڭ چېچىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، بۇ يەلنى ئالدى تەرىپىدىن چىقتى دېگەننى كۇچلاندۇرۇپ نامازنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى بۇ يەل يۈزدە يۈز كەينىدىن چىقتى دېگەننى كۇچلاندۇرۇپ نامازنى بۇزۇپ، بېرىپ تاھارەت ئىلىپ كېلىپ نامازنى يېڭىدىن باشلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئايالنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىققان يەلنىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقى توغرىسىدا پىقھى ئالىملار ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

بىرىنچى قاراش: تاھارەتنى بۇزىدۇ، بۇ شاپىئى، ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزىدۇر.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەرنىڭ ياكى ئايالنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ياكى كەينى تەرىپىدىن چىققان نەرسە تاھارەتنى بۇزىدۇ، چىققان نەرسە، چوڭ تەرەت، كېچىك تەرەت، يەل، قۇرۇت، قان، يېرىڭ، تاش، ياكى باشقا نەرسىلەر بولسۇن ئادەتتە چىقىدىغان نەرسە بىلەن كەمدىن كەم كۆرۈلىدىغان نەرسىنىڭ چىقىش ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، يەل ئايالنىڭ ۋە ئەرنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىقسۇن ياكى كەينى تەرىپىدىن چىقسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. بۇنىڭغا ئىمام شاپىئى “ئەلئۇم” ناملىق ئەسىرىدە دەلىل بايان قىلغان، شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى بۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلگەن”.  [“ئەلمەجمۇ” 3 -توم 2 -بەت. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىنىڭ “تۆھپەتۇل مۇھتاج”  1 -توم 127 -بەتكە قارالسۇن].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سالى ئاتىسىدىن نەقىل قىلغان ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىدىن يەل چىققانلىق توغرىسىدىكى مەسىلىدە:  ئىككى يولنىڭ بىرىدىن ھەر قانداق نەرسە چىقسا تاھارەت بۇزۇلىدۇ دېيىلگەن”.

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دەيدۇ: ” ئەرنىڭ زەكىرىدىن ۋە ئايالنىڭ پەرجىدىن يەل چىقسا تاھارەت بۇزۇلىدۇ”. [ “ئەلمۇغنى”  1 -توم 125 -بەت. مىرداۋىينىڭ “ئەلئىنساپ”  1 -توم 195 -بەتكە قارالسۇن].

ئىككىنچى قاراش:  تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، بۇ ھەنەپىي ۋە مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.

“رەددۇلمۇختار” 1 -توم 136–بەتتە مۇنداق كەلگەن: “ئەرنىڭ زەكىرىدىن يەل چىقىش بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەقىقى يەل چىقىدىغان ئورۇن ئەمەس، گەرچە يەل چىققان تەقدىردىمۇ، ئۇ نىجاسەتنىڭ ئورنىدىن قوزغالمىغان، بۇنىڭ بىلەن  تاھارەت بۇزۇلمايدۇ”. “[بەدائى سەنائى” 1 -توم 25 -بەتكە قارالسۇن.]

مالىكى مەزھىپىدىكى ئالىم دەردەرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئادەتتە چىقىدىغان نەرسە ئىككى يولنىڭ غەيرىدىن چىقسا، ئېغىزدىن ياكى سۈيدۈك دۇبۇردىن چىقسا ياكى ئالدىدىن يەنى ئايالنىڭ پەرجىدىن، ياكى بەدەندىكى باشقا بىر تۆشۈكتىن چىققان بولسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ”. [ “شەرھىل كەبىر مەئە ھاشىيەتىل دۇسۇقى”  1 -توم 118 -بەت. ]

بۇ يەل مەسىلىدە كۈچلۈك ئىختىلاپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن، شەكسىز مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش كېرەك، چۈنكى بۇ قاراش ئېھتىيات تەرەپتىن ۋە مەسىلىنىڭ كۆرۈنۈشىگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پەقەت يەلدىن ياكى ئاۋازدىن تاھارەت ئېلىنىدۇ» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى74-ھەدىستە بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ  “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” 7572 -كەلتۈرگەن. ]

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋە باشقا ئالىملار بۇھەدىسنى ۋە باپتىكى بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەرنى يەل ئالدى تەرەپتىن چىقسا تەرەتنىڭ بۇزىلىدىغانلىقىغا دەلىل قىلغان.

ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” بۇ، تاھارەت ئېلىش ئاۋازنى ئاڭلىغان ياكى پۇراقنى پۇرىغان كىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان بولسا، تاھارىتى بارلىقىغا قەسەم قىلدۇرسا قەسەم قىلىپ بېرەلەيدىغان دەرىجىدە ئىشەنچ قىلسا، ئۇ كىشىگە تاھارەت ئىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، يەنە مۇنداق دېدى:  ئايالنىڭ پەرجىدىن يەل چىقسا، ئۇ ئايالغا تاھارەت ئىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ ئىمام شاپىئى ۋە ئىسھاقنىڭ سۆزىدۇر”.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىدە چىققان يەلنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يەل ئالدىدىن چىقتىمۇ ياكى كەينىدىن چىقتىمۇ ئەگەر كەينىدىن چىققان بولسا بىردەكلا تاھارەت بۇزۇلىدۇ، ئەگەر ئالدىدىن چىققان بولسىمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تاھارەت بۇزۇلىدۇ. تاھارەت ئېلىۋېتىش تەرىپى كۈچلۈك بولىدۇ، بولۇپمۇ يەلنىڭ ئەسلى ئورنى كەينى تەرەپ بولغانلىقىدىن، ئەمما كەينىدىن باشقا ئەزادىن چىقىشى كەم ئۇچرايدىغان نادىر مەسىلە بولغانلىق ئۈچۈن بەزىلەر بۇنىڭغا كۆرە تاھارەت بۇزۇلمايدۇ دېگەن.

ئىككىنچى:  ئەگەر بۇنداق شەكىلدە يەل چىقىش ھەرقانداق ھالەتتە ۋە شەكىلدە داۋاملاشقان بولسا، بۇ ئايال ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا يەلنىڭ كەينىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنچ قىلسىمۇ ھەر نامازغا نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئايرىم تاھارەت ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پەرز نامازنى ۋە خالىغانچە نەپلە نامازلارنى ئادا قىلىدۇ، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن ھالەتتە چىققان يەل ئۈچۈن قايتىدىن تاھارەت ئىلىش كېرەك بولمايدۇ.

شەيخ شەنقىيتىي رەھىمەھۇللاھدىن: ئايرىم-ئايرىم ۋاقىتتا، كۆپ ھاللاردا ئايالنىڭ پەرجىدىن يەل چىقسا بۇنىڭ بىلەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا تاھارەت ئالامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان مەشھۇر مەسىلە، ئەۋرەت يەل چىقىشتا دۇبۇرنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ؟، بەزى ئالىملار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) ئەۋرەتتىن چىققان يەلنىڭ ھۆكمى كەينىدىن چىققان يەلنىڭ ھۆكمىدۇر. بۇ ئوخشاشنى ئوخشاشقا قاتقانلىق تەرەپتىن كۈچلۈك قاراشتۇر ۋە ئېھتىيات تەرەپتىنمۇ شۇنداقتۇر.

لېكىن ئايالدىن بۇ ئىش داۋاملاشسا، بۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىق، مۇشەققەت كېلىپ چىقسا، بۇ ۋاقىتتا ئايال خۇن كېسىلى بولغان ئايالنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، خۇددى خۇن كېسىلى بولغان ئايالدىن قان كېلىپ تۇرسىمۇ ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىلاپ تاھارەت ئالغاندەك، يەل چىقىدىغان ئايالمۇ ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىلاپ تاھارەت ئالىدۇ ئۇنىڭدىن كېيىن يەل چىقىپ تۇرسىمۇ مەيلى، سۇيدۇك توختىمايدىغان ۋە كەينى تەرەپتىنمۇ يەل توختىمايدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئىبادىتى ئۈچۈن ئېھتىيات يولىنى تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر”. [ “شەرھى زادىل مۇستەقنى”].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى