جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىپراد ھەججىنى نىيىتى بىلەن تاۋاپۇل قۇدۇم قىلىپ، ئۆمرە نىيىتى بىلەن سەئيى قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن ھەججى ئىپراد قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كېلىپ بىر بۆلەك ئىخلاسمەن ياشلار بىلەن بىللە ھەج قىلدىم، مەككىگە يىتىپ كەلگەندە، مەن ئۇلارغا: ھازىر نېمە قىلىمىز؟ دېسەم، ئۇلار: تاۋاپ قىلىپ، سەئيى قىلىمىز دېدى، مەن ئۇلارغا: يەنى ئۆمرە قىلىمىزمۇ؟ دېدىم مەن تاۋاپ قىلىپ ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن سەئيى قىلدىم، مەن تاۋاپ بىلەن سەئيىنىڭ ھەج ئۈچۈن بولىدىغانلىقى، مېنىڭ ئۆمرە قىلىشىمنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتىم، مېنىڭ قىلغان ھەججىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يالغۇز ھەج قىلىش دېگەن: ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆمرە قىلماستىن پەقەت ھەجنىلا مەقسەت قىلىشتۇر.

    بىرىنچى: يالغۇز ھەج قىلغۇچى مەككىگە كەلگەندە قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپىنى قىلىدۇ، بۇ شەكىلدە تاۋاپ قىلىش يالغۇز ھەج قىلغۇچى ئۈچۈن سۈننەتتۇر، ئۇنىڭدىن كىيىن ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا بۇ كىشى ھەجدىن بۇرۇن يەنى ئەرەپاتقا چىقىشتىن بۇرۇن ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلغان بولسا بۇ ھەجنىڭ سەئىسىغا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئەرەپاتتىن كىيىن سەئيى قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

   مالىكىي مەزھەب ئۆلىمالىرىدىن بەھۇتىي "كەششاپۇل قىننائ" 2-توم 411-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەججى ئىپراد قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى يالغۇز ھەجنىلا قىلىدۇ، ئەگەر ئىلگىرى پەقەت ئۆمرە قىلىپ باقمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەجدىن كېيىن ئۆمرە قىلىدۇ".

    "پىقھى توپلاملىرى"29-توم 121-بەتتە: قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپى توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن: "يالغۇز ھەج قىلغۇچى دەسلەپتە كەلگەندە قىلىدىغان تاۋاپ: قەدەم تەشرىپ قىلىش، يېڭىدىن كېلىش ۋە كەبىنى ھۆرمەت قىلىش تاۋاپى دەپ بىر قانچە ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ، چۈنكى مەككىگە سىرتتىن تۇنجى قېتىم كەلگەنلەر كەبىنى ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتنى تاۋاپ بىلەن باشلايدۇ، شۇنداقلا بۇ تۇنجى كېلىش ۋە دەسلەپكى ئۇچرىشىش تاۋاپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    ھەنەپىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا، قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپىنى مەككىگە سىرىتتىن يېڭىدىن كەلگەن كىشىلەرگە بەيتۇللاھنى ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەندىن كېيىن كېچىكتۈرمەستىن تىزدىن قىلىشى سۈننەت بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر سىز تاۋاپ قىلىپ، سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقماي، يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلغان ھالىتىڭىزدە قالغان بولسىڭىز، سىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىز توغرا بولىدۇ، سەئيى قىلغاندا ئۆمرىنى مەقسەت قىلغانلىقىڭىزنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، ئۆمرىنى ھەجگە كىرگۈزۈشنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

   "كەششاپۇل قىننائ"2-توم 412-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: دەسلەپتە ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ، ئاندىن كېيىن ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆمرە مەقسەت قىلغان ئېھرامى توغرا بولمايدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق ئېھرامنى كېيىش بىلەن قىران ھەج قىلغانمۇ ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېيگەن ئېھرامىغا بىر نەرسە لازىم كەلمەيدۇ. يەنى كىيىنكى نېيىتى ئېتىبارسىزدۇر.

     ئەگەر سىز ئېھرامدىن چىققان بولسىڭىز، يەنى چېچىڭىزنى تولۇق ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ئاندىن ئادەتتىكى كىيىملىرىڭىزنى كىيگەن بولسىڭىز، بۇ ئۆمرە بولىدۇ بۇمۇ خاتا ئەمەس، چۈنكى يالغۇز ھەج قىلغۇچى قۇربانلىق ئىلىپ كەلمىگەن بولسا ھەجنى مەقسەت قىلىپ كىيگەن ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشى ياخشى بولىدۇ، ئاندىن (تەرۋىيھ كۈنى) زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ھەجگە ئېھرام كىيىدۇ.

   "كەششاپۇل قىننائ"2-توم 415-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: قىران ھەجنى ياكى يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيگۈچى ئەگەر قۇربانلىق ئىلىپ كەلمىگەن بولسا ئۆزىنىڭ ھەجنى مەقسەت قىلغان ئېھرامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شۇ ئېھرام بىلەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلسا ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ھەجگە ئېھرام كىيىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ساھابىلىرىدىن قىران ياكى يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ قۇربانلىق ئىلىپ كەلمىگەنلەرنى ئۆمرە قىلىپ ئېھرامدىن چىقىشقا بۇيرىغان.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ ھەج نىيىتىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ، تەمەتتۇ ھەج قىلىشى توغرا قاراشتا تەكىتلەنگەن سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ"10-توم 315-بەت].

    ھەجنىڭ نىيىتىنى بۇزۇپ ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشنىڭ دەلىلى: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج ئەھۋالىنى بايان قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:" پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىپ ئاخىرىدا مەرۋىگە كەلگەندە: مەن ھازىرقى ئىشىمنى بۇرۇن بىلگەن بولسام قۇربانلىق ئىلىپ كەلمەيتتىم، ھەجنى مەقسەت قىلغان ئېھرامنى ئۆمۈرگە ئۆزگەرتەتتىم، سىلەردىن قۇربانلىق ئىلىپ كەلمىگەنلەر، ئىھرامدىن چىقىپ ھەج نىيىتىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتسۇن دېگەن ئىدى، ساھابىلاردىن سۇراقە ئىبنى مالىك ئىبنى جۇئشەم: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ بۇيرۇق مۇشۇ يىل ئۈچۈنمۇ ياكى ئەبەدىلىكمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنىڭ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇپ: ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ بۇنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىش ئەبەدىيلىك دەپ بۇ سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلىدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1218-ھەدىس].

    بۇنىڭدىن سىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىزنىڭ ئىككى ھالەتتە توغرا بولغانلىقى روشەنلىشىدۇ: دەسلەپتە يالغۇز ھەج (ھەججى ئىپراد) بولغان، كېيىن تەمەتتۇئ ھەججى بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەمەتتۇئ ھەج ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى