يېمەك-ئىچمەك يەيدىغان ۋاقىتتا جۇنابەتتىن غۇسۇل قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، قولىنى يۇيۇۋەتسە ياكى كېچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ، بۇ ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس بۇنىڭ دەلىلىدۇر. «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىماقچى ياكى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا كىچىك تاھارەت ئالاتتى». [مۇسلىم "ھەيز" بۆلىمى /461 دە كەلتۈرگەن].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن "شەرھىل مۇمتى"دا مۇنداق دەيدۇ: " مېنىڭ بىلىشىمچە جۇنۇپ كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىپ ئۇخلىشى مۇستەھەپتۇر. شۇنىڭدەك، يېمەك -ئىچمەك ئۈچۈنمۇ تاھارەت ئېلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ"، بەزى ئالىملار: جۇنۇپ بولسىمۇ تاھارەت ئالماستىن قولىنى يۇيۇۋېتىپ بىر نەرسە يېسە بولىدۇ دەيدۇ".
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.