جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايال كىشىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدە چېچىدىن قانچىلىك قىسقارتىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئانام ئۆمرى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بىلمەستىن، چېچىدىن پەقەت بىر تالنى كەستى، بۇ توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش بولسا ئۆمرىنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بولۇپ، ئاياللار چېچىنى ئالدۇرمايدۇ، ئۇلار پەقەت قىسقارتسا بولىدۇ.

كۈچلۈك قاراشتا، چاچنىڭ ھەممە يېرىنى قىسقارتىش لازىم، بۇ مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى، ئايالنىڭ ئۆرۈمە چېچى بولسا ھەممە ئۇچىدىن كەسسە بولىدۇ، ئۆرۈمە بولمىسا چېچىنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ كېسىدۇ، ياخشىسى بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقدارىدا كېسىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئازراق كەسسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەتتە قانچىلىك كېسىش توغرىسىدا بەلگىلىمە بايان قىلىنمىغان.

باجى رەھىمەھۇللاھ : "ئەلمۇنتەقا" ناملىق ئەسەر 3-توم 29-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى ئېھرامغا كېرمەكچى بولسا كېسىش ئۈچۈن چىچىنى تەييارلىۋالىدۇ، ئېھرامدىن چىققاندا كېسىدۇ".

قانچىلىق قىسقارتىدۇ؟: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە، بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقدارىدا دېيىلگەن. ئىبنى ھەبىبنىڭ مالىكتىن قىلغان رىۋايىتىدە: بارماق ئۇچىنىڭ مىقدارىدا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ياكى ئازراق دېيىلگەن.

ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرىدا بىزنىڭ قارىشىمىزدا مەلۇم بەلگىلىمە يوق، قانچىلىك ئالسا بولىۋىرىدۇ، ئۇزۇن چېچى بولسۇن ياكى قىسقا چېچى بولسۇن ھەممە يېرىدىن قىسقارتىدۇ".

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 3-توم 196-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: چېچىنىڭ ھەممىسىنى قىسقارتىش ياكى ئالدۇرۇش كېرەك بولىدۇ، ئايالمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇ سۆزنى ئىمام مالىكمۇ دېگەن ۋە قانچىلىك مىقداردا قىسقارتسا بولىۋىرىدۇ، دېگەن، ئىمام ئەھمەد: بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقدارىدا قىسقارتىدۇ دېگەن، بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىمام شافىئى، ئىسھاق، ئەبۇ سۇر قاتارلىقلارنىڭ قارىشى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى بويىچە مۇستەھەپ بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ 3-توم 226- بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى چېچىدىن بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقدارىدا قىسقارتىدۇ، ئاياللارغا چاچنى ئالدۇرۇش ئەمەس بەلكى چاچنى قىسقارتىش بۇيرۇلغان، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق. ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار مۇشۇ قاراشقا بىرلىككە كەلگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاياللارغا چاچنى ئالدۇرۇش يوق پەقەت قىسقارتىش بار تىرمىزى رىۋايىتى، ئىمام ئەھمەد: ئايال كىشى ھەر چېكىسىنىڭ چېچىدىن بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقدارىدا قىسقارتىدۇ، دېگەن، بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىمام شافىئى، ئىسھاق ۋە ئەبۇ سۇر قاتارلىقلارنىڭ قارىشى. ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ: مەن ئىمام ئەھمەدتىن: ئايال كىشى بېشىنىڭ چېچىنىڭ ھەممىسىدىن قىسقارتامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇنىڭ: ھەئە، چېچىنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە توپلايدۇ، ئاندىن چېچىنىڭ ئەتراپىدىن بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقدارىدا قىسقارتىدۇ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ"7-توم 329-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەدنىڭ ئايال كىشى بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقداردا قىسقارتىدۇ دېگەن سۆزى، بارماقنىڭ بىر بوغۇمى مىقدارىدا دېمەكتۇر، ئايالنىڭ چېچى ئۆرەگلىك بولسا ئۆرىگەن چاچنىڭ ئۇچىدىن قىسقارتىدۇ، ئۆرەگلىك بولمىسا، چېچىنىڭ ئەتراپىدىن بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ مىقداردا قىسقارتىدۇ، نورمالدا ئىككى سانتا ئەتراپىدا قىسقارتىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان: چېچىنى بارمىقىنىڭ ئۇچىغا يۆگەپ، چاچنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتاشسا كىسىش زۆرۈر بولغان مىقدار شۇ، دېگەن گەپ توغرا ئەمەس".

شۇنىڭغا ئاساسەن، كىمكى چېچىدىن بىر تال قىسقارتقان بولسا، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان شەكىلدە قىسقارتقان بولمايدۇ، ئۇ ئايال بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان شەكىلدە قىسقارتىشى كېرەك، يۇقىرىدىكى ئىشلاردا ئۇ ئايالغا ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرەرنى قىلىپ قالغانلىق جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ ئۆمرى پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان ئايال توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلىرىغا كەلسەك، مەسىلەن: ئايالنىڭ ئېرى ئايال بىلەن ھەج پائالىيىتىنى جەريانىدا جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، بۇ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئەڭ چوڭ جىنايەت بولۇپ، ئۇ ئايال بىلمەي قىلغان بولسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، ھەرقانداق بىر كىشى ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بېرىنى بىلمەسلىكتىن ياكى ئۇنۇتقانلىقتىن ياكى مەجبۇرلانغانلىقتىن قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار مەجمۇئەسى"21 -توم 351-بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ئۆمرى قىلىپ بولغاندىن كېيىن چېچىنى بېشىنىڭ بىر تەرىپىدىن قىسقارتىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قىلغان ئىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلگەن بولسا قانداق قېلىدۇ؟ دېگەندە، شەيخ جاۋاپ بېرىپ:"ئەگەر بۇ ئىشنى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسا، ئۇ ھازىرلا كىيىملىرىنى سىلىپ، ئېھراملىق كىيىملىرىنى كېيىپ چېچىنى تولۇق ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بىلمەي قىلغىنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، چېچىنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشنىڭ پەقەت مەككىدە بولىشى شەرت ئەمەس، بەلكى مەككىدە ۋە باشقا يەردە بولسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر بىرەر ئۆلىمانىڭ پەتىۋاسىغا تايىنىپ قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە: بىلمىسەڭلار بىلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار دېگەن. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: بېشىنىڭ بەزى يىرىدىن قىسقارتىش چېچىنىڭ ھەممە يىرىدىن قىسقارتقانغا ئوخشاش بولىدۇ. "ئايلىق ئۇچرىشىش" 10-نۇمۇر.

ئايال كىشىنىڭ چېچىنى قىسقارتىشتىن ئىلگىرى كىيىمىنى سىلىۋىتىشى كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئاياللارغا ئېھرامدا ئۆزىنىڭ ئادەتتە كەيگەن كىيىمىنى كىيىش چەكلەنمەيدۇ، ئۇلارغا پەقەت نىقاپ تاقاش ۋە پەلەي كىيىش چەكلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى