سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن كېچىلىك نامازنى ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلمايتتى، مېنىڭ سوئالىم: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىغان ئون بىر رەكەت ناماز بولسا كېچىلىك ناماز ياكى تەھەججۈت نامىزى بولۇپ، تەراۋىھ نامىزى ئەمەس، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەھەججۈت نامىزى، ۋىتىر نامىزى ۋە تەراۋىھ نامىزى بۇنىڭ ھەممىسى كېچىلىك نامىزى ياكى تەراۋىھ نامىزى دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ، لېكىن تەراۋىھ نامىزى بولسا رامىزاندا ئوقۇلىدىغان كېچىلىك نامازغا خاس بولىدۇ.

     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى دېگەن سۆزى كېچىدە ئوقۇلىدىغان بارلىق نامازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەبى سەلەمە ئىبنى ئابدۇرەھمان رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندا ئوقۇيدىغان نامازلىرى قانداق؟ دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن، كېچىلىك نامازنى ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلمايتتى، قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ مۇكەممەل شەكىلدە تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ مۇكەممەل شەكىلدە تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ۋىتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن دىلىم ئۇخلىمايدۇ دېگەن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 3569-ھەدىس. مۇسلىم رىۋيىتى 738-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام بۇخارىنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان رىۋايىتىدە، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك نامىزى يەتتە رەكەت ۋە توققۇز رەكەت بولغان دېيىلگەن. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم بۇ ھەدىستىن كېيىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك نامىزى ئون ئۈچ رەكەت بولغان، تاڭ يورىغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيتتى دېگەن ھەدىسنى زىكىر قىلدى، زەيىد ئىبنى خالىدتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغدەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى رەكەت يەڭگىل ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۇزۇن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى دەپ ھەدىسنى بايان قىلدى ۋە ئاخىرىدا: بۇنىڭ ھەممىسى ئون ئۈچ رەكەت دېدى. قازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ:"بۇ ھەدىسلەر ئىبنى ئابباس، ئائىشە ۋە زەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرگىنىدىن خەۋەر بېرىشىدۇر".

ئۇ ساھابىلارنىڭ ھەر بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە ئوقۇيدىغان ئومۇمى نامىزىنى بايان قىلدى، بۇ تەھەججۈت نامىزى ۋە باشقا نامازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە ئوقۇيدىغان نامىزى يەتتە رەكەت ۋە توققۇز رەكەت بولغان" دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوقۇغان نامىزى مەقسەت قىلىنىدۇ دېدى.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن كېچىلىك نامازنى ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلمايتتى دېگەن سۆزىدىن بولغان مەقسەت، ئون بىر رەكەتتىن ئاشۇرماي ئوقۇش بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ۋاقىتتا قىلىدىغان ئادىتى دېمەكتۇر.

    ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى دېگەن سۆزى توغرىسىدا، ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئىككى تۈرلۈك ئېھتىماللىقنى بايان قىلدى: بىرى كېچىلىك نامازغا خۇپتەننىڭ سۈننىتىنى قېتىپ ئوقۇغانلىق، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەننىڭ سۈننىتىنى كېچىدە ئوقۇيتتى، يەنە بىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىلىك نامازنى يەڭگىل ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش بىلەن باشلاتتى، شۇنى قاتقان بولىشى مۇمكىن< ھاپىز ئىبنى ھەجەر: مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ قاراش كۈچلۈك دەيدۇ...". ["پەتھۇل بارىي"].

    بۇنىڭدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە ئوقۇيدىغان نامىزىنىڭ ھەممىسىنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوچۇق بولىدۇ، ئۆلىمالارمۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسىدىن مۇشۇ مەزمۇننى چۈشەنگەن.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 9036- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى