يەكشەنبە 23 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 24 نويابىر 2024
Uygur

سەدىقىنىڭ ساۋابى قاچان ھەسسىلەپ زىيادە بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

سەدىقىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا مۇكەممەل تولۇق ۋە ھەسسىلەپ ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى قايسى؟. مەسىلەن: بىر كىشى بىر ۋاقىتتا ئوتتۇز جۇنەي سەدىقە قىلسا بۇنىڭ ساۋابى كاتتا بولامدۇ ياكى ھەر كۈندە بىر جۇنەيدىن سەدىقە قىلىپ ئوتتۇز كۈندە ئوتتۇز جۇنەي سەدىقە قىلسا بۇنىڭ ساۋابى كاتتا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: سەدىقىنىڭ دەرىجسى يۇقىرى ۋە ئەجىر-ساۋابى ھەسسىلەپ زىيادە بولىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-سەدىقە مەخپى بولسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھېچ قانداق سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە يەتتە تۈرلۈك كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدە سايىدىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: ئۆزىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قىلغان سەدىقىسىنى سول قولى بىلمەيدىغان ھالەتتە مەخپى قىلغان كىشىدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 1423-ھەدىس].

2-كەمبەغەل-مىسكىنلەرنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغاندا  قىلىنغان سەدىقە. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئىشلاردىن: مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىگە خۇرسەنلىك كىرگۈزۈش ياكى ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئاچلىقىغا دەرمان بولۇش». [تەبرانىي “ئەلكەبىردە” 136436- كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 75406– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

3-مال-مۈلكى تولۇق بولغاندا ياكى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە سەكراتقا چۈشۈشتىن ئىلگىرى قىلغان سەدىقە. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى سەدىقىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تېنىڭ ساق، ئۆزۇڭ بېخىل، كەمبەغەل بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرگەن، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە قىلغان سەدىقىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ، سەل قارىمىغىن، جان ھەلقۇمغا كەلگەندە: پالانىغا مۇنچىلىك، پىستانچىغا مۇنچىلىك بولسۇن دەيمەن، ھەقىقەتەن مال ئۇلارنىڭ بولۇپ بولدى». [بۇخارى رىۋايىتى1419-ھەدىس].

4-سەدىقە قىلىنغۇچى يېقىنلىرىدىن بولسا، ئۈزۈلگەن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش بىلەن ئەجىر-ساۋاپ، پەزىلەتتە كاتتا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقىنىڭ ئەۋزىلى: دۈشمەنلىكنى يوشۇرىۋاتقان يېقىنلىرىغا قىلغان سەدىقىدۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 23530-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 21810– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

5- ئۆزى نەپىقە قىلىدىغان كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمىگەن ۋە ئۇلار مۇۋاپىق كەلگەن ئەھۋالدا، ئۆزى ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، باشقىلارغا قىلىنغان سەدىقىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر». [سۈرە ھەشىر 9-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانغا گۇناھ جەھەتتە ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋېتىش يېتەرلىكتۇر». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1692-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن، بۇ ھەدىس سەھىھ مۇسلىمدە 996-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلىنغان.

ئىمام بەغەۋىي “شەرھى سۈننە” 9-توم 342-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ھەدىستە: ئىنسان ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ خىراجىتىدىن ئارتۇق بىر نەرسىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ساۋاپقا ئېرىشىمەن دەپ ئۇلارنىڭ تەمىناتىنى سەدىقە قىلىۋەتسە، بۇ ئىش گۇناھقا ئۆزگىرىدۇ”.

6-پەزىلەتلىك ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا قىلىنغان سەدىقىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا بەك سېخى بولۇپ كېتەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى].

7-ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلغانغا ئوخشاش سەدىقىنىڭ تەسىرى ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولىدىغان ئىشلار. بۇ توغرىدا ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سەدىقىنىڭ ئەۋزىلى؛ مۇجاھىدلارنىڭ سايىدىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا قۇرۇلغان چېدىرلار، مۇجاھىدلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا خىزمەتچى بېرىش، مۇجاھىدلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ياراملىق تۆگە بېرىش». [تىرمىزى رىۋايىتى1627-ھەدىستە سەھىھ دەپ رىۋايەت قىلغان شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قايسى تۈردىكى سەدىقە ئەۋزەل دەپ سورالغاندا؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش» دېگەن، نەسائى رىۋايىتى3664-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن،

“پەيزىل قەدىر” 2-توم 37-بەتتە مۇنداق كەلگەن: تىيبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سەدىقىنىڭ ئەۋزىلى: دىنى ۋە دۇنيالىق پايدا-مەنپەئەتتە  ئومۇم بولغىنىدۇر”.

8-بىر تۈردىن بولغان جۈپ نەرسىنى سەدىقە قىلىش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر جۇپ نەرسىنى سەدىقە قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىكتىن كىرسەڭ ياخشى دەپ چاقىرىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايتىى1897-ھەدىس].

9-سەدىقە بىلەن بىرگە روزا تۇتقان، جىنازىغا ئەگەشكەن ۋە كېسەل يوقلىغان بولسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ تۆت تۈرلۈك ئىش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر كىشىدە بۇ تۆت تۈرلۈك ئىش جۇغلىشىدىكەن، ئۇ كىشى جەننەتكە كېرىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى1028-ھەدىس].

10-تەقۋادار ئالىمدىن قىلىنغان سەدىقە. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا تۆت تۈرلۈك كىشى ئۈچۈندۇر: ئاللاھ بىر بەندىگە مال ۋە ئىلىم ئاتا قىلدى، ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلدى، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىدى(يەنى سېلە-رەھىم قىلدى)، ئىلىم ۋە مالدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئەۋزەل ئورۇندا بولىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2325-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

11-ئۆزى بەك ياخشى كۆرگەن نەرسىنى سەدىقە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. “كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى” 26-توم 336-بەتتە مۇنداق كەلگەن: سەدىقىدە مۇستەھەپ بولغىنى: سەدىقە قىلىنغان مال سەدىقە قىلغۇچىغا بەك سۆيۈملۈك ۋە ياخشى كۆرەلگۈچى بولغان بولىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّى تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە ئال ئىمران 92-ئايەت].

قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سەلەپ سالىھلار بىر نەرسىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلاتتى.

12-ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەيرى-ئېھسان قىلىش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ يولىدا بىر دىنار نەپىقە قىلساڭ، قۇل ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىر دىنار نەپىقە قىلساڭ، مىسكىنگە بىر دىنار سەدىقە قىلساڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرگە بىر دىنار نەپىقە قىلساڭ، بۇنىڭدىن ئەجىر-ساۋابى ئەڭ كاتتا بولغىنى ئائىلەڭدىكىلەرگە نەپىقە قىلغىنىڭدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 995-ھەدىس].

13-قۇربانلىققا ئوخشاش شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ئورۇن ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قىلىنغان سەدىقىدۇر. قۇربانلىق قىلىش ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغاندىن ياخشىدۇر.

14-ئاز بولسىمۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ساۋابى داۋاملىق يىتىپ تۇرىدىغان سەدىقەدۇر.

چۈنكى بىر ئىش داۋام قىلسا ۋە ئۇلىنىپ تۇرسا ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىشىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ جارى بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە، باشقىلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىلىم ۋە ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەر بىلەن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنت». [مۇسلىم رىۋايىتى 1631-ھەدىس].

15-ئەڭ ياخشىسى ئىنسان تىزدىن ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن سەدىقە قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان نەرسىنى بېرىۋېتىشكە ئالدىرىشى كېرەك. سەدىقىنى تىزدىن بېرىۋەتسە ئۇ كىشى ئىككى تۈرلۈك ئاپەتتىن ساقلىنىدۇ: بىرى: ئۇ كىشىنى ياخشى ئەمەللىرىدىن ئۈزىۋېتىدىغان ئۆلۈم، يەنە بىرى: سەدىقە قىلىش ئىرادىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ أُولَئِكَ الْمُقَرَّبُونَ  تەرجىمىسى: «(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر، ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر». [سۈرە ۋاقىئە 10-11-12-ئايەتلەر».

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ يېنىمدا ئوھۇد تېغىدەك ئالتۇن بولۇپ ئۇنى سەدىقە قىلماي  ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتۈپ كېتىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى6268-ھەدىس].

بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «مېنىڭ يېنىمدا دىنار بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت قەرزىم بولسا ئۇنى ئۆتەش ئۈچۈن ئېلىپ قىلىپ قالغانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىمەن» دېدى.

ئاندىن مۇنداق دېدى: «دۇنيادا مېلى كۆپ بولغانلار قىيامەت كۈنىدە ئەجىردە ئاز بولىدىغانلاردۇر، پەقەت مالنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 6444-ھەدىس].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى