جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

يالغۇز قالسا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدۇ، بۇنىڭ چارىسى نېمە؟

سۇئال

مېنى ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىبىدىن قۇتقۇزۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئىسلام دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان، ھازىرمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق، لېكىن يالغۇز قالغاندا مېنىڭ مۇسىيبىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ناچار پىلىم، سۈرەت، ئەخلاقسىز سىن فېلىملىرىنى يوشۇرۇنچە ئاچىمەن، ئاللاھنىڭ مېنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ھەر قېتىمدا مۇشۇنداق ناچار ئىشنى قىلىمەن، پەقەت بۇنى كۆرۈش ئەمەس بەلكى قول بىلەن ئانانىزىم قىلىمەن، مەن توي قىلغان، پەرزەنتلىرىم بار، مەن ئۆزۈم بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا سادىر قىلىۋاتقىنىمنىڭ ھايۋانىي قىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بۇ قىلمىشىمنىڭ ياخشىلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈپ بەلكى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن، ناماز ئوقۇيمەن، تەۋبە قىلىمەن، بىر-ئىككى كۈن سەبىر قىلىمەن، ئاندىن يەنە قىلمىشىمغا قايتىمەن، كۆڭلۈمدە شۇ ناچار سۈرەت، فېلىملەرنى ئېچىش، كۆرۈش، پاھىشە قىلىشقا بولغان كۈچلۈك بىر رىغبەتنى ھېس قىلىمەن، نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن؟، مەن پەرۋەردىگارىم مېنى شۇ ھالەتتە ۋاپات تاپتۇرسا دوزاخقا كېرىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئۆزۈمنى تۇتالمايمەن. مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىزنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى تەكرار قىلىش بىلەن ئازابلىنىۋاتقان ئىچكى دۇنيارىڭىزنى چۈشىنىمىز، بۇ بىر ياخشىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، چۈنكى قەلبىڭىزنىڭ بىر تەرىپى كېسەللىكنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسا، يەنە بىر تەرىپى ساغلامدۇر. بۇ كېسەلنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوق قىلىشنىڭ چارىسى، پەقەت سىزنى ئاللاھقا ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىنى تاقاش ۋە سىزنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەندۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان يوچۇقلارنى ئېتىش بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ يَاعِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ  تەرجىمىسى: « ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن)ئېيتقىنكى،(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَامًا * يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا * إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا * وَمَنْ تَابَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَإِنَّهُ يَتُوبُ إِلَى اللَّهِ مَتَابًا  تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر، كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ). [سۈرە فۇرقان 68-71-ئايەتلەر].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئەلجاۋابۇل كافى"ناملىق ئەسىرىنىڭ 165 –بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى شۇنى بېكىتتىكى، ئاللاھنىڭ ئادالىتى ۋە پەزلى بىلەن گۇناھدىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.

     ئاللاھ تائالا شېرىكتىن، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ۋە زىنادىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ ناچار ئىشلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە كېپىل بولدى، بۇ ھەرقانداق گۇناھدىن تەۋبە قىلغۇچىغا ئومۇمدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ يَاعِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ  تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن)ئېيتقىنكى،(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

    ھېچ بىر گۇناھ بۇنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ پەقەت تەۋبە قىلغۇچىلارغا خاس بولىدۇ".

     ئاللاھ تەقۋادارلارنى قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلەپ: ئۇلار چوڭ گۇناھ سادىر قىلسا ياكى كىچىك گۇناھ سادىر قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا، ھەممىدىن غالىپ بولغان ۋە مەغپىرەت قىلغۇچى بولغان ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھدىن توختاپ ئاسىيلىقنى داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ * الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ * وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ * أُولَئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ  تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان،كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار . تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!. [سۈرە ئال ئىمران 133-136-ئايەتلەر].

    گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇش دېگەن: گۇناھقا يېقىنلىشىش، تەۋبە، ئىستىغپار قىلماستىن بىر قېتىم گۇناھ قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە گۇناھقا قايتىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەمما كىمكى گۇناھ قىلىپ، ئاندىن قىلغان گۇناھىغا سەمىمى تەۋبە قىلسا، ئاندىن ئاجىز كېلىپ قايتىدىن گۇناھقا قايتسا، ئاندىن سەمىمى تەۋبە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى گۇناھ بىلەن ئاسىيلىقنىڭ ۋە تەۋبە قىلىش بىلەن پۇشايمان قىلىپ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىشى ئۈمىد قېلىنىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ھەقىقەتەن ئىنسان بىر گۇناھ قىلسا، پەرۋەردىگارىم! مەن گۇناھ قىلدىم، مېنى كەچۈرگىن دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: بەندەم ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان پەرۋەردىگارى بارلىقى بىلدى، مەن بەندەمنى ئەپۇ قىلدىم دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە تۇرىدۇ، ئاندىن يەنە بىر گۇناھ قىلىدۇ ۋە پەرۋەردىگارىم! مەن يەنە بىر گۇناھ قىلدىم، گۇناھىمنى كەچۈرگىن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: بەندەم ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان پەرۋەردىگارى بارلىقى بىلدى، مەن بەندەمنى ئەپۇ قىلدىم دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە تۇرىدۇ، ئاندىن يەنە بىر گۇناھ قىلىدۇ ۋە پەرۋەردىگارىم! مەن يەنە بىر گۇناھ قىلدىم، گۇناھىمنى كەچۈرگىن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: بەندەم ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان پەرۋەردىگارى بارلىقىنى بىلدى، مەن بەندەمنى ئۈچىنچى قېتىم كەچۈرۈم قىلدىم، بەندەم خالىغاننى قىلسۇن دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 7507-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2758-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "شەرھى سەسىھ مۇسلىم" ناملىق ئەسەرنىڭ 17-75-بەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر گۇناھ يۈز قېتىم ياكى مىڭ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەكرارلانسا، ھەر قېتىمدا تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قېلىنىدۇ، گۇناھى ساقىت بولىدۇ، ئەگەر بارلىق گۇناھلىرىدىن بىر قېتىمدىلا تەۋبە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا گۇناھنى تەكرار قىلغان كىشىگە: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ھەقىقەتەن مەن سېنى كەچۈرۈم قىلدىم دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: سەن گۇناھ قىلىپ ئاندىن تەۋبە قىلساڭ، مەن سېنى يەنە مەغپىرەت قىلىمەن دېگەن بولدى. ھەر بىر گۇناھتىن كېيىن تەۋبىنى داۋاملاشتۇرغىن، سەمىمى تەۋبە قىلغۇچى بولغىن، ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىڭغا ئەلەم چېكىپ پۇشايمان قىلغىن، ئەبەدى قىلماسلىق ئىرادىسىگە كەلگىن.

    ئاندىن تەۋبەڭنى مۇكەممەل قىلىش قېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تىرىشچانلىق قىلغىن:

    سىزنى مۇشۇ گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ ھەممىسىنى توسۇش كېرەك، بۇ يالغۇز قالماسلىق، دائىم ئايالى، بالىلىرى ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇش بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ئايالىڭىزدىن يىراقتا ياشايدىغان بولسىڭىز، ئايالىڭىزنى يېنىڭىزغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تېرىشىڭ، ئايالىڭىزدىن ئايرىلىپ يىراقتا يالغۇز ياشىماڭ ئايالىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئۆزىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاڭ.

    ئەگەر ئائىلىڭىز بىلەن يېقىن بولۇپ بىرگە تۇرسىڭىز، ئۇلاردىن يىراقلاشماڭ، ئايالىڭىزغا مۇھەببەت قىلىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ھاجىتىڭىزنى ئادا قىلىڭ. ھەر قاچان كۆڭلىڭىز چەكلەنگەن نەرسىگە قاراش ياكى كۆرۈشكە رىغبەتلەنسە، شەيتاننىڭ سىزنى ھارام شەھۋەتكە ھەرىكەتلەندۈرىشىگە يول قويماستىن ھالالغا ئالدىراڭ.

    دائىم ئۆزىڭىزنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىڭ، چۈنكى بىكارچىلىق قايسى تەرەپتىن بولسۇن ئىنساننى بۇزىدۇ، تېلفۇنىڭىزدا پەقەت ئىنتېرنىت قوللانماڭ، ياخشىسى تېلىفۇنىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئىنتېرنىت قوبۇل قىلمايدىغان ئاددى تېلىفۇن ئىشلىتىڭ، قەلبىڭىزدە ئىماننى كۈچلاندۇرۇڭ، ئاللاھنىڭ ھېسابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىدىن قورقۇڭ، ئاللاھنىڭ سىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىڭ، نەپلە نامازنى بولۇپمۇ كېچىلىك نامازنى كۆپ ئوقۇڭ، ئاللاھدىن ھىدايەت تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىڭ، كىشىگە مەنپەئەتلىك بولغان دۇئا"رەببىم! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن"دېگەن دۇئادۇر. ناچار قىلمىشلارنى تەرك قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان سەۋەبلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بىلىش ئۈچۈن 210259- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە سىزگە ھىدايەت ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىمىزنى تىلەيمىز. ئاللاھ ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى