شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

تاھارەتتە بەدەننى ئارقىمۇ-ئارقا، ئۈزۈلدۈرمەي يۇيۇش توغرىسدا

سۇئال

   مەن تاھارەت ئالغاندا ئوڭ پۇتۇمنى يۇيۇپ لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سول پۇتۇمنى يۇيۇپ قۇرۇتتۇم، بۇ شەكىلدە ئالغان تاھارىتىم ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنى تەرك قىلغاننىڭ قاتارىغا كېرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تاھارەتتە بىر ئەزانى يۇيۇپ نورمال ۋاقىتتا يەنە بىر ئەزانى يۇيۇپ بولغىچە دەسلەپتە يۇغان ئەزا ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى، شامال بولغانلىق ياكى لۆڭگە دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن قۇرۇتۇلغان بولسا، ئادەتتە بىر ئەزانى يۇيۇپ يەنە بىرىنى يۇيۇپ بولغۇچە كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا، بۇنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولمايدۇ، بۇ يەردە كۆپ ۋاقىت ئۆتمىدى دېگەن سۆز ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

    بەزى ئالىملار تاھارەتنى ئارقىمۇ-ئارقا ئىلىشىنى: ئادەتتە بىر بەدەننى يۇيۇپ يەنە بىر بەدەننى يۇيۇپ بولغۇچە كۆپ ۋاقىت ئۆتمەسلىك كېرەك دەپ قارايدۇ.

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ" ئەلمۇغنى" 1-توم 181-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەتنى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنىڭ ۋاجىپلىقى دېگەن: نورمال بىر ۋاقىتتا كىيىنكى ئەزانى يۇيۇپ بولغۇچە دەسلەپتە يۇغان ئەزا قۇرۇپ قالىدىغان بىر ۋاقىت ئۆتمەسلىك كېرەكتۇر، چۈنكى ۋاقىتمۇ پەرقلىق بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كېيىنكى ئەزانى يۇيۇپ بولغۇچە دەسلەپتە يۇغان ئەزا قۇرۇپ قالىدۇ".

"كەششاپىل قىنا" 1-توم 105-بەتتە مۇنداق دېگەن: "بۇ يەردە تاھارەتنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈزمەي ئېلىش دېگەندىن بولغان مەقسەت: ئىسسىق-سوغۇقلۇقى نورمال بىر ۋاقىتتا ئىككىنچى بىر ئەزانى يۇيۇپ بولغىچە دەسلەپتە يۇغان ئەزا قۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك. يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپ، ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇشنى يۈزى قۇرۇغان مۇددەتكىچە كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك. بېشىغا مەسىھ قىلىشنى ئىككى قولى قۇرۇغان مۇددەتكىچە كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭدەك ئىككى پۇتىنىمۇ ئەگەر بېشىنى يۇغان بولسا بېشى قۇرۇغان مۇددەتكە قەدەر كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم، ئەگەر ئۇ كىشى بېشىغا مەسىھ قىلىشنى يۈزى قۇرۇپ، ئىككى قولى قۇرۇشتىن بۇرۇنغا كېچىكتۈرگەن بولسا، بۇنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولمايدۇ". 

    شۇنىڭغا ئاساسەن: بىر كىشى ئوڭ پۇتىنى يۇيۇپ ئادەتتە ئۇ قۇرۇپ بولۇشتىن بۇرۇن سول پۇتىنى يۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى