جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ۋە نامازدا سەجدىنى ئۇزۇن قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 112165

مەن ھەر جۈمە كۈنى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ دەپ قارالغان كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى  ۋاقىتتا مەسچىتكە كېرىپ ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇيمەن، ئاندىن ئىككىنچى رەكەتنىڭ ئاخىرىقى سەجدىسىدە كۈن پاتقۇچە سەجدە قىلغان ھالىدا قالىمەن، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىمەن، ھەتتا مۇئەززىن شام نامىزىغا ئەزان ئېيتىدۇ، چۈنكى جۈمە كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىت دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتىدۇر، مەن دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بۇ پۇرسەتتە ئۇزۇن سەجدە قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇش سەۋەبلىرى تېپىلمىسا، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتتا قۇرئان كەرىمدىن سەجدە بار ئايەتنى ئوقۇپ مۇئەززىن جۈمە كۈنى شامغا ئەزان ئوقۇغانغا قەدەر سەجدە قىلغان ھالىتىمدە قالىمەن. مېنىڭ ئەھۋالىم:  دۇئا قىلىش ۋە سەجدىنى ئۇزۇن قىلىشتۇر، ھەتتا بىر كۈنى مەن سەجدىدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر كىشى كېلىپ ماڭا بۇنداق قىلىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى دەپ مېنى شەككە چۈشۈرۈپ قويدى، مېنىڭ بۇ ئىشىم بىدئەتمۇ؟، مېنىڭ مەقسىتىم جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئاخىرقى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دۇئا ۋە سەجدە بىلەن ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىمەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى بېكىتىش توغرىسىدا ئالىملارنىڭ نۇرغۇن پەرقلىق قاراشلىرى بار، بۇ سۆزلەرنىڭ دەلىل جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك بولغانلىرىدىن: جۈمەگە ئەزان ئوقۇلغاندىن تاكى جۈمە نامىزىنى ئادا قىلغانغىچە بولغان ۋاقىت شۇنىڭدەك، جۈمە كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن تاكى كۈن پاتقۇچە بولغان ۋاقىت، بۇ ھەر ئىككى ۋاقىتنىڭ ھەدىستىن دەلىللىرى بار، بۇنى نۇرغۇن ئالىملار بايان قىلغان.

ئا- بىرىنچى ۋاقىتنىڭ دەلىلى توغرىسىدا: ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  مۇنداق دەيدۇ:  مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم : «ئۇ بولسىمۇ، ئىمام خۇتبىگە چىققاندىن تارتىپ ناماز ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىتتۇر». [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 853-ھەدىس].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ كۆپ ۋاقىتتا مۇنداق دەيتتى: "سەلەپ ئالىملىرى ئۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ قايسىسىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ئىمام بەيھەقى نىساپۇرلۇق ئەبۇ پەزلى ئەھمەد ئىبنى سەلەمەنىڭ ئىسنادى بىلەن كەلتۈرگەن ھەدىستە:  بۇ بابتىكى ئەڭ ئېسىل ۋە توغرا قاراش ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس دېگەن. ئىمام بەيھەقى، ئىبنىل ئەرەبىي ۋە كۆپچىلىك ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئىختىلاپ بولغاندا نەخ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان دەلىل بولۇپ، بۇنىڭ غەيرىگە قارالمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر.  "ئەررەۋزە" ناملىق ئەسىرىدە بۇ قاراشنى كەسكىنلەشتۈردى. بۇ ھەدىسنىڭ بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقىنى كۈچلەندۈردى" [پەتھۇلبارى 421/2].

ب-ئەمما ئىككىنچى ۋاقىتنىڭ دەلىلى بولسا:  جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئون ئىككى ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان بەندە ئاللاھ تائالادىن بىر نەرسە سورىسا ئاللاھ ئۇنىڭغا بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىنكى ئاخىرقى ۋاقىتتىن ئىزدەڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايتىى1048 -ھەدىس. نىسائى1389 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا كەلتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇ"  4 -توم 471 -بەتتە كەلتۈرگەن].

بۇ قاراشنى دېگۈچىلەر بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ ئاۋۋىلىدە ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سالام-ئاللاھ بۇ ئىككىيلەندىن رازى بولسۇن- قاتارلىق ئىككى ساھابى بار.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: نۇرغۇن ئالىملار ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى كۈچلەندۈردى.  ئىمام تىرمىزى ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىدۇ. ئۇ:  كۆپ ھەدىسلەر بۇنى دەلىللەيدۇ دەيدۇ.  ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ مۇشۇ باپنى ئىسپاتلاشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەدىستۇر.   سەئىد ئىبنى مەنسۇر ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇراھمانغىچە سەھىھ ئىسناد بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  بىر توپ ساھابىلار جۇغلىشىپ جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىشىپ، ئاندىن ئايرىلىپ كەتتى، ئۇلار ئۇ ۋاقىتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرقى ۋاقىت ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشمىدى. نۇرغۇن ئىماملار بۇ قاراشتا بولغان، ئۇلاردىن:  ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق، مالىكى مەزھىبىدىن:  تەرتۇشىي، ئۆز ۋاقتىدىكى شافىئى ئالىملاردىن ئەلائىينىڭ بايان قىلىشىچە ئۇنىڭ ئۇستازى ئىبنى زەملىكانى بۇ ۋاقىتنى تاللاپ ئىمام شاپىئىيدىن دەلىل بايان قىلغان". [پەتھۇل بارى 421/2].

بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: " دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىت قىلىنىدىغان ۋاقىت توغرىسىدا كەلگەن كۆپلىگەن ھەدىسلەردە:     ئۇ ۋاقىتنىڭ ئەسىر نامىزىدىن كېيىنكى ۋە يەنە كۈن ئېگىلگەندىن كېيىنكى ۋاقىت ئىكەنلىكى ئۈمىت قىلىنىدۇ." بۇ قاراش تىرمىزىدىن نەقىل قىلىنغان. سۈنەن تىرمىزى 360/2].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىت قىلىنىدىغان ۋاقىت ئۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدۇر، گەرچە ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت خاسلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ ھەر كۈندە ئىلگىرى-كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ۋاقىتتۇر، ئەمما جۈمە نامىزىغىچە بولغان ۋاقىت بولسا ناماز ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولىشىغا ئەگىشىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى، ناماز ئادا قىلىشى ۋە ئاخىرىدا ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇشى بولسا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا تەسىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ توپلاشقان ۋاقتى بولغان دۇئا ئىجابەت بولۇش ئۈمىت قىلىنىدىغان ۋاقىتتۇر. ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدا ئىتتىپاققا كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۈممىتىنى مۇشۇ ئىككى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن". [زادىل مىئاد 394/1].

شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسلىمدا بايان قىلىنغان بەزى ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «جۈمە كۈنى ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن تاكى نامازنى ئادا قىلىپ بولغىچە». مۇسلىمدا ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن. ئەمما بەزى ئالىملار بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ئەمەس بەلكى ئۇ ئەبۇ مۇسانىڭ ئوغلى ئەبۇ بۇردەنىڭ سۆزى دېگەن. بۇ سۆزنىڭ توغرىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغانلىقىدۇر.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «جۈمە كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىق» دەپ كەلگەن.

يەنە بەزى ھەدىسلەردە، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت جۈمە كۈنىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ، بىر-بىرىگە زىت ئەمەس.

ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ تاللانغان ۋاقىت:  ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن تاكى نامازنى ئادا قىلىپ بولغىچە، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقۇچە، مۇشۇ ۋاقىتلار دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئەڭ ئۈمىت قىلىنىدىغان ۋاقىتتۇر. جۈمە كۈنىدىكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىت قىلىنسىمۇ، لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن تاكى نامازنى ئادا قىلىپ بولغىچە، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقۇچە بولغان ۋاقىت ئەڭ ئۈمىدلىك ۋاقىتتۇر. بۇ توغرىدا كەلگەن ئومۇمى ھەدىسنىڭ روھىغا كۆرە قالغان ۋاقىتلارمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىت قىلىنىدىغان ۋاقىتلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇبارەك ۋاقىتلارغا مۇۋەپپەق بولۇش ئۈچۈن جۈمە كۈنىدە دۇئانى كۆپ قىلىش لازىم، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت دەپ دەلىل بايان قىلىنغان ئۈچ خىل ۋاقىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش كېرەك.  [شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى 12/ 401--402 بەتلەر].

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت بولسا ناماز ۋاقتىدۇر، بۇنىڭ سەۋەبى:

بىرىنچى:  بۇ توغرىدا سەھىھ مۇسلىمدا ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس كەلگەن.

ئىككىنچى:  بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبادەتكە توپلىنىشىدۇر، بۇ توپلىنىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا بەك يېقىندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەپات كۈنى مۇسۇلمانلار ئەرەپات مەيدانىغا توپلاشقاندا، ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىندىشىم جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتىدىن ئىبارەت دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بۇ ۋاقىتقا ئەھمىيەت بېرىڭ، لېكىن بۇ ۋاقىت قاچان باشلىنىپ، قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟، ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن تاكى نامازنى ئادا قىلىپ بولغىچە بولىدۇ، ھازىر قاچان دۇئا قىلىدىغانلىقىمىزغا قاراپ باقايلى، ئىمام كىردى، سالام بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەزان ئوقۇلدى، ئەزان ئوقۇلغاندا دۇئا قىلىنمايدۇ، پەقەت مۇئەززىنگە ئەگىشىدۇ، ئەزان بىلەن خۇتبە ئارىسىدا دۇئا بار، ئەزاندىن كېيىن بۇ دۇئانى قىلىدۇ: «اللهم رب هذه الدعوة التامة والصلاة والقائمة آت محمداً الوسيلة والفضيلة ، وابعثه اللهم مقاماً محموداً الذي وعدته ، إنك لا تخلف الميعاد» ئاندىن خالىغان دۇئانى قىلىسىز، ئىمام خۇتبىنى باشلىمىغان مۇددەتتە خالىغان دۇئانى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئىككى خۇتبە ئارىسىدىمۇ دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ خالىغان دۇئانى قىلسىڭىز بولىدۇ، شۇنىڭدەك، سەجدە ئارىسىدىمۇ دۇئانى كۆپ قىلىڭ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر». سىز سەجدە قىلغان ھالىتىڭىزدە رەببىڭىزگە ئەڭ يېقىن بولىسىز.... بۇ يەردە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئىككىنچى بىر ئورۇن بارمۇ؟، ئۇ بولسىمۇ تەشەھھۇتتىن كېيىنكى ئورۇندۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن: «ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغان دۇئانى قىلىدۇ». خالىغان دۇئانى قىلىدۇ دېگەن ئۇسۇل قائىدىسىدە ئومۇملىقنى بىلدۈرىدۇ.

ھازىر بىزنىڭ قارىشىمىزدا دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت جۈمە نامىىزى ۋاقتىدا بىر قانچە ئورۇندا بولدى، قېرىندىشىم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىڭ، مۇمكىن سىز ئىجابەت بولۇش ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قېلىش ئۈچۈن جۈمە نامىزىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىڭ.

جۈمە كۈننىڭ ئۆزىدە دۇئا ئىجابەت بولۇش ئۈمىت قىلىنىدىغان يەنە بىر ۋاقىت بار، ئۇ بولسىمۇ ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقۇچە بولغان ۋاقىتتۇر، لېكىن بۇ سۆزنى بەزى ئالىملار باشقىچە چۈشەنچىلەردە بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەسىردىن كېيىن ناماز ئوقۇلمايدۇ، بۇنىڭغا بەزى ئالىملار مۇنداق جاۋاپ بەردى:  نامازنى كۈتۈپ تۇرغۇچى ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازنى كۈتۈپ تۇرغان كىشى نامازدا بولغان بولىدۇ». [مەدىنە ھەرەم پەتىۋالىرى ۋە دەرىسلىرى 1416 -يىل].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ئەسىر نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىت ناماز ۋاقتى ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى مۇنداق ئىككى مەنانى ئۆزئىچىگە ئىلىش ئېھتىماللىقى بار:

ئا-نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشنىڭ مەنىسىمۇ شەرىئەتتە ناماز دەپ ئاتىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : مەن ئابدۇللاھ ئىبنى سالامغا:  ماڭا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېسەم، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام : "ئۇ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرقى ۋاقىت" دېدى، مەن قانداق بولۇپ جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرقى ۋاقىت بولىدۇ؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دېگەن تۇرسا ، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىت ئەمەسقۇ؟دېسەم، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغۇچى ھەتتا ناماز ئوقۇغانغا قەدەر نامازدا بولىدۇ» دېمىگەنمۇ؟دېدى، مەن:  ئەلۋەتتە شۇنداق  دېگەن دېدىم، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام:  ئۇ ئاشۇ دېدى". [تىرمىزى رىۋايىتى 491- ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1046 –ھەدىس. نىسائى1430 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ،"ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا كەلتۈرگەن].

ب-ئۇ سۆزنىڭ دۇئا دېگەنگىمۇ ئېھتىماللىقى بار، چۈنكى سالات دېگەن سۆز لۇغەتتە دۇئا دېمەكتۇر.  بەدرىددىن ئەينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نامازدىن بولغان مەقسەتنىڭ دۇئا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، قىيامدىن ھەقىقى قىيام مەقسەت قىلىنماستىن لازىم تۇرۇش ۋە ئادەت قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ" [ئۇمدەتۇل قارى شەرھىل بۇخارى (242/6). ].

«ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە تۇرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:  دۇئا قىلىپ تۇرغان ھالەتتە دېگەن بولىدۇ، جۈمە كۈنى ئەسىردىن كېيىن دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى ئىزدەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر قانچە سۈرەتلىرى بار، ئۇنىڭدىن:

1-ئەسىردىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ كەتمەي دۇئا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئەسىردىن كېيىنكى ئاخىرقى ۋاقىت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ، بۇ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋېدۇر.  سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ جۈمە كۈنلۈكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ھېچ كىشىگە سۆز قىلمايتتى.

2-كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا مەسچىتكە بېرىپ، مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇيدۇ، ئەسىرنىڭ ۋاقتى چېقىپ كېتىپ بولغىچە دۇئا قىلىدۇ، بۇ ئوتتۇرىھال مەرتىۋېدۇر.

3-ئۆيىدە ياكى باشقا بىر جايدا ئولتۇرۇپ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىغىچە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ، بۇ ئەڭ تۆۋەن مەرتىۋېدۇر.

شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھتىن: دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن بىر نەرسە سوراش ئۈچۈن جۈمە كۈنىدىكى ئاخىرقى ۋاقىتنى تاپماقچى بولغان كىشى، ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلغان ئورۇندا بولىشى كېرەكمۇ ياكى ئۆيىدە ۋە باشقا مەسچىت ۋە ئورۇنلاردا بولسىمۇ بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى مۇتلەقتۇر، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى ئىزدەيدىغان كىشى، جۈمە كۈنىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا ئىزدىسە، بۇ ۋاقىت ئىجابەتكە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتۇر، لېكىن شام نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىتكە بېرىپ كۈتۈپ تۇرسا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە تۇرىدۇ» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

نامازنى كۈتۈپ تۇرغۇچى نامازدا تۇرغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ناماز ئوقۇيدىغان جايدا بولغان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ، كېسەل ئۆز ئۆيىدە شۇنداق قىلسىمۇ بولىدۇ، ئايالمۇ ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغان جايىدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلسا بولىدۇ، شۇنىڭدەك، كېسەل بولسۇن ياكى ساق بولسۇن ناماز ئوقۇيدىغان جايىدا ئولتۇرۇپ شامنى كۈتسە، ئۇنىڭمۇ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ، بۇ يوللۇق ئىش، شام نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىتكە بۇرۇن بېرىپ نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ" [شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى270-271/30-بەتلەر].

سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم!  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىزدا ئىككى تەرەپتىن خاتالىق بولغان:

ئا-سىز ھەدىستە سۆزلەنگەن ناماز دېگەن سۆزدىن رۇكۇ-سەجدە قىلىنىدىغان ھەقىقى نامازنى مەقسەت قىلدىڭىز، ھەقىقەتتە ئۇنىڭ مەنىسى:  يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، نامازنى كۈتۈش ياكى دۇئا قىلىپ ئولتۇرۇشتۇر.

ب-مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىدا ئىككىنچى رەكەتتىكى ئاخىرقى سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز كۆرسەتمىسىگە خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدىكى يولى بولسا رۇكۇ-سەجدىلەرنىڭ ئارىسىنى ئاساسەن ئوخشاش قىلىشتۇر.  بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 111889 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

دۇئا قىلىمەن دەپ نامازدا ئىككىنچى رەكەتنىڭ ئاخىرقى سەجدىسىنى ئۇزۇن قىلىش بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android