شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

خرىستىيان دوختۇر ئايالغا ياخشى تىلەكتە بولۇش توغرىسىدا

سۇئال

    مەن ئەر دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىشنى ياقتۇرمايمەن، ئۆزۈم تونۇيدىغان ماھىر، كەسىپتە يېتىشكەن خرىستىيان دوختۇر ئايالنى تاللايمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىلىرىدىن كۆڭلۈم بەك خوش، ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىپ تۇرىمىز، بىرەرسى بىلەن سۆزلىشىۋاتساممۇ تىلىم ئۇنىڭغا : " رەببىم سىزنى ھۆرمەتلىك قىلسۇن، رەببىم سىزنى ئەزىز قىلسۇن، رەببىم سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن" دېگەندەك سۆزلەرگە كېتىپ قالىدۇ، مېنىڭ بۇنداق تىلەكلەردە بۇلىشىم توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     كاپىرغا، ئەمىنلىك بېرىلگەن زىممىيگە، كېلىشىم قىلىنغانلارغا ياخشى تىلەكلەردە بولۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئاخىرەتكە ئالاقىدار تىلەكلەر: جەننەتكە كېرىش، رەھمەت-مەغپىرەتكە ئېرىشىش، دوزاختىن ئازاد بولۇش ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش قاتارلىق تىلەكلەر. ئۇلارغا بۇ شەكىلدە تىلەك تىلەش، دۇئا قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَى مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت].

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمدىن ئانامغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىزىن سورىسام ماڭا ئىزنە بەرمىدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 976-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇ" 5-توم 120-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىكى دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ، كاپىرغا رەھمەت، مەغپىرەت تىلەش ھارام بولىدۇ دەپ قارىغان".

   ئىككىنچى: دۇنياغا ئالاقىدار تىلەكلەر: مال-دۇنياسى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپ بولىشىنى تىلەش، كېسەلدىن شىپا تېپىشىنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىنىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىنى تىلەش، ئەڭ مۇھىم ۋە كاتتا بولغىنى: ھىدايەت تىلەشتۇر.

    بۇ تۈردىكى تىلەكلەر بىر قانچە تەرەپلەردىن دۇرۇس بولىدۇ، خاتا بولمايدۇ:

    1-بۇنداق قىلىش چەكلەنمەيدۇ، چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا دەلىل بولمىسا، ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە قالىدۇ.

   2-ھەدىستە ئەگەر كاپىر ئېنىق لەۋزى بىلەن سالام يوللىغان بولسا، ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇش دۇرۇس دەپ بايان قىلىنغان، سالام قايتۇرۇشمۇ ئۇنىڭغا تىنچلىق، سالامەتلىك تىلەشتىن ئىبارەتتۇر. يەنە ھەدىستە كاپىرغا رۇقىيە ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلىقى بايان قىلىنغان. رۇقىيە ئوقۇشمۇ شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلىشتۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتى 6714- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   3-بۇنىڭ كاپىرنىڭ دىلىنى مايىل قىلىشقا پايدىسى بار، بۇ شەرئى مەقسەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان كاتتا مەنپەئەت بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ يەھۇدىي بالا كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنى يوقلىغان ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا مۇسۇلمان بولۇپ ۋاپات بولغان.

   4-ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسىدىن مۇشۇنداق دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

"ئۇقبە بىن ئامىر جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆرۈنىشى مۇسۇلمانغا ئوخشايدىغان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇ كىشى سالام قىلدى، ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇپ: ساڭىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن دېگەن ئېدى، خىزمەتچىسى: سىلىگە سالام قىلغان كىشى خرىستىيان دېدى، ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىگە يېنىپ ئۇ كىشىگە يېتىشىپ بېرىپ: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى مۆمىنلەرگە بولسۇن دېدى، لېكىن ئۇ ئادەمگە: ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن، مال-دۇنيا، پەرزەنتلىرىڭىزنى كۆپ قىلسۇن دېدى". [بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى "ئەدابۇل مۇپرەد"1-توم 380-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ھەسەن بەسەرى: "زىممىينى ئىززەتلىمەكچى بولساڭ: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق نېسىپ قىلسۇن دېگىن دەيدۇ".

   ئىبنى قەييىم "زىممە ئەھلىنىڭ ھۆكۈملىرى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 438-بەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەردىن بىر قانچىنى كەلتۈرگەن.

   5-پىقھىشۇناس ئالىملار-ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن-مۇشۇ تۈردىكى دۇئالارنى قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارىدى. ئۇ توغرىدا كەلگەن دەلىللەردىن:

    ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى بەھۇتىينىڭ"كەششاپۇل قىننا" 3-توم 130-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" ئۇلارغا: خوش كەپسىز، قانداقراق قوپاپسىز؟ ئەھۋالىڭىز قانداق؟ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭدەك مۇسۇلمان زىممىيگە: ئاللاھ سېنى ئىسلام بىلەن ھۆرمەتلىك قىلسۇن، ھىدايەت قىلسۇن دېسە بولىدۇ.

    ئىبراھىم ھەربىي ئەھمەد بىن ھەنبەلدىن: زىممىيغا ئاللاھ سېنى ئىسلام بىلەن ھۆرمەتلىك قىلسۇن دېسە بولامدۇ؟ دېگەندە، ئۇنداق دېسە بولىدۇ دېگەن.

    شافىئىي كىتاپلىرىدىن:"نىھايەتىۇلمۇھتاج" 1-توم 533-بەت ۋە "تۆھپەتۇل مۇھتاج" 2-توم 88-بەتتە: كاپىر ئۈچۈن تېنىگە ساغلىق ۋە ھىدايەت تىلەپ دۇئا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دەپ كەلگەن.

    مەناۋىي "پەيزۇل قەدىير"1-توم 345-بەتتە مۇنداق دېگەن: "كاپىر ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلماي، ھىدايەت، ساغلىق تىلەپ دۇئا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ خرىستىيان دوختۇرغا سوئالدا بايان قىلىنغان: رەببىم سىزنى ھۆرمەتلىك قىلسۇن، رەببىم سىزنى ئەزىز قىلسۇن، رەببىم سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇ ئىنساننى ھىدايەت قىلىپ ئىسلام بىلەن ھۆرمەتلىك قىلىشىنى مەقسەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

     ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل رەھىمەھۇللاھدىن: مۇسۇلمان كىشى خىرىستىيانغا: ئاللاھ سىزنى ھۆرمەتلىك قىلسۇن دېسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ھەئە، ئاللاھ سىزنى ئىسلام بىلەن ھۆرمەتلىك قىلسۇن دېگەننى مەقسەت قىلسا بولىدۇ دېگەن. [ئىبنى مۇپلىھنىڭ "شەرىئەت ئەدەپلىرى" 1-توم 369-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى