پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەيىزدار ۋە ئاجىز كىشىلەرنىڭ ۋىدا تاۋاپ قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھەيىزدار، تۇغۇت بىلەن نىپاسدار بولغانلار، ئاجىز ۋە كېسەل كىشىلەر ۋىدا تاۋاپى قىلىشى كېرەكمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ھەيىزدار، تۇغۇت بىلەن نىپاسدار بولغان ئاياللارغا ۋىدا تاۋاپى قىلىش لازىم ئەمەس، ئەمما ياشانغان ۋە كېسەل كىشىلەر كۆتۈرۈلۈپ ياكى بىر نەرسىگە چىقىرىلىپ ۋىدا تاۋاپى قىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەر ئاخىرىدا كەبىنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ چىقىپ كەتمەڭلار دېگەن.

يەنە بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە: كىشىلەرنىڭ مەككىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئاخىرقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇپ، بۇ ئىش ھەيىزدار ئاياللاردىن يەڭگىللىتىلدى دېيىلگەن.

يەنە بىر ھەدىستىمۇ نىپاسدار ئاياللار ھەيىزدار ئاياللارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارغىمۇ ۋىدا تاۋاپى قىلىش لازىم ئەمەس دېيىلگەن.

مەنبە: "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى "11-توم 307-بەت