بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
بۇ كۆپلىگەن نادان، جاھىل، خاتا كەتكەن كىشىلەرنىڭ سۆزى، بۇ باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆزدۇر، چۈنكى بۇ سۆزنى ئېيتقۇچىلار ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىنى ئاقلايدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە يامان ئىشلارنى تەرك قىلىشتىن پەقەت دىلدىكى ئىمان كۇپايە قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، بۇ ئوپ-ئوچۇق خاتا كەتكەنلىك، ئىمان دېگەن پەقەتلا دىلدا بولمايدۇ، ئىمان دېگەن ئەھلى سەننەت ئالىملىرى تونۇتقاندەك، تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر.
ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمان دېگەن؛ زىننەتلىنىش ۋە ئارزۇ قىلىش ئەمەس لېكىن ئۇ دىلغا ئورناشقان ۋە ئەمەل ئىسپاتلىغان ئىشتۇر.
گۇناھ مەسىيەت قىلىش، ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىق دېگەن دىلدا ئىماننىڭ بولماسلىق ياكى تولۇق بولماسلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَأْكُلُوا الرِّبا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار» [سۈرە ئال ئىمران 130-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار.» [سۈرە مائىدە 35-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحاً تەرجىمىسى: « ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قورقۇنچ يوقتۇر.» [سۈرە مائىدە 69-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 277-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحاً تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قورقۇنچ يوقتۇر.» [سۈرە بەقەرە 62-ئايەت].
ئىمان دېگەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە خاتالىقلارنى تەرك قىلىش بىلەن مۇكەممەل ئىمان دەپ ئاتىلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْعَصْرِ* إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ* إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ تەرجىمىسى: «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر.» [سۈرە ئەسىر 1-3-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.» [سۈرە نىسا 59-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار.» [سۈرە ئەنپال 24-ئايەت].
دىلدا ئىمان بولمىسا سىرتقى ئەمەللەر كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا قالىدىغان مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتىدۇر.
تىلى بىلەن ئىقرار قىلمىسا ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئىجرا قىلمىسا دىلىدىكى ئىمان كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ دېگەن مۇرجىئى، جەھمى ۋە باشقا پىرقىلەرنىڭ قارىشىدۇر، بۇ خاتا قاراشتۇر، بەلكى ئىمان دېگەن دىلدا تەستىق قىلىش، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر، خاتالىق سادىر قىلىش دېگەن دىلىدىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە كەم بولۇپ قالغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى ئىمان؛ ياخشىلىق بىلەن زىيادە بولىدۇ خاتالىق بىلەن كېمىيىدۇ". ["شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما"1-توم 19-بەت].
ئاشۇ مۇنازىرلەشكۈچى ئىشارەت قىلغان: «ئاللاھ سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇنداق كەلتۈرگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار، ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ لېكىن دىلىڭلار ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2564-ھەدىس. بۇ ھەدىس دىلنىڭ ۋە ئەمەلنىڭ ئىسلاھ بولىشىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. بۇ ھەدىستە ھەر ئىككىلىسى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئىنسان بۇ ئىككىلىسىگە بۇيرۇلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلماي، خاتالىق سادىر قىلىپ، ئاللاھ دىلىمىزغا قارايدۇ دېيىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا دىللارغا ۋە ئەمەللەرگە قارايدۇ، دىلىدىكى تەستىقى ۋە قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئالىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.