شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىماننىڭ زىيادە بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟

سۇئال

    ئىماننىڭ زىيادە بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىماننىڭ زىيادە بولۇشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبلىرى بار:

   بىرىنچى سەۋەپ: ئاللاھ تائالانى گۈزەل ئىسىملىرى ئالى سۈپەتلىرى بىلەن مۇكەممەل تونۇش. ھەقىقەتەن ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ  گۈزەل ئىسىملىرى ئالى سۈپەتلىرىنى تونۇشى چوڭقۇرلاشقانسىرى ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىمۇ شەكسىز زىيادە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ  گۈزەل ئىسىملىرى ئالى سۈپەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئالىملار ئۇنى تولۇق بىلمەيدىغان ئالىملارغا نىسبەتەن ئىمانى تەرەپتىن كۈچلۈك بولىدۇ. 

   ئىككىنچى سەۋەپ: ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئالامەتلىرى ۋە شەرئى پرىنسىپلىرىغا نەزەر سالغاندا، شۇنداقلا، كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاغا نەزەر سالغاندا ئاللاھقا بولغان ئىمانى زىيادە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَفِي ٱلۡأَرۡضِ ءَايَٰتٞ لِّلۡمُوقِنِينَ وَفِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ ‏ تەرجىمىسى: «زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر؟.» [سۈرە زارىيات 20-21-ئايەت]. بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىنسان ئۆزىدىكى كائىناتتىكى بۇ نەرسىلەرنى تەپەككۇر قىلغان ۋە ئويلانغاندا ئۇنىڭ ئىمانى زىيادە بولىدۇ.

    ئۈچىنچى سەۋەپ: ئاللاھقا تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلىش كېرەك، تائەت-ئىبادەت ئاغزاكى بولسۇن ياكى ئەمەلىي بولسۇن كۆپ بولغانسېرى بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ ئىمانى زىيادە بولىدۇ، زىكىر-تەسبىھ، ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرمۇ ئىماننى مىقدار جەھەتتە ۋە ھالەت جەھەتتە زىيادە قىلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى 1-توم 49-بەت].