دۇشەنبە 24 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 25 نويابىر 2024
Uygur

يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلاغلىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مەن گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئالللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي ئۆلتۈرگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان يالغۇز ھالەتتە خىزمەت، ئۇقۇش  ياكى باشقا مۇناسىۋەت بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە مەلۇم مۇددەت تۇرۇپ قالىدۇ، بۇ جەرياندا پەقەت گۆش يېمەسلىكى كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنى قىستالغان كىشىنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ گۆشنى يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يېسە توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ھالال بولىشىنىڭ شەرتى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بوغۇزلانغان بولىشى كېرەك، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە:  ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش سەۋەنلىكتىنمۇ ياكى بىلمەسلىكتىنمۇ چۈشۈپ كەتمەيدۇ.  85669 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى: يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى ئىككى شەرت بىلەن ھالال بولىدۇ:

بىرىنچى: مالنى مۇسۇلمان بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلىشى كېرەك، كېكىردەك، گەدەن تومۇرىنى كېسىپ قاننى ئېقىتىشى لازىم، ئەگەر مالنى بوغۇپ، توكقا چېتىپ ياكى سۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن بولسا ئۇ مالنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان شۇنداق قىلسىمۇ ئوخشاشلا ئۇ مالنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى :  بوغۇزلىغان مالغا مەسىھ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَلَا تَأْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار» [سۈرە ئەنئام 121 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏اِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةَ وَالدَّمَ وَلَحْمَ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ بِهِ لِغَيْرِ اللَّهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھدىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى». [سۈرە بەقەرە 173 -ئايەت.]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ئايەتتىن مالنى بوغۇزلىغاندا  “مەسىھنىڭ ئىسمى بىلەن”،  “مۇھەممەدنىڭ ئىسمى بىلەن”، جىبرائىلنىڭ ئىسمى بىلەن” ياكى لاتنىڭ ئىسمى بىلەن” دېگەندەك ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ بوغۇزلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. [بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى].

ھارامنىڭ جۈملىسىگە: گەرچە مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ ئەمما مەسىھقا يېقىنلىق قىلىش ياكى زۆھرەگە يېقىنلىق قىلىش مەقسىتىدە بوغۇزلىغان بولسا بۇمۇ ھارام بولىدۇ.  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەھلى كىتابلار ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېقىنلىشىش مەقسىتىدە بوغۇزلىغان ماللىرى خۇددى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە قۇربان بايراملىرىدا بوغۇزلىغان ماللىرىغا ئوخشايدۇ، مەسىھقا يېقىنلىق قىلىش ياكى زۆھرەگە يېقىنلىق قىلىش مەقسىتىدە بوغۇزلىغانغا ئوخشاش، ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدە:  گەرچە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى ئاتالمىغان بولسىمۇ ئۇ مالنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ بۇنى يېيىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل نەقىل قىلىنغان”. “[ئىقتىزائىسسىراتىل مۇستەقىم” 1 -توم 251 -بەت.]

ئۈچىنچى:  مالنى مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولغان بىرى بوغۇزلاپتۇ، ئەمما مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن زەبىھ قىلدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، بۇ مالنىڭ گۆشىنى يېگەن كىشىنىڭ يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىۋېتىپ يېيىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  بىرتۈركۈم كىشىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ بۇ مالنى ئۆلتۈرگەندە ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلەر، دېدى.» [ بۇخارى رىۋايىتى 2057-ھەدىس].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتابتىن مالنى قانداق بوغۇزلىدى؟ ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىدىمۇ ياكى ئاتىمىدىمۇ؟ سوراش كېرەك بولمايدۇ، دىندا بەك ھەددىدىن زىيادە چوڭقۇرلاپ كېتىش توغرا بولمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىلار بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەن، ئۇلارنى قانداق بوغۇزلىغانلىقىنى سورىمىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىرتۈركۈم كىشىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ بۇ مالنى ئۆلتۈرگەندە ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلەر،  دېدى».  [بۇخارى رىۋايىتى 2057-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  ئۇلار يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى گۆش ئىلىپ كەلگەنلەردىن سورىماي ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يېيىشكە بۇيرىدى، چۈنكى گۆشنى ئىلىپ كەلگەنلەرمۇ ئىسلامنىڭ بۇ توغرىدىكى بەزى ھۆكۈملىرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ “قۇربانلىق ۋە مال بوغۇزلاش ئەھكاملىرى” ناملىق رىسالىسىدىن ئىلىندى.

تۆتىنچى:  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىل-قائىدىلەرگە كۆرە، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ شەھىرىگە سەپەر قىلغان كىشى، ئۇ يەردە كۆپ ھاللاردا مال بوغۇزلايدىغانلار يەھۇدى ياكى خرىستىئانلار، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مالنى توكقا سوقتۇرۇپ ياكى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنىڭ غەيرىنى ئاتاپ بوغۇزلىغانلىقى بىلىنسە ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك ئۇ گۆشنى يېگىلى بولمايدۇ، ئەگەر مال بوغۇزلىغۇچى بۇتپەرەس ياكى كوممۇنىست بولسا، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ.

ئەگەر ئىنسان ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك سەي-كۆكتات ۋە بېلىق قاتارلىق باشقا يېمەكلىكلەرنى تاپالايدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا قىستالدىم دەپ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان گۆشلەرنى يېيىشى توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى بەرراك مۇنداق دەيدۇ: “كاپىرلارنىڭ يۇرتلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن گۆشلەر تۈرلۈك بولۇپ:  بېلىق ھەرقانداق ھالەتتە ھالال، چۈنكى ئۇنىڭ ھالاللىقى ئۇنى بوغۇزلاش ياكى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشقا قاراشلىق ئەمەس، ئەمما گۆشنىڭ باشقا تۈرلىرى بولسا، شەخسلەر ياكى شىركەتلەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار يەھۇدى ۋە ناسارالاردۇر، ئۇلارنىڭ مالنى توكقا سوقۇپ ئۆلتۈرگەن ياكى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن ياكى بېشىغا ئېغىر نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى بىلىنمىسە”، ( بۇ ئىشلار غەرب دۆلەتلىرىدە تونۇشلۇق) بۇ گۆشنى يېيىش ھالال بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۖ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَّهُمْ تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. [سۈرە مائىدە 5 -ئايەت].

ئەگەر ئۇلار ھايۋاننى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈرلەرنىڭ بىرى بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسا، بۇ گۆش ھارام بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋا لارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئەمما يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ غەيرىدىكى دىنسىزلارنىڭ كەلتۈرگەن گۆشلىرى ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : وَلَا تَأْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر!)ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار» [سۈرە ئەنئام 121 -ئايەت].

مۇسۇلمان كىشى ئوپ-ئوچۇق ھارامدىن يىراق بولۇشقا، شەكلىك ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇنىڭ بىلەن دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى، جىسمىنى ھارام نەرسىلەر بىلەن غىزالىنىشتىن  ساقلاپ  قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك”.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى