جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كەئبىنى تاۋاپ قىلىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

بەزى ھاجىلار تاۋاپنىڭ باشلىنىشىدا توختاپ تۇرۇپ، تاۋاپ قېلىشنى نىيەت قىلىدۇ، بەزىلەر ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ئۈچۈن يېقىنلىشىمەن دەپ كىشىلەرنى قېستايدۇ، بەزىلەرگە قاتتىق ئازار يەتكۈزىدۇ. بۇ ئىشلارغا قانداق قارايسىلەر؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

تاۋاپ جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: تاۋاپنى باشلايدىغان ۋاقىتتا بەزى ھاجىلار ھەجەرۇل ئەسۋەد تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، تاۋاپنى باشلاش ئۈچۈن مۇنداق نىيەت قىلىدۇ: "ئى ئاللاھ ! مەن ئۆمرە ئۈچۈن ياكى ھەج ئۈچۈن ياكى ساڭا يېقىنلىشىش ئۈچۈن كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىشنى نىيەت قىلدىم".

ئاغزاكى نىيەت قىلىش بىدئەت، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنداق قىلمىغان. ھەتتا ئۈممىتىنىمۇ ئۇنداق قىلىشقا بۇيرۇمىغان. ھەر قانداق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلمىغان ۋە ئۈممىتىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان بىر ئىشنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دىندا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلغان بولىدۇ. تاۋاپ قىلىدىغان ۋاقىتتا ئاغزاكى نىيەت قىلىش بولسا، خاتالىق ھەم بىدئەت ئىشتۇر. بۇنداق قىلىش شەرئى تەرەپتىنمۇ ۋە ئەقلى تەرەپتىنمۇ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. سېنىڭ ئۆزۈڭ بىلەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنى ئاغزاكى نىيەت قىلىشقا تۈرىتكە بولغان سەۋەپ نېمە؟، ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئىشنى بىلىدۇ، شۇنداقلا سېنىڭ قىلىدىغان مۇشۇ تاۋاپىڭنىمۇ بىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغان تۇرسا، سېنىڭ ئۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاشكارا قېلىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.

سىزدىن ئىلگىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاۋاپ قىلدى، تاۋاپنى باشلايدىغان ۋاقىتتا ئاغزاكى نىيەت قىلمىدى. ئۇنىڭ ساھابىلىرى تاۋاپ قىلدى، ئۇلارمۇ تاۋاپ قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا ئاغزاكى نىيەت قىلمىدى. دېمەك؛ ئاغزاكى نېيەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن باشقا ھەرقانداق ئەمەلنى ئاغزاكى نېيەت قىلىش خاتالىقتۇر.

ئىككىنچى: بەزى تاۋاپ قىلغۇچىلار ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانىنى سېلاش ئۈچۈن قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىدۇ، قىستاش ئارقىلىق باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدۇ. قىستاڭچىلىقتا ئاياللار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، شەيتان پىتنە پەيدا قىلىپ مۇشۇنداق ئۇلۇغ جايدا مۇشۇ ئايالنى قىستاش بىلەن ئۇ كىشىنىڭ قەلبىگە شەھۋەت پەيدا قىلىدۇ، ھاجىلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن نەپسى-خاھىشى غالىپ كېلىپ، ئۇنى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇلۇغ بەيتۇللاھنىڭ يېنىدا مۇنكەر ئىشلار يۈز بېرىپ قىلىشى مۇمكىن، گەرچە بۇ ئىش ھەرقانداق ئورۇندا پىتنە ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئۇلۇغ جايدا ئەڭ قەبىھ، مۇنكەر ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانىنى سېلاش ئۈچۈن قىستاڭچىلىق قىلىش توغرا ئەمەس، بەلكى ئاسانلىق بولسا سېلاش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاسان بولمىسا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ.

رۇكنۇل يەمانىغا ئىشارەت قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنمىغان. بۇنى ھەجەرۇل ئەسۋەدكە سېلىشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ھەجەرۇل ئەسۋەد رۇكنۇل يەمانىدىن ئۇلۇغ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجەرۇل ئەسۋەدكە ئىشارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان.

بۇ يەردە قىستاڭچىلىق قېلىش يولغا قويۇلمىغان، بولۇپمۇ قىستاڭچىلىقتا ئايال بولۇپ قالسا بۇنىڭدىن كېلىپ چېقىدىغان پىتنە قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ، قىستاڭچىلىق ئىنساننىڭ قەلبىدە، پىكرىدە تەشۋىش پەيدا قىلىدۇ. ئىنسان قىستاڭچىلىق پەيدا بولغاندا باشقىلاردىن ياقتۇرمايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇ جايدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، كۆڭلىدە ئاچچىقلىنىش ۋە خورلىنىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋاپ قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتىگە چوڭقۇر چۆكۈش ئۈچۈن دائىم تېنچ-خاتىرجەملىك ھالەتتە بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن كەبىنى تاۋاپ قېلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قېلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر».

ئۈچىنچى: بەزى ھاجىلار ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيمەي تاۋاپ قىلسا، تاۋاپ دۇرۇس بولمايدۇ، ھەج-ئۆمرىنىڭ توغرا بولىشى، تاۋاپنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش شەرت دەپ قارايدۇ. بۇ خاتا قاراش. چۈنكى ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ئايرىم سۈننەت ئەمەس، بەلكى ئۇ تاۋاپ قىلغۇچى ئۈچۈن سۈننەتتۇر. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش سۈننەت بولۇپ، ھەج- ئۆمرە ياكى تاۋاپنىڭ ۋاجىبى ياكى شەرتى ئەمەس، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيمەي تاۋاپ قىلغان كىشىگە قىلغان تاۋىپىڭىز توغرا ئەمەس، گۇناھ بولىغان دەرىجىدە ناقىس بولۇپ قالدى، دېمەيمىز. بەلكى ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تاۋىپى توغرا بولىدۇ، بەك قىستاڭچىلىق بولغاندا، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سېلاشتىن ئىشارەت قىلىپ مېڭىش ئەۋزەل. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ قىستاڭچىلىق بولغاندا شۇنداق قىلغان، ھاجىلار باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ياكى باشقىلارنىڭ ئەزىيەتلىرى يېتىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

بىرسى بىزدىن: تاۋاپ مەيدانى قىستاڭچىلىق بولىۋاتىدۇ، مېنىڭ قىستىلىپ بېرىپ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈپ، سېلىشىم ياخشىمۇ ياكى ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشىم ئەۋزەلمۇ؟، دەپ سورىسا، بىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابىمىز: ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىڭىز ئەۋزەل، چۈنكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن شۇنداق بايان قىلىنغان. يولنىڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر.

تۆتىنچى: رۇكنۇل يەمانىنى سۆيۈش. رۇكنۇل يەمانىنى سۆيۈش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنمىغان. ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسپاتلانمايدىكەن، بۇ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەل بولماستىن بەلكى بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇكنۇل يەمانىنى سۆيۈش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان، بۇ توغرىدا ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان ئاجىز ھەدىس بايان قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما دەلىل بولۇشقا يارايدىغان سەھىھ ھەدىس مەۋجۇت ئەمەس.

بەشىنچى: بەزى ھاجىلار سەل قاراپ، رۇكنۇل يەمانىنى ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سول قولى بىلەن سېلايدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئوڭ قول سول قولدىن يۇقىرى، سول قولنى ئىستىنجا قىلىش، چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا ئەزىيەتلەرنى تازىلاش، بۇرنىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، ئەمما مۇبارەك ئورۇن ئېھتىرام قىلىنىدىغان جاي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەرنى سېلاش ئوڭ قول بىلەن بولىدۇ.

ئالتىنچى: بەزى ھاجىلار رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سېلاشنى ئىبادەت دەپ قارىماستىن تەۋەررۈك ئورۇنلار دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار، ئۇ جاينى تەۋەررۈك دەپ سېلايدۇ. بۇ ھەقىقەتتە ئەسلىدە مەقسەت قىلىنغان ئىشنىڭ ئەكسىدۇر. ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سېلاش ياكى سۆيۈش ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سېلىغان ۋاقتىدا: ئاللاھۇ ئەكبەر (يەنى ئاللاھ كاتتىدۇر) دەيتتى. بۇ سۆز ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشنىڭ تەۋەررۈك ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش مەقسەت قىلىنىپ سۆيۈلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سېلىغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن: "ئاللاھقا قەسەم قېلىمەنكى، سەن بىر تاش، كىشىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيسەن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام ئېدىم، ئەلۋەتتە سېنى سۆيمەيتتىم". بۇ بەزى ئىنسانلارنىڭ خاتا قارىشىدۇر، ئۇلار ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانىنى سېلاشنى تەۋەررۈك ئۈچۈن دەپ قاراپ، كېچىك بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ياكى رۇكنۇل يەمانىنى قولى بىلەن سېلاپ بالىسىنىڭ باش-كۆزلىرىنى سېلاپ قويىدۇ، بۇ چەكلىنىشكە تېگىشلىك بولغان خاتا قاراشتۇر. كىشىلەرگە بۇنداق تاشلارنىڭ ھېچبىر پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش لازىم. ئۇنى سېلاشتىكى مەقسەت، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. بۇ ئىش ئۆز ساھىبىغا ھېچ مەنپەئەت بەرمەيدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئىشنىڭ بىدئەت ئېكەنلىكىنى بىلمەي قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈمىت قېلىنىدۇ. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ ياكى سەل قاراپ قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دىنىدىن سورالمايدۇ بەلكى ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ.

يەتتىنچى: بەزى ھاجىلار ياكى كۆپچىلىك كىشىلەر تاۋاپنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسىغا مەلۇم بىر دۇئانى خاس قىلىۋالىدۇ، بۇمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى تاۋاپنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسى ئۈچۈن ئايرىم بىر دۇئانى خاس قىلىۋالمىغان. ئەمما رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا بۇ دۇئانى ئوقۇش توغرىلىق ئەسەر بايان قىلىنغان: رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، دەيدۇ. [سۈرە بەقەرە 201-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر».

تاۋاپ قىلغۇچى ھەربىر ئايلانمىدا ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئالار يېزىلغان كىتاپچىلارنى كۆتۈرۈپ، ئوقۇپ ماڭغاندا بىدئەت-خاتالىق تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم ئەرەب تېلىنى بىلمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ياكى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن نېمە ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىز بەزى ھاجىلارنىڭ دۇئانى ئۆزگەرتىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز، بىرسى مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھ! مېنى ئۆزۈڭنىڭ كاتتىلىقىڭ بىلەن سەن ھارام قىلغان نەرسىلەردىن بىھاجەت قىلغىن. دۇئانىڭ ئەسلى: ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھالال قىلغان نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلغان نەرسىلەردىن بىھاجەت قىلغىن، دېگەن بولىدۇ.

مۇشۇ دۇئا كىتابىنى ئوقۇۋاتقان بەزى ھاجىلارنىڭ، تاۋاپنىڭ ئايلانمىسى تۈگەشتىن بۇرۇن دۇئا تۈگەپ قالسا، باشقا ھېچقانداق دۇئا ئوقۇماي كېتىۋاتقانلىقىنى، ئارىسال ۋاقىتلاردا دۇئا تۈگەشتىن بۇرۇن تاۋاپ تۈگەپ قالسا دۇئانى شۇ جايدا ئوزۇپ قويغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز، بۇنىڭ چارىسى ھاجىلارغا ئىشنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ بېرىشتۇر. تاۋاپ قىلىۋاتقان كىشى ئۆزى خالىغان ۋە ياخشى كۆرگەن دۇئالارنى ۋە زىكىرلەرنى ئوقۇيدۇ، كىشىلەرگە مۇشۇنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگەندە، خاتالىق تۈگەيدۇ.

بۇ شەكىلدىكى بىدئەت ئىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى: بۇنداق ئىشنى قىلىۋاتقان كىشىلەر بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

-بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئېكەنلىكىنى بىلمەستىن قىلىدىغانلار. بۇ كىشىلەر مەزكۇر مەسىلىدە جاھىل قالغانلىقى سەۋەبلىك ئەپۇ قىلىنىشى ئۈمىد قېلىنىدۇ.

-بىلىپ تۇرۇپ ئۆزى ۋە باشقىلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغانلار. بۇنداق كىشى چوقۇم گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ گۇناھىمۇ ھېچ كەملىمەستىن ئۇ كىشىگىمۇ بولىدۇ.

-ئۆزى بىلمەيدىغان ۋە بىلىم ئىگىلىرىدىن سوراشقا سەل قارايدىغان كىشى، ئۇ كىشىگە سورىمىغانلىق ۋە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولىشى مۇمكىن.

بىز يۇقىرىدا تاۋاپ جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئاللاھ تائالادىن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىنى ۋە توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قىلغان تاۋاپلىرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز. ئەڭ ياخشى يول پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. دىن ھېس-تۇيغۇ، كۆڭۈل-خاھىش بىلەن بولماستىن، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بولىدۇ.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش" ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]