چارشەنبە 17 جىمادۇسسانى 1446 - 18 دىكابىر 2024
Uygur

ئەۋلىيالار كىم ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى چۈشۈنۈشتە ماڭا ياردەمچى بولىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن:

1-ئەۋلىيالار كىم؟.

2- ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى قانداق بولىدۇ؟.

3-ئەۋلىيالارنى ئاللاھنىڭ ئەسھابىلىرى دەپ ئاتاش توغرا بولامدۇ؟.

قىسقىچە جاۋاپ

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى دېگەن: ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالانى كۆزىتىپ، مۇراقىبە قىلىدىغان، بۇيرۇقلىرىنى لازىم تۇتۇپ چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار ئىمانلىق كىشىلەردۇر. بەندىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا يېقىنلىقى، ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىگە بولىشى قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھقا يېقىن بولۇش بىر كىشىگىلا مونوپۇل قىلىنغان  ئەمەس، ياكى ئىنسانلاردىن مەلۇم تەبىقىدىكى كىشىلەرگىلا بېرىلگەن ئىمتىياز ئەمەس، بۇنىڭغا مىراس بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلگە -ئالامەتلەر بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنى ئاللاھنىڭ ئەسھابىلىرى دەپ ئاتاش توغرىسىدا سەھىھ دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمىز.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

   ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى كىم؟.

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى دېگەن: ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالانى كۆزىتىپ، مۇراقىبە قىلىدىغان، بۇيرۇقلىرىنى لازىم تۇتۇپ چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار ئىمانلىق كىشىلەردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلا هُمْ يَحْزَنُونَ.  الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ. لَهُمْ الْبُشْرَى فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ تەرجىمىسى: « راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر، ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر». [سۈرە يۈنۈس 62- -64 -ئايەتكىچە.]

ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ  “قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى”  4 -توم 278 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەۋلىيالىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ؛ ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەندەك ھەر قانداق تەقۋادار مۆمىن ئاللاھ ئۈچۈن ئەۋلىيا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە كەلگۈسىدە قىيامەتنىڭ دەھشەتلىرىدىن قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرى توغرىسىدىمۇ قايغۇرۇش بولمايدۇ”.

ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ۋە نۇرغۇنلىغان سەلەپ ئالىملىرى: ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى دېگەن كىشىلەر ئۇلارنى كۆرسە ئاللاھ ئەسلىنىدىغان كىشىلەردۇر، دېگەن.

بۇ توغرىدا مەرپۇ ھەدىسمۇ بايان قىلىندى.  ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە شېھىتلەر ئورايدۇ، ئۇلار كىم؟ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلار مال-دۇنيا، باشقا نەرسىلەرنى مەقسەت قىلماستىن ئاللاھ يولىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نۇر ياغىدۇ، ئۇلار نۇردىن بۇلغان مۇنبەرلەردە بولىدۇ، ئىنسانلار قورققان ۋاقىتتا ئۇلار قورقمايدۇ، ئىنسانلار بىئارام بولغاندا ئۇلار بىئارام بولمايدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:  أَلا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلا هُمْ يَحْزَنُونَ تەرجىمىسى: «راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇت ياخشى ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى”  7 -توم 1369 -بەتتە كەلتۈرگەن].

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنىڭ دەرىجىسى قايسى؟.

-ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنىڭ دەرىجىسى. بەندىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ يېقىنلىقىدىن، ياخشى كۆرۈشىدىن ۋە ئىگە بولىشىدىن نېسىۋىسى بولىدۇ، لېكىن بۇ نېسىۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشىدىن جىسمانىي ۋە مەنىۋىي ئەمەللەرنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىق ۋىلايەت دەرىجىسىنى مۇنداق ئۈچ دەرىجىگە تەقسىم قىلىش مۇمكىن بولىدۇ:

1-ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسى، بۇ ئاسى مۆمىن بولۇپ، بۇ كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرى مىقدارىدا نېسىۋىسىنى ئالىدۇ.

2-ئوتتۇراھال يول تۇتقۇچى. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان، ئاسىيلىقتىن يىراق بولىدىغان، لېكىن نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتا تىرىشچانلىق قىلمايدىغان، بۇ كىشىنىڭ نېسىۋىسى ۋە دەرىجىسى ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

3-ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچى. بۇ پەرز ئەمەللەر بىلەن نەپلە ئەمەللەرنى بىرگە قىلىدىغان كىشى بولۇپ، قەلب ئىبادەتلىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشتا يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ۋىلايەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر.

پەيغەمبەرلىك بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ۋەلىيلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئالى مەرتىۋېسىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ  “پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  6 -توم 10 -بەتتە دېيىلگەندەك:  ئىنسانلار ئۈچ مەرتىۋىدە بولىدۇ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى، ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچى ۋە ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچى.

ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى دېگەن:  بۇيرۇقنى تەرك قىلىپ ياكى چەكلىگەن ئىشنى قىلىش بىلەن ئاسى بولغۇچىدۇر.

ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچى دېگەن:  پەرز-ۋاجىپلارنى ئادا قىلىپ، ھارام-مەكرۇھنى تەرك قىلغۇچىدۇر.

ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچى دېگەن: كۈچىنىڭ يېتىشچە پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ئەمەللەرنى ئادا قىلىش، ھارام، مەكرۇھ ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھقا يىقىنلاشقۇچىدۇر.

ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچى، ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بەزى گۇناھلىرى بولسىمۇ، ئۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىش  ياكى سەمىمىيلىك بىلەن تەۋبە قىلىش بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ، ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان ۋە پاك بولغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى گۇناھقا كاپارەت بولىدىغان مۇسىبەت بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ. ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچى ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچى ھەر ئىككى تۈردىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا مۇبارەك كىتابىدا مۇنداق زىكىر قىلدى: أَلا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلا هُمْ يَحْزَنُونَ.  الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ. لَهُمْ الْبُشْرَى فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ تەرجىمىسى: «راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر، ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر». [سۈرە يۈنۈس 62- -64 -ئايەتكىچە.]

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنىڭ بەلگىلىمىسى: تەقۋادار مۆمىن بولۇش. لېكىن بۇ ئام ۋە خاس دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئام دېگەن:  ئوتتۇرىھال يول تۇتقۇچى، خاس دېگەن: ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچى، ئۇلار ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ۋە سىددىقلەردەك يۇقىرى مەرتىۋىدە بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغان بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر توغرىسىدىكى ھەدىسنى بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مېنىڭ ئەۋلىيالىرىمنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، ماڭا ئۇرۇش ئىلان قىلىپ چىققان بولدى، بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ماڭا باشقا نەرسىلەر بىلەن يېقىنلاشمىدى، بەندەم دائىم نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشىدۇ ھەتتا مەن ئۇ بەندەمنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، مەندىن بىر نەرسە سورىسا ئەلۋەتتە سورىغىنىنى بېرىمەن، مەندىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا ئەلۋەتتە ئۇنى پاناھلىقىمغا ئالىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ مۆمىن بەندەمنىڭ جېنىنى ئىلىشتا ئىككىلىنىپ قالغان باشقا ھېچ بىر ئىشنى قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالمىدىم، بەندەم ئۆلۈمنى ياقتۇرمايدۇ، مەن ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆلۈم يېتىدۇ».

ئەمما ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئىمان ئەھلىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقىغا كۆرە ئاللاھنىڭ ۋىلايىتىدىن نېسىۋىسى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە پاسىق-پاجىرلىقىنىڭمۇ نېسىۋىسى بولىدۇ، چۈنكى بىر ئادەمدە ساۋابنى تەقەززا قىلىدىغان ياخشىلىق بىلەن ئازابىنى تەقەززا قىلىدىغان يامانلىق جۇغلىشىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ساۋاپقا ئېرىشىپ جازالىنىشى مۇمكىن بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ساھابىلىرىنىڭ، ئىسلام پېشۋالىرىنىڭ، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ، ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئالىملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ:  ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە زەررە مىقداردا ئىمان بولىدىكەن، ئەبەدىي دوزاختا قالمايدۇ”.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن يەنە “مۇھىم پەتىۋالار”ناملىق ئەسىرى  83 -بەتتە مۇنداق دېگەن: “كىمكى تەقۋادار مۆمىن بولىدىكەن، ئاللاھنىڭ ۋەلىيسى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھنىڭ ۋەلىسى بولالمايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىدە ئىمان ۋە تەقۋادارلىقنىڭ بەزىسى بولىدىكەن شۇنىڭغا كۆرە ۋىلايەتتىن نېسىۋىسى بولىدۇ”.

ۋىلايەت مەلۇم كىشىگە مونوپۇل قىلىنغانمۇ؟.

-ۋىلايەت مەلۇم كىشىگە مونوپۇل قىلىنمىغان، ياكى ئىنسانلاردىن مەلۇم تەبىقىدىكى كىشىلەرگە بېرىلگەن ئىمتىياز ئەمەس، بۇنىڭغا مىراس بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلگە -ئالامەتلەر بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ، بەلكى رەببانى دەرىجە بولۇپ، ئاللاھ ئۈچۈن بولغان قەلىپتىكى مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن باشلىنىدۇ، ئەمەلىي ۋاقىئەدە ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭ ساھىبى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ۋە ۋىلايىتىنى كەسىپ قىلىدۇ.

ۋىلايەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھارام ئىشلارنى قىلىشى ۋە ۋاجىپ ئىشلارنى تەرك قىلىشى توغرىمۇ؟.

ۋىلايەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھارام ئىشلارنى قىلىشى ۋە ۋاجىپ ئىشلارنى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنداق ئىشلارنى قىلسا بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەۋلىيالىقىنىڭ ناقىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك ھېچ بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى ئەۋلىيا دەپ ئاتىۋالغانلارغا يۈزلىنىشى توغرا بولمايدۇ. (ئۇلارمۇ بۇنىڭغا لايىق بولمايدۇ) ئۇلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېتىشى، ئۇلارنىڭ بۇيرىغانلىرىنىڭ ھېچ بىرىنى رەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى مۇنازىرە قىلماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چېكىدىن ئاشقانلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى كىشىلەرنىڭ شېرىككە چۈشۈپ قىلىشىدۇر.

بەزى كىشىلەر بۇ بەلگىلىمىدە ھەددىدىن ئېشىپ شېرىككە چۈشۈپ قالدى، بۇ ئۇلارنىڭ ۋىلايەت ۋە ئەۋلىيالىق مەرتىۋىسىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئەۋلىيالارغا سېغىنغانلىق، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى كۆرىسىز.

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنى ئاللاھنىڭ ئەسھابىلىرى دەپ ئاتاش توغرىمۇ؟.

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنى ئاللاھنىڭ ئەسھابىلىرى دەپ ئاتاش توغرىسىدا سەھىھ دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمىز.

ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنىڭ ئەڭ  ئەۋزىلى ئەلچىلەر، پەيغەمبەرلەر، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەر، ئۇلاردىن ھېچ بىرىگە ئاللاھنىڭ ئەسھابىلىرى دەپ ئىسىم بېرىلگەنلىكىنى بىلمەيمىز.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە:  قۇرئان ئەھلىنى ئاللاھنىڭ ئەھلى دەپ ئاتىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۈچۈن ئىنسانلاردىن ئەھلى بار، ساھابىلار:  ئۇلار كىم؟ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلار قۇرئان ئەھلى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھلى، خاس كىشىلىرى دېگەن».  [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 11870-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى215-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.   قۇرئان ئەھلى دېگەن:  قۇرئان ياد قىلغان، ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلغانلار.

ئاللاھنىڭ ئەھلى دېگەنلىك:  ئىنسانلار ئارىسىدىن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خاس قىلغان ئەۋلىيالار دېمەكتۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى