پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدارنىڭ مىسۋاك ۋە چىش پاستىسى ئىشلىتىشى توغرىسىدا

سۇئال

   روزىدار كىشى "كولگاتى" ماركىلىق مىسۋاك ئىشلەتسە بولامدۇ؟ قايسى تۈردىكى مىسۋاك روزىنى بۇزىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار رامزاننىڭ كۈندۈزدە مىسۋاك ۋە چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بەلكى مىسۋاك ئىشلىتىش روزىدارغا ۋە باشقا كىشىلەرگىمۇ سۈننەتتۇر.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مىسۋاكنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، لېكىن كۈن قايرىلغاندىن كېيىن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەشھۇر ئىككى قاراش بويىچە ئىختىلاپ بار، بۇ ئىككى تۈرلۈك قاراش ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان، مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ئومۇملىقىنى كۈن قايرىلغاندىن كېيىن مەكروھ بولىدۇ دەپ خاسلاشتۇرىدىغانغا مۇناسىپ كېلىدىغان شەرئى دەلىل يوق ". [ "چوڭ پەتىۋا"  2 -توم 474 -بەت].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: روزىدار كىشى كىيىملىرىگە خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرسە بولامدۇ؟، رامزاننىڭ كۈندۈزدە مىسۋاك ئىشلىتىش توغرا بولامدۇ؟، ئايال رامزاندا چېچىنى تاراش ئۈچۈن چېچىنى مايلىسا ياكى خېنە ياقسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "  كىيىملىرىگە خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرسە، بەدىنىگە ۋە بېشىغا سۈرسە بولىدۇ لېكىن بۇرنىدىن تېمىتىدىغان سۇيۇقلۇق ئەتىرلەردىن بولسا بولمايدۇ.  رامزاننىڭ كۈندۈزدە مىسۋاك ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇممىتىمگە مۇشەققەت بولمىسا ئېدى، ئۇلارنى ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم».  [ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.]

   بۇ روزىدارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىدە پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن چەكلەيدىغان سەھىھ بىر دەلىل بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز.  

    ئايال چېچىنى تاراش ئۈچۈن چېچىنى مايلىسا ياكى خېنە قويسا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ روزىغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەر كىشىمۇ روزىدار بولسا دورا ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن مايلانسا بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  10 -توم 328 -بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: روزىدارنىڭ چىش پاستىسى ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " روزىدار مىسۋاك ئىشلەتكەنگە ئوخشاش  چىش پاستىسى ئىشلەتسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئۇ كىشى كانىيىغا بىر نەرسە كېرىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئەگەر ئىختىيارسىز بىر نەرسە كانىيىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئۇ كىشىگە ئۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  15 -توم 260 -بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى