36627: مۇتلەق ۋە چەكلىك ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەر (ئۇنىڭ پەزىلىتى، ۋاقتى ۋە سۈپىتى) توغرىسىدا


مۇتلەق ۋە چەكلىك ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەر قانداق بولىدۇ؟ قاچان باشلىنىدۇ؟

Published Date: 2017-08-21

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

 بىرىنجى: تەكبىرنىڭ پەزىلىتى.

زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى ئۇلۇغ كۈنلەردىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغان، بىر نەرسە بىلەن قەسەم قىلىش بولسا ئۇ نەرسىنىڭ بەك ئەھمىيەتلىك ۋە زور مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿والفجر وليال عشر﴾ تەرجىمىسى: «سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن قەسەم.» [سۈرە فەجىر 1-2-ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىبنى زۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىركى ۋە كېيىنكى ئۆلىمالار: بۇ زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدۇر،- دېگەن. ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: بۇ توغرا قاراش،- دېگەن. [تەپسىرى ئىبنى كەسىر 8-توم، 413-بەت].

بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرۈلىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ياخشى ئەمەل  بۇ ئون كۈندىن ياخشىراق بولغان كۈنلەر يوق» دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! (باشقا كۈنلەردىكى) ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشمۇ يەتمەمدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن جىنى ۋە مىلى بىلەن جىھادقا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھىچبىرى بىلەن قايىتمىغان كىشى ئۇنىڭ سىرتىدا (يەنى: ئۇنىڭ ئەمىلىلا ئەۋزەل بولىدۇ)» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 969-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 757-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 605-نومۇرلۇق بۇ ھەدىسكە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

بۇ كۈنلەردە قىلىنىدىغان ياخشى ئەمەللەر: تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىش ئارقىلىق ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىشتۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر:

1-ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ليشهدوا منافع لهم ويذكروا اسم الله في أيام معلومات﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن.» [سۈرە ھەج 28-ئايەت].

بەلگىلەنگەن كۈنلەر زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى.

2-ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿واذكروا الله في أيام معدودات﴾ تەرجىمىسى: «ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى، يەنى: قۇربان ھېيتنىڭ 2-3-4-كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 203-ئايەت].

3-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرى يېيىش-ئىچىش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى1141-ھەدىس].

ئىككىنچى: تەكبىرنىڭ سۈپىتى:

ئۆلىمالار تەكبىرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا بىرقانچە خىل قاراشتا بولدى:

1-    ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇئەكبەر.. لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇ ئەكبەر.. ۋە لىللاھىلھەمدۇ.

2-    ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇئەكبەر.. لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇ ئەكبەر.. ۋە لىللاھىلھەمدۇ.

3-    ئاللاھۇ ئەكبەر.. ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇئەكبەر.. لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇئەكبەر.. ئاللاھۇ ئەكبەر.. ۋە لىللاھىلھەمدۇ.

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇئەييەن شەكىلنى بەلگىلەپ بېرىدىغان دەلىل تىپىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بار.

ئۈچىنچى: تەكبىرنىڭ ۋاقتى:

تەكبىر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1-   مۇتلەق: ئۇنىڭ مەلۇم بىر نەرسىگە ئالاقىسى يوق بولۇپ،  ئەتتىگەندە، كەچتە، نامازدىن ئىلگىرى، نامازدىن كېيىن ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا دائىم ئېيتىپ تۇرۇش سۈننەت.

2-   چەكلىك: ئۇ نامازلاردىن كېيىن ئېيتىشقا خاسلاشقان تەكبىر.

مۇتلەق تەكبىرنى زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە ئېيتىش سۈننەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى زۇلھەججە ئېيى كېرىش بىلەن باشلىنىپ (يەنى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن باشلىنىپ)، تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە (يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتقىچىلىك) داۋاملىشىدۇ.

ئەمما چەكلىك تەكبىر ئەرەپات كۈنى بامداتتىن باشلىنىپ، تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغىچە مۇتلەق تەكبىر بىلەن بىرگە ئېيتىلىدۇ، پەرز نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن، ئۈچ قېتىم ئىستىغفار ئېيتىپ ۋە «ئاللاھۇممە ئەنتەسسالام، ۋە مىنكەسسالام، تەبارەكتە يازەلجەلالى ۋەل ئىكرام» دەپ بولۇپ، تەكبىر ئېيتىشنى باشلايدۇ. بۇ ھەجگە بارمىغانلار ئۈچۈندۇر، ئەمما ھەج قىلغۇچى ئۆزىگە ئالاقىدار چەكلىك تەكبىرنى قۇربان ھېيت كۈنى پىشىن نامىزىدىن باشلايدۇ.

شەيخ ئىبنى بازنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13-توم، 17-بەت ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) "شەرھۇل مۇمتىئ" 5-توم، 220-224- بەتلەر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments