جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

توغرا بولمىغان مۇھىتتا پەرزەنت تەربىيلەش توغرىسىدا

217409

تارقاتقان ۋاقىت : 22-02-2019

كۆرگۈچىلەر : 2527

سۇئال

مەن ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىشقا ئۇرىنىمەن، لېكىن ئايالىم ئىسلام توغرىسىدا بەزى ناچار نەرسىلەرنى دەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە ئۇرىنىمەن، ئۇ مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئوقۇغان مەن بولسام تولۇق ئوقۇمىغان، مەن دائىم دىنىمنى ئۆگىنىشكە ۋە قۇرئان-ھەدىسنى چۈشىنىشكە ئۇرىنىمەن، لېكىن ئاخىرىدا تولۇق نەتىجە قازىنالمايمەن، مېنىڭ ئالتە بالام بولۇپ كىچىكى توققۇز ياشنىڭ ئاستىدا، چوڭى ئون ئۈچ ياشنىڭ ئۈستىدە، مەن قانداق قىلغاندا دىنى تەلىماتلارغا بەك ئەمەل قىلىدىغان بولالايمەن؟، قانداق قىلغاندا بۇ تەلىماتلارنى پەرزەنتلىرىمنىڭ دىلىغا ئورناشتۇرىمەن؟، چۈنكى ئائىلىدىكى چوڭلار نامازنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ، بۇ ئىش بەزى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىرادەمنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىنسان دىندىن ۋە دىنى تەلىم تەربىيەدىن ھەرقانچە يىراقلىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىلىدا ياخشىلىق ئۇرۇقى ۋە توغرا ئاڭ ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇنى قوزغايدىغان ۋە ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغان بىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنى دىنىي دەۋەت قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش بىلەن باشلايدۇ.

    ئايالىڭىزنىڭ ئوقۇغانلىقى ئۇنى خاتالىق ۋە ئېزىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالمايدۇ، ئۇنىڭغا چىرايلىق ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇڭ، بۇ توغرىدا ئاللاھدىن ياردەم تىلەڭ، ئاللاھ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىڭىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ھەقنى كۆرىدىغان نۇر بىلەن يورۇتىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقەتكە ئەگىشىشنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سوراڭ.

     ئايالىڭىز ئوقۇغان ئىكەن، ئۇنىڭغا بوش ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشى ئۈچۈن ئىلمى ۋە دىنى كىتابلارنى ياكى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ ۋە قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئۇيغۇن كىلىدىغان پايدىلىق ماقالىلارنى تولۇقلاپ بېرىشكە ئۇرۇنۇڭ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ئايالىڭىزنىڭ دىلىنى ئېچىۋېتىدۇ، سىز ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز ۋە كېرەكلىك سەۋەپلەرنى قىلسىڭىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ بوشقا كەتكۈزمەيدۇ.

    ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز كىتابلار بىلەن بىرگە سۈرەتلىك سىنئالغۇ فېلىملىرى، ئاۋازلىق ۋەز-نەسىھەت ۋە دەرسلىكلەر بولۇپمۇ ئايالىڭىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ياكى ئېھتىرام قىلىدىغان شەيخلەرنىڭ لىنتىلىرىنى كەلتۈرۈپ قويۇڭ.

    ئى ئاللاھنىڭ قۇلى! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز ھازىر كاتتا جىھادتا تۇرىۋاتىسىز، دىننى قوغداش، ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە پەرزەنتىنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بىر مۇھىتتا، ئۇلارنىڭ دىنى ۋە مىللى كىملىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۈيۈك مەيداندا تۇرىۋاتىسىز، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزدە ۋە ئائىلىمىزدە ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىسىز، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋابىڭىز سىزنىڭ قىلغان تېرىشچانلىقىڭىز، ھەسسىڭىز ۋە تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ.

     سىز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ دىلىغا دىننى ۋە دىنى تەلىماتلارنى ياخشى كۆرىدىغان مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تىرىشسىڭىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك:

   1-ھەر كۈنى پەرزەنتلىرىڭىزگە ۋاقتىڭىزدىن كۆپرەك ئاجىرتىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىنىڭ بۈيۈكلىكى، تەلىماتلىرىنى سۆزلەپ بىرىڭ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىللارنى نۇرلاندۇرىدىغان گۈزەل سىيرەتلىرىنى كۆپرەك سۆزلەپ بىرىڭ، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى بۇنداق ۋەقەلەرنى ئاڭلاشقا بەك ئىشتىياق بولىدۇ، ئۇلارغا بەك يېقىن بولۇڭ، سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىزغا يېقىن بولىشىڭىز، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارغا كۆپ تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە سىز ئۇلارغا ئۈلگە بولىسىز.

   2-ئۆيىڭىزدە بىر تام دوسكىسى قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى، ھەدىس شىرىپلەر ۋە دىنى تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ئىبارىلەرنى يېزىپ قويۇڭ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بۇ خەتلەرنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ، بۇنى ئۆيدىكى ھەممەيلەن ئوقۇسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشى نەتىجىلەر ھاسىل بولىدۇ، بۇمۇ بىۋاستە بولمىغان نەسىھەتنىڭ يولىدۇر.

   3-سىزنىڭ ھەر كۈنى پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن قۇرئان كەرىمدىن مەلۇم مىقداردا ئوقۇش ئادىتى يىتىلسۇن چۈنكى قۇرئان كەرىم دېگەن نۇر ۋە ھىدايەتتۇر.

   4-ئىسلامى ئىپادىلەرنى ئىشلىتىشكە تېرىشىڭ، ئۇلارنى ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاق سۆزلىرىنى قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ، يىمەك-ئىچمەك، ئۇخلاش، تۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاقىتلارغا ئالاقىدار بولغان زىكىر-دۇئالارنى تەلىم بىرىڭ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى