جۈمە 21 رامىزان 1446 - 21 مارت 2025
Uygur

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئۆرنەكلەر توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئۆرنەكلەر قانداق بولغان؟، مەن ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىن ئىككى تۈرلۈك ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىدىن كېيىن نېمە ئىش قىلاتتى؟، ناشتىلىقتا نېمە يەيتتى ۋە قانداق ۋاقىتتا ناشتا قىلاتتى؟، يېمەك-ئىچمەكتىكى ئەدەپ-ئەخلاقى قانداق ئىدى؟، چۈشتىن كېيىن  ئۇخلىغىچە ۋە تەھەججۇت نامىزىدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلاتتى؟. سۆزۈمنىڭ خۇلاسىسى:  مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشتىن بۇرۇنقى ۋە چۈشتىن كېيىنكى ئىككى ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاڭ يورۇغاندا ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتە بامدات نامىزىنى ئادا قىلاتتى، كۈن چىققۇچە ناماز ئادا قىلغان جايدا ئولتۇرۇپ زىكىر-تەسبىھ ئېيتاتتى، ساھابىلارمۇ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى، ئۇلار بەزى ۋاقىتلاردا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭ قىلىپ كۈلۈشۈپ، بىر-بىرىگە تەبەسسۇم قىلىشاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشكا نامىزى ئوقۇيتتى، بەزىدە تۆت رەكەت ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە ئوقۇيتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشكا نامىزى ئوقۇيتتى، بەزىدە تۆت رەكەت ياكى ئاللاھ خالىغان مىقداردا ئۇنىڭدىن زىيادە ئوقۇيتتى» [مۇسلىم رىۋايىتى719-ھەدىس].

ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە بولغان ۋاقىتتا ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، قوينى ساغىتتى، كىيىم-كىچىكىنى يامايتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى، ناماز ۋاقتى يېقىنلاشقاندا مەسچىتكە چىقىپ كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرەتتى، نامازدىن كېيىن ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى، قۇرئان ئايەتلىرىنى تەلىم بېرەتتى، ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىشلار بولسا ئەسلىتەتتى، ئۇلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلاتتى، ئاندىن باشقا ئىشلار بولمىسا ئۆيگە قايتىپ كېرەتتى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە ئىشلارنى قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسانلاردىن بولغان بىر ئىنسان، ئۆيدە كىيىمىنى يامايتتى، قوينى ساغىتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى، دېگەن »  [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 26194-ھەدىس].

بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ  "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى " 671-ھەدىس].

ئىمام ئەھمەدنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە كىيىمىنى يامايتتى، ئايىغىنى تىكەتتى، ئەرلەر ئۆيدە قىلىشىپ بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى» دەپ كەلگەن. 24903 -ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 4937 -نومۇرلۇق ھەدىس].

تابىئىنلاردىن ئەسۋەد دېگەن كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە ئىشلارنى قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىدا بولاتتى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، ناماز ۋاقتى يېقىنلاشقاندا مەسچىتكە چىقىپ كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرەتتى» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى676-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ بىر تاماقنى ئەيىپلىمەيتتى، كۆڭلى تارتسا يەيتتى، كۆڭلى تارتمىسا يېمەيتتى، بەزى ۋاقىتتا ئاي-ئايلار ئۆتۈپ كېتەتتى، ئۆيدە يەيدىغانغا خورما بىلەن سۇدىن باشقا نەرسە بولمايتتى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ تاماقنى ئەيىپلىمەيتتى، كۆڭلى تارتسا يەيتتى، كۆڭلى تارتمىسا يېمەيتتى» [بۇخارى رىۋايىتى3563-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2064-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئايغا قارايتتۇق، ئاندىن يەنە ئايغا قارايتتۇق، ئىككى ئايدا ئۈچ قېتىم يېڭى ئاينى كۆرەتتۇق، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىدە يېمەك ئۈچۈن ئوچاققا ئوت يېقىلمايتتى». ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير:  ئى ھامما!  تۇرمۇشۇڭلارنى قانداق ئۆتكۈزەتتىڭلار يەنى نېمە يەيتتىڭلار؟ دېسەم، خورما يەپ سۇ ئىچەتتۇق، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارى خوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈت ئېلىپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئۇ سۈتتىن بېرەتتى».  [بۇخارى رىۋايىتى 3567 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2972-ھەدىس] .

ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمە بىلەن ناشتا قىلىدىغانلىقى تەپسىلى بايان قىلىنمىغان.

ئىلگىرىكى زاماندىكى مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ھەر كۈنى ئۈچ ۋاقىت يېمەك يېمەيتتى، ئۇلار ئىككى ۋاقىت يېمەك يەيتتى، كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە بىر يەيتتى، بۇنى غىزا دەيتتى، چۈنكى بۇ، كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە يېيىلگەنلىكتىن شۇنداق ئاتىلاتتى، كەچ تەرەپتە يەنە بىر ۋاقىت يەيتتى، بۇ، ئەشا يەنى كەچلىك يېمەك دېيىلەتتى.

كىشىلەرنى بىرەر مۇھىم ئىش ئۈچۈن توپلىماقچى بولسا"نامازغا جامەگە كېلىڭلار" دەپ چاقىرىلاتتى، ئاندىن ئۇلارغا مەقسەت قىلغان ئىشنى بايان قىلاتتى، بىر يەرگە قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسا، شۇ يەردىن ئەۋەتەتتى، بىرەر ئىشنى ئەسلەتمەكچى بولسا، ئەسلىتەتتى، شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىن خەۋەر بەرمەكچى بولسا، ئۇنىڭدىن خەۋەر بېرەتتى، ئىشلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلاشتۇراتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن چۈش ۋاقتىدا  بىر ئاز ئارام ئالاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «چۈش ۋاقتىدا ئازراق ئارام ئېلىڭلار، شەيتان ئارام ئالمايدۇ» دېگەن. تەبرانى"ئەلئەۋسەت"تە28 -ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى " 1647 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورايتتى، بازارلاردا مۇئامىلە ئىشلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرەتتى، ئۇلار بىلەن بىر سورۇنلاردا بىرگە ئولتۇراتتى، كېسەللەرنى زىيارەت قىلاتتى، چاقىرغان جايغا باراتتى، ئاجىز-مىسكىن، بىچارە كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدە بولاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن كۈنى ئاساسەن دىننىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بىلەن ئۆتەتتى، دەۋەت قىلىش، نەسىھەت قىلىش، ئەسلىتىش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يەتكۈزۈش، جىھادقا يولغا سېلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىقلار. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازاردا بىر دۆۋە ئاشلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بارماقلىرىنى ئاشلىقنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزگەن ئېدى، بارماقلىرى نەم بولۇپ چىقتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاشلىقچى!  بۇ نېمە ئىش؟ دېگەن ئېدى، ئۇ كىشى:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  ئاشلىق يامغۇردا قالغانتى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئۇنى ئاشلىق ئۈستىدە قىلساڭ بولمامدۇ؟ كىمكى ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى102-ھەدىس].

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا مۇنداق دېگەن: «يۇرۇڭلار! بەنى ۋاقىپ ئايمىقىدىكى كۆزى ئەما كىشىنى يوقلاپ كېلەيلى». [ بەيھەقى رىۋايىتى 20851 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى "  521 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىكىر-تەسبىھنى كۆپ قىلاتتى، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاتتى، نامازنى قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ، ئۇزۇن ئوقۇيتتى، خۇتبىنى ئىخچام-قىسقا قىلاتتى، تۇل خوتۇن، پىقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇلار  بىلەن بىرگە مېڭىشتىن باش تارتمايتتى».  [نەسائى رىۋايىتى 1414-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ" نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا كەلتۈرگەن.

كەچ كىرگەندە جامائەتكە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بېرەتتى، مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار مۇھىم ئىشلار بولۇپ قالسا، پېشقەدەم ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە پىكىرلىشەتتى، باشقا ئىش بولمىسا ئۆيگە قايتىپ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئەھۋاللىشاتتى. بۇ توغرىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا مەنمۇ بار ئېدىم». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 178-ھەدىس. تىرمىزى169-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ رىۋايەت قىلغان.  شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ  "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل شەكىلدە ياشايتتى، دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئوينىشىپ قوياتتى، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلاتتى، خەج-خىراجەتلەرنى قىسىپ قويمايتتى، ئاياللىرىنى كۈلدۈرۈپ قوياتتى، ئاياللىرى ھەر ئاخشىمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قونۇپ قالىدىغان ئۆيگە جۇغلىشاتتى، بەزى ۋاقىتتا كەچلىك يىمەكنى بىرگە يەيتتى، ئاندىن ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە ئۇخلايتتى، يەكتەك-تونىنى سېلىۋېتىپ ئىشتان بىلەن ئۇخلايتتى، خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاياللىرى بىلەن ئازراق پاراڭ قىلاتتى، بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇراتتى".  ["تەپسىرى ئىبنى كەسىر"  2 -توم 242 -بەت.]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلايتتى، ئاندىن كېچىلىك ناماز ئۈچۈن تۇراتتى، ئارىلىقتا بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بامداتقا ئەزان ئوقۇغانغا قەدەر ئاللاھ خالىغان مىقداردا ناماز ئادا قىلاتتى، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالىدىغان سۈيى ۋە مىسۋاك تەييار قىلىنىپ قويۇلاتتى، كېچىدە تۇرغاندا ھاجەتخانىغا بېرىپ كېلىپ ئاندىن مىسۋاك قىلاتتى».  [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر كېچىسى ھاممام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە قوندۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر دەم پاراڭ قىلىشتى، ئاندىن ئۇخلىدى، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى بولغاندا، ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ مۇنداق دېدى: إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَاخْتِلاَفِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الأَلْبَابِ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار». [سۈرە ئال ئىمران 190 -ئايەت] .

ئاندىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ، مىسۋاك قىلىپ ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بامداتقا ئەزان ئوقۇغاندا ئىككى رەكەت سۈننەت ئوقۇپ ئاندىن مەسچىتكە چىقىپ جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بېرەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 4569-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى763-ھەدىس].

ئومۇمەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى قالايمىقان ھايات ئەمەس ئېدى، بەلكى ناھايتى توغرا ۋە رەتلىك، ئوتتۇراھال، ئەمەلىيەتچان، بەرىكەتلىك ھايات ئېدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر». [سۈرە ئەنئام  162 -ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى، ھاياتى خۇددى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتقاندەك، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە شەرىئىتىنى ئەمەلنى ئىپادىلەيدىغان بىر ھاياتتۇر.

سەئىد ئىبنى ھىشام ئىبنى ئامىر مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن خەۋەر بەرگەن بولسىلىرى؟ دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:  سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟ دېدى، مەن:  ئەلۋەتتە ئوقۇيمەن دېدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر يەنى قۇرئاندا بايان قىلىنغان بارلىق گۈزەل ئەخلاقلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدا مۇجەسسەملەنگەن دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى746-ھەدىس].

-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىكى ئەخلاقىنى بىلىش ئۈچۈن6503-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇخلاشتىكى ئەخلاقىنى بىلىش ئۈچۈن 21216 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سودا-سېتىقتىكى ئەخلاقىنى بىلىش ئۈچۈن 134621 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىم-كېچەك توغرىسىدىكى ئەخلاقىنى بىلىش ئۈچۈن 126692 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى