"يىلنىڭ ھەر قانداق كۈنلىرىدە ئۆمرە قىلسا بولىدۇ، ھەتتا ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىپ، ئاندىن ھەج قىلغان بولسا، قىلغان ھەججى ھەج تەمەتتۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۆمرىنى ھەج بىلەن بىرگە نىيەت قىلىپ ئادا قىلسا، قىلغان ھەججى ھەج قىران بولىدۇ، ھەج تەمەتتۇ ۋە ھەج قىران قىلغان ھەر بىر كىشىگە قۇربانلىق قىلىشقا يارايدىغان بىردىن ھەدىيە كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر مەككە ئەھلى بولماستىن سىرتتىن كەلگەن كىشى، دەسلەپتە ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەج قىلغان بولسا، تەشرىق كۈنلىرىدىن كېيىن يەنى مىنادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆمرە قىلسا توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ھەدىيە بوغۇزلاش كېرەك بولمايدۇ".
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋالار دائىمىي كومىتېتى. شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان قاتارلىقلار. "
[پەتىۋالار دائىمىي كومىتېتى" 11-توم 316-بەت].