بىرىنچى: ئەقىللىق كىشى كارتۇن پىلىمنىڭ كىچىك بالىغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغانلىقىدىن ھەرگىز شەك قىلمايدۇ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان كۈچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىلىپ كېتىشىمۇ زىيادە بولىدۇ، بۇ رەسىملەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاسىتىلەر ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، ھەتتا كۆپلىگەن چوڭ كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرالماغلىق، بۇنىڭغا قېتىلىپ، كىچىكلەرنىڭ بۇنداق كارتۇن پىلىملەرگە قارىتا قارشىلىق كۈچى يوق، ئەقلى مۇكەممەل ئەمەس، ئېتىقادى ئاجىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاشۇ كاتۇن پىلىملەرنى كۆرگەن كىچىك بالىلاردىن بۇ توغرىدا سوراپ باقسىڭىز، ئۇلار سىزگە تۈرلۈك ھادىسە، ۋاقىئەلىكلەرنى گۇياكى ئۇ ئىشلارنى ھازىر كۆرۈپ تۇرغاندەك ھالەتتە سۆزلەپ بېرىدۇ، بۇ ئاشۇ بالىلارنىڭ زېھنىگە خۇددى ئەقىدە-ئېتىقاد ئورنىغاندەك ئورناپ كەتكەن، كارتۇننىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئويلانغان كىشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كىچىك بالىلارغا ھەتتا بەزى چوڭلارغىمۇ بولغان خەتىرىنىڭ يامانلىقىنى بىلىدۇ.
جەزىرە گېزىتىنىڭ ھىجىريە 1427-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 12321-سانىدىكى كارتۇن پىلىمنىڭ ھاياتنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدە كىچىك بالىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر قىلغانلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، "ھۇدا غەپىيس"نىڭ ئىلمى تەتقىقاتىغا ئىشارەت قىلغان ماقالىسىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان:"ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى، سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن كارتۇن پىلىملارنىڭ مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادى تەسىر كۆرسىتىش خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان، چۈنكى ئۇ كارتۇن پىلىملەر، ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان ياشلارنىڭ زېھنىدە ئىمان-ئىشەنچىسىنى تەۋرىتىشنى نىشان قىلغان بۇزۇق پىكىرلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، شۇڭا ياشلىرىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن سىمسىز تىلېۋىزىيە قاناللىرىنى تۈزەش بەك زۆرۈر، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى ھېچ كىشىگە مەخپى ئەمەس.
ئىلمى تەتقىقات بۇنىڭ ئىسلامنىڭ ، ئىسلام ئەھلىنىڭ بولۇپمۇ مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىدىسىنى، دىننىڭ باش يادروسىنى، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە ئىشىنىشنى بۇزۇشنى نىشان قىلغان ئەقلى ۋە ئىدىيىۋى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭدەك، ئوغۇللارنىڭ ئۈچ ياشتىن ۋە قىزلارنىڭ بەش ياشتىن باشلاپ ئېلان ۋاستىلىرىغا ئالاقىدار بولىدىغانلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، پىكىر قۇرۇلمىسى ۋە ئېتىقادىدىكى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى نىسبەتتىكى ئانىلار كارتوننىڭ بالىلارغا بولغان توغرا ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشتىكى رولىنى ھېس قىلالمايدىكەن، 75% تەتقىقاتچىلار كارتۇننىڭ بالىلارنىڭ ئېتىقاد-ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا تەسىرى بولىدۇ دەپ كەسكىن قىلمايدىكەن، بۇ بالىلارنىڭ كۆرگەنلىرىنى قايتا قۇرۇشنىڭ جىددى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، كارتوننىڭ بالىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تۇرغۇزۇشتىكى رولىنى، بالىلار پىسخىكىسىغا ئىنتايىن خەتەرلىك ئەقىدىلەرنى قوبۇل قىلىشىغا يېتەكلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، كارتۇننىڭ بالىنىڭ ئەقلىگە تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ زور بولماقلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق، بالىلىرىمىز دۇچ كېلىدىغان خەتەر دەرىجىسىگە باراۋەر ئۇسۇلدا مۇۋاپىق بىر چارە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى".
ئىككىنچى: ئېلان ۋاستىلىرىغا مەسئۇل بولغانلارنىڭ مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇشى زۆرۈر بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېلانلىرىنىڭ جەمئىيەتنى بۇزۇش-ۋەيران قىلىشقا، رەزىللىك، زوراۋانلىق، بۇزۇقچىلىقنى تارقىتىشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئۇلار كۆپ قىسىملىق پىلىم، دراما، ناخشا-مۇزىكىلار بىلەن ياش قىز-ئوغۇللارنى، ئەر-ئاياللارنى بۇزۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن ھەتتا بالىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەقىدىسىنى بۇزىدىغان شەرقنىڭ ھالاكەتلىك، غەربنىڭ بۇزۇق كارتۇن پىلىملىرىنى كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ تىزرەك بۇرۇلىشىغا ھەسسە قوشماقتا.
ئۈچىنچى: ئاتا-ئانىلار ۋە ۋەلىيلەرنىڭ بالىلارغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى يوقىتىشتا ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنغان ئۇسۇللار:
1- بالىلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىدىن پايدىلىنىش كېرەك.
2-ئۇلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى، ساھابىلارنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇناسىپ كېلىدىغان سىيرەت كىتابلىرىنى ئوقۇپ بېرىش كېرەك.
3-بالىلارغا ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك ئۇسۇل بىلەن ئاللاھنى بىر بىلىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئۇنىڭ ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكى قاتارلىق ئۇلارنىڭ يېشىغا ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا مۇناسىپ بولغان ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.
4-ئۇلارنى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە يامان كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش لازىم، مۇزىكىلىق رەسىملەرنى، يېرىم-يالىڭاچ كيىنگەن قىزلارنى كۆرمەيدىغان، كېرست بەلگىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، ھەتتا ھاراق ئىچكەن ياكى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي بىر نەرسە يېگەن ئادەمنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىدىغان، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغىرلاۋاتقان، بۇلاۋاتقان، ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنى كۆرسە ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش لازىم، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بالىلارنى مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى كۆرۈشكە، توغرا بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە دەرھال ئۆچۈرىۋېتىدىغان، كۆرمەيدىغان قىلىپ ئادەتلەندۈرۈش كېرەك، بالىلارنى گۈزەل ھېكايە، پايدىلىق نەرسىلەر بىلەن تەربىيىلىگەندە، بۇ نۇرغۇنلىغان چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە سەۋەپ بولىدۇ.
بالىلارنى بۇزىدىغان ناچار كارتۇن پىلىملەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولغان نەرسىلەر:
1- ئىسلام پرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولغان، چەكلەنگەن ئىشلاردىن خالى بولغان، بالىلارنى ئەخلاق-پەزىلەتكە تەربىيىلەيدىغان ئاشۇ كارتۇن پىلىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان پروگراممىلارنى تەييار قىلىش، ئەگەر شۇ كارتۇن پىلىمنىڭ ئۆزى بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى چەكلەنگەن ئورۇنلارنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ يېڭىدىن ئىشلىسە بولىدۇ، ئۇنىڭغا شەرىئەتكە زىت بولمايدىغان دۇرۇس سۆزلەر بىلەن ئاۋاز كېرىشتۈرۈلسە بولىدۇ، "مەجد" قانىلى بۇ يولدا مېڭىپ ياخشى قىلدى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كارتۇن پىلىملىرى بار، ئۇنىڭ "دەبلىجات" ناملىق مەشھۇر پايدىلىق كارتۇن پىلىمى بار، بۇ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە گۈزەل تەلىم-تەربىيەنى بىرگە ئىلىپ بارىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ھازىر بەزى ئىسلامى كارتۇن پىلىملەر ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇلار بۇنى ئىسلامى كارتۇن دەيدۇ، ئۇنىڭدىن: "ئىستانبۇلنى پەتىھ قىلىش"، "تىنچلىق سەپىرى"، ئاخىرىدا بۇرۇج سۈرىسى تەپسىرىدە ياكى سەھىھ مۇسلىمدىكى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان "نەجىرانلىق بالا" ناملىق كارتۇن پىلىم ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ جانلىق كارتۇن پىلىملار ئىلگىرىكى بۇزۇق كارتۇن پىلىملەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭچە ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق، ئەمەلىيەت خۇددى سىز بايان قىلغاندەك، كىچىك بالىلارنى ھارام نەرسىلەردىن ھېمايە قىلىشتۇر، ئۇنىڭدىكى ئاز بىر ئىش-ھەرىكەتلەرگە قاتتىقلىق قىلساقمۇ، ئاڭلىغىنىمىزغا كۆرە، بۇ يامغۇر چۈشكەندە ئاللاھ تائالاغا شەكىل ئىپادىلەيدىغان، ئەقىدە-ئېتىقادقا شەك پەيدا قىلىدىغان بۇزۇق كارتۇن پىلىملەردىن كۆپ ياخشىدۇر، ھەرھالدا بۇنىڭغا گۇناھ بولىدۇ دەپ قارىمايمەن، ئۇ ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتلەردە ياخشىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن، لېكىن بۇنىڭغا مۇزىكا كېرىشتۇرۇپ قويغىنى توغرا بولماپتۇ، چۈنكى مۇزىكا دېگەن چەكلەنگەن-ھارام چالغۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ". [ئوچۇق سۆھبەت" 10-نومۇرلۇق سۇئال/127 ].
2-پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت پروگراممىسىنى تاللىغاندا، تەلىم بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرگە قىلىدۇ، بۇ شەكىلدىكى سۈرەتلىك ۋە ئاۋازلىق پۇراگرامىلار كەڭ تارقالدى، ئۇنىڭدا سۇ ئاستى دۇنياسى، ھايۋاناتلار دۇنياسى سۆزلىنىدۇ ۋە كۆرسىتىلىدۇ، "مەجدى" قانىلى ئۆزىنىڭ ئاياللاردىن ۋە مۇزىكىدىن خالى بولغان پۇراگراممىلىرى بىلەن مەدەنىيەت-مائارىپ تەرەپلەردىن كۆپ كۈچ چىقاردى.
بۇ كارتۇن ۋە ئۇ پروگراممىلار شەرئى قائىدىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك، ھەمشىرىمىز ھۇدا غەپىيس ماقالىسىدا بۇنىڭدىن بەزى بىرلىرىنى زىكىر قىلدى، "يېرىم ئارال گېزىتى" ئۇنىڭ مۇنۇ ماقالىسىنى ئېلان قىلدى:
تەتقىقات بالىلار پروگراممىسى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار كۆز ئالدىدا قويۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان بەزى خۇسۇسىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭدىن: بالىلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان پروگراممىلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن يىراق بولۇش كېرەك، بالىلارنىڭ بۇنداق قورقۇنچلۇق پۇراگرامملارنى قوبۇل قىلالايدىغان بىر باسقۇچى بولىدۇ، چۈنكى بالا دېگەن ئىككى ياشتىن بەش-ئالتە ياشقىچە يالغۇز قېلىشتىن، ئوتتىن، ھايۋانلاردىن، كۆلەڭگۈدىن، يىلان-چايان قاتارلىق خىيالى نەرسىلەردىن قورقىدۇ، بۇنداق نەرسىلەرنى سۈرىتىنى كەلتۈرۈش، بالىنى پىسخىكا كېسىلى قىلىپ قويىدۇ.
مەخسۇس بالىلارغا بېغىشلانغان پروگراممىلار ئەخلاقى قىممەتنى تارقىتىشقا ۋە كۆپ يىغلىماسلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، چۈنكى بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئاجىز شەخسىيەت يېتىلدۈرىدۇ، ھەقىقەتەن ئەخلاقى قىممەت قارىشى دېگەن خوشاللىق ئەندىزىسى ۋە ئۈمىدۋار پىكىرلەر ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ.
تەتقىقات بالىلار تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىقىشتىن ئىلگىرى ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىز چوقۇم بۇ ئىلمىي ماھارەتنى ئاساس قىلغان ۋە بەدىئىي سىستېمىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز ، تەسەۋۋۇرنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتمەسلىكىمىز كېرەك ، چۈنكى ئۇ بالىلارنىڭ تونۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ، شۇڭا ئۇنى ئاز مىقداردا ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.
تەتقىقاتتا كارتونلارنىڭ تەسىرىنى ئىسلام ئۆلچىمىگە ئاساسەن تەھلىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى كۆڭۈل ئېچىش ۋە باشقىنى تاللاپ تېپىش ئەمەس ، ھەمدە ئىسلامى تاللاشنىڭ بالىلارغا نېمىلەرنى تەمىنلىگەنلىكىنى بىلىشتۇر ؛ چۈنكى تاللىغان نەرسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسلام ئۆلچىمىگە زىت نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئۇلار مۇھىم بىر تەرەپكە سەل قارىغان ، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەرسلىك پىلانغا مۇۋاپىق، بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ھالەتتە ئىسلام ئەقىدىسىنى قانداق سېڭدۈرۈش قاتارلىق ئامىللاردىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام پەنلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ياشلارنىڭ زېھنىنى نىشان قىلغان قاراتمىلارغا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈردۇر".
3- بالىلارنى ساغلام ۋە پايدىلىق پروگرامما بىلەن مەشغۇل قىلىش، ئۇلارغا تەنتەربىيە ، سۇ ئۈزۈش ۋە باشقا رۇخسەت قىلىنغان ئويۇنلارنى مەشىق قىلىدۇرۇش، بۇ ئويۇنلار خۇشاللىق ۋە مەنپەئەتنى بىرلەشتۈرىدۇ ، ئۇلار بۇ ئويۇنلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن مەشىق قىلىدىغان كۇلۇبنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە قاتنىشىدىغان سەمىمىي دوستلارنى تاللايدۇ.
4-ئۇلارنىڭ بىر قىسىم بۆلۈملىرىدە بالىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىسلامى تور بېكەتلىرىنى كۆرۈشى، ئۇلارغا پايدىلىق پىلىملەر ، قىزىقارلىق ئويۇنلار ياكى پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىسلام جىھادلىرىنى كۆرسىتىدىغان كارتون فىلىملەرنى كۆرسىتىش كېرەك. «ئىسلام تورى» نىڭ بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە پايدىسى بولغان خاس قىسمى بار.
كۆرگىنىڭىزدەك، بىز بالىلار بىلەن خۇددى چوڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايمىز. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، بىز ئاتا-ئانىلارنى بالىنىڭ كۆرۈش ۋە ئويناشتىن ھۇزۇرلىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا ئۈندەيمىز ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىز ئىسلام پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، ۋە بالىنىڭ بىزگە قارشى كېلىدىغان شەكىلدە بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئارغامچىنى (بالىلارنى ئۆز ئىختىيارىغا) ئەركىن قويۇۋەتمەيمىز، شۇڭلاشقا، بىز ئاۋاز ۋە ئوبرازدا بالىغا پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا ئىنتايىن موھتاج ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا پايدىلىق ، ۋە خۇشاللىنارلىق نەرسىلەرنى تاللاپ تەقدىم قىلىشقا ئىنتايىن موھتاج. بىز قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرىمىز ، شۇنداق بولغاندا قىزلار كىچىكىدىن يۈزى تۆۋەن ۋە ھايالىق بولۇپ يېتىلىدۇ.
ھەمشىرىمىز ھودا ئەل-غەپىيس جاۋابنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىسىدا، بۇ ھەقتىكى بەزى پايدىلىق ئىشلارنى تىلغا ئالدى.
«ئەلجەزىرە گېزىتى» نىڭ تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: «تاراتقۇلارنىڭ سەلبىي تەسىرى ۋە ئۇلارنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، تەتقىقات ئېتىقادنى ئاساس قىلغان ، ئەقىدىنى كۇچلەندۇرىدىغان، ساغلام قەلب ئاساسىغا قۇرۇلغان مائارىپ ئۇسۇلىنى قوللىنىش سەلبى پىكىرلەرنى توسىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ، تەتقىقات بۇ سەلبى پىكىرلەرنىڭ بەزىسىنى بايقىدى ۋە قانداق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:
بىرىنچى: پۇتبول ۋە سەنئەت چولپانلىرى بىلەن دائىم تاراتقۇ زىيارىتىنى قىلىش ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇلارنى بالىلارغا ئۈلگە قىلىش. تەتقىقات مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بالىنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى بولغان «رەسۇلۇللاھ» بىلەن باغلاپ ، پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۇ بالا ياشايدىغان رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى: بالا كارتون پېرسوناژلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە ساقلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كىيگىنىگە ئوخشاش كىيىم تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش چارىسى: بالىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ، ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ۋە مۇسۇلمانلار تارىخىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا قىزىقتۇرىمىز.
ئۈچىنچىسى: بالىدا ئېتىقادىمىزغا ماس كەلمەيدىغان پىكىرلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىش ئاجىزلىقى بولۇپ، تەتقىقات بۇ نۇقتىنى ھەل قىلىش چارىسى: بالىلارنىڭ ئۆزىگە تايىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىتىش ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە باغلاش ئارقىلىق بولىدۇ.
تۆتىنچى: ئىسلامغا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىش ۋە شەرەپلىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ، بۇنداق بولۇشى: بالىنىڭ ئىسلامنى سۆيۈش تەربىيىسىدە يېتىلمىگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان بولۇشنىڭ قىممىتىدىن خەۋەردار بولماسلىقى سەۋەبىدىندۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن: بىز چوقۇم ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ، ھەمدە بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ، ئۇنى باشقا دىنلار بىلەن سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئامانەتنى ئۈستىمىزگە ئالغاندا چوقۇم مەسئۇلىيەتچان ۋە سەمىمىي بولۇشىمىز كېرەك.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.