پەيغەمبەر تېبابىتىدە مىسۋاكنىڭ پايدىلىرى

سوئال: 115282

مەن ئوقۇغان كۆپ ماتىرياللاردا  ۋە ئاڭلىغانلىرىمدا مىسۋاكنىڭ باش ئاغرىقىنى ساقايتىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىرى بارلىقىنى بىلدىم، مېنىڭ سورايدىغىنىم: مۇشۇ سۆزنى كۇچلاندۇرىدىغان ھەدىسلەر بارمۇ؟ ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن!.

قىسقىچە جاۋاپ

پەيغەمبەر ئەلەيھسىسسالامدىن مىسۋاك ئىشلىتىشكە قىزىقتۇرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، مىسۋاكنىڭ تەسىرىنى سۈپەتلەپ كەلگەن ھەدىستە: «مىسۋاك ئېغىزنى پاكىزلايدۇ...» دەپ كەلگەن، يەنى: ئېغىزنى ئەزىيەتلەردىن ساقلايدۇ، سېسىق پۇراقتىن پاكىزلايدۇ، ئېغىز پۇراقلىرىنىڭ ئەتراپقا تارىشىنى چەكلەيدۇ، بۇ مىسۋاك توغرىسىدا ئېيتىلغان مۇتلەق سۆزدۇر، مىسۋاكنىڭ چىشنى-ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىزلاش، ھىمايە قىلىش ۋە ساقلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنغان. ئىلمى تەتقىقاتلارمۇ مىسۋاكنىڭ مىكرۇپ ئۆلتۈرىدىغانلىقى، مىلىك كېسىلىنى توسىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئېغىزنى پاكىزلايدىغان ۋە چىشلارنى كۇچلاندۇرىدىغان تەبىئىي ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەر ئەلەيھسىسسالامدىن مىسۋاك ئىشلىتىشكە قىزىقتۇرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، مىسۋاكنىڭ تەسىرىنى سۈپەتلەپ كەلگەن ھەدىستە: «مىسۋاك ئېغىزنى پاكىزلايدۇ...» دەپ كەلگەن، يەنى: ئېغىزنى ئەزىيەتلەردىن، سېسىق پۇراقلار پۇرىماسلىقتىن پاكىزلايدۇ، ئېغىز پۇراقلىرىنىڭ ئەتراپقا تارىشىنى چەكلەيدۇ، بۇ مىسۋاك توغرىسىدا ئېيتىلغان مۇتلەق سۆزدۇر، مىسۋاكنىڭ چىشنى-ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىزلاش، ھىمايە قىلىش ۋە ساقلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنغان.

دوكتۇر ئابدۇللاھ ئابدۇرەززاق ئەسسەئىيد مۇنداق دەيدۇ: "مىسۋاكنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بولسا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالامىغا مۇشەررەپ بولغان ئىشەنچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بېرىلگەن ھەقىقى مۆجىزىدىن ئىبارەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىسۋاك ئېغىزنى پاكىزلايدۇ ۋە رەببىم ئاللاھنى رازى قىلىدۇ» [نىسائى رىۋايىتى 5-ھەدىس. ئىمام بۇخارى سەھىھ كىتابىنىڭ "روزا" بۆلۈمىدە كەسكىنلىك لەۋزى بىلەن "روزىدارنىڭ ھۆل ۋە قۇرۇق مىسۋاك ئىشلىتىشى توغرىسىدا" دەپ بىر باپ كەلتۈرگەن، ئۇ ھەدىسنى مۇنزىرى سەھىھ دەپ "ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىيب" 1-توم 133-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي ھەسەن دەپ "ئەل مەجمۇ" 1- توم 267-بەتتە كەلتۈرگەن. تەبرانىينىڭ" ئەلمۆجەم ئەلئەۋسەت"7-توم 278-بەتتە «مىسۋاك كۆزنى روشەن قىلىدۇ» دېگەن سۆز زىيادە كەلگەن، لېكىن زىيادە كەلگەن دېگەن سۆزنىڭ ئىسنادى بەك زەئىپتۇر. شەيخ ئالبانىيىنىڭ" زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 5276- نومۇرغا قارالسۇن].

مىسۋاك قانداقمۇ ئېغىزنى پاكىزلايدىغان بولمىسۇن!، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز نەپسى خاھىشى بويۇنچە سۆز قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا ھەممىدىن قۇدرەتلىك، كۈچلۈك زات ئۆگىتىدۇ، تەلىم بېرىدۇ، بىزنى مىسۋاك قىلىشقا بۇيرىدى، مىسۋاك بىلەن تازىلاش ئارقىلىق ئېغىز ۋە چىشلىرىمىزنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىرقى چىش دوختۇرلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مىڭ تۆت يۈز يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇ سۆزنى دەۋاتىدۇ، قانداقكى ئاتىلىرىمىز ئېيتقاندەك، "ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىنىش كېسەل بولۇپ داۋالانغاندىن ياخشىدۇر". بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ھاياتىمىز بەخت-سائادەتكە چۆمىدۇ.

ئېغىز ۋە چىش پاكىزلىقىغا ئالاقىدار بولغان بارلىق ۋاستىلار ئالدىنى ئېلىش تېبابىتىدە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە، مۇشۇ ۋاسىتىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆپ سۆزلەنگەن ئىراك ياغىچى بولۇپ، بۇ "مىسۋاك" دەپ ئاتىلىدۇ.

مىسىرنىڭ قاھىرە ئۈنۋېرسىتى ئېغىز بوشلۇقى پاتۇلۇگىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇستاز دوكتۇر مۇھەممەد سەئىيد جۇرەيدىلى مۇنداق دەيدۇ:"مىسۋاك خىمىيىلىك ۋە مىيكانىيكىلىك تەرەپتىن چىش پاستىسى ۋە چىش چوتكىسىدىن بىر قانچە تەرەپتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ".

كۆپ تەتقىقاتلاردىن كېيىن مىسۋاكتا مىكرۇپ ئۆلتۈرىدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقى تېپىلدى، ئۇ ئېغىزلىرىمىزنىڭ كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ، مىسرانىڭ ئۆزىلا چىش پاستىسى ئۆز ئېچىگە ئالغان بىر قانچە ماددىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك، تەبىئىي تالالار كۈچلۈك، يۇمشاق، سىلىق ۋە چىداملىق بولۇپ، چىش چوتكىسىدىن ياخشى بولىدۇ، مىلىككە ئەزىيەت بەرمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئېغىز ۋە چىشنى بۇزىدىغان ۋە چىرىتىدىغان، ئېغىزىمىزدا قىلىپ قالغان، چىشلىرىمىزغا چاپلىشىپ قالغان يېمەك-ئىچمەك قالدۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىدۇ، ھەتتا ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق تەرەققى قىلغان دەۋرىدىمۇ ئالى دەرىجىلىك چىش پاستىلىرىدىمۇ مىسۋاكتا بولغان ماددىلار تېپىلمايدۇ، شۇنىڭدەك، ئامېرىكىدىكى چىش دوختۇرلۇق جەمئىيىتى ژۇرنىلىدا مۇنداق يېزىلغان: "ئامېرىكىدا قوللىنىۋاتقان چىش پاستىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەبىئىي ۋە ساغلام ئەمەس".

بىز بۇنىڭدىن ، ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان چىش پاستىلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق تىجارى ماللار بولۇپ، پەقەت پايدىنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، بۇنىڭدىن مۇتلەق ئېغىز ۋە مىلىك ھېچ پايدىلىنالمايدۇ. ئەمما بەزى ئىلمى تەتقىقاتلار مىسۋاكتا سىنجىرىينغا ئوخشاش ھەرىكەتچان پاكىزلىغۇچى تەبىئىي تالالارنىڭ كۆپلۈكى، ئوت ياڭىقىغا ئوخشاش مىلىكنى كۈچلاندۇرۇشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا خۇشپۇراق، پۇراقلىق، ئېغىزغا يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان پۇراقلار بار، ناتري خلورىد،  ناتري بىكاربونات، كالىي خلورىد، لىمۇن ئوكسالات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چىشنى تازىلايدىغان ۋە پارقىرىتىدىغان تۈرلۈك ماددىلار بار،  شۇنىڭدەك مىسۋاكتىكى بەزى ماددىلار مىكرۇپ ئۆلتۈرىدۇ، بۇنىڭدا پىنسىلىنگە ئوخشاش تەسىر ۋە ئۈنۈمگە ئىگە ئېلېمنتلار بار.

ئۇنداق بولغان ئىكەن مىسۋاك ئېغىزنى ۋە چىشنى ھەقىقى پاكىزلايدۇ، ئەي سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، ئەي ئاللاھنىڭ ھەبىبى، ئەي بارلىق خالايىقلارنىڭ شاپائەتچىسى، قىيامەتكىچە بولغان ئاللاھنىڭ ئىشەنچىلىك رەسۇلى! سىلىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالامى بولسۇن، سىلە ئالەملەرنىڭ رەببى، ئەڭ ھېكمەت بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن روشەن قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلدىلە، سۆزلىگەن سۆزلىرى سەمىمىي-راستتۇر، سىلە مۇبارەك ھەدىسلىرىدە: «مىسۋاك ئېغىزنى پاكىزلايدۇ ۋە رەببىنى رازى قىلىدۇ» دېدىلە. [مىسۋاك ۋە چىشقا كۆڭۈل بۆلۈش 9-14-بەتكىچە].

ئامېرىكا تىينىيسى ئۈنۋېرستى تىببى پاكۇلتىتىدىن دوكتۇر جىيمىس تىرنىرنىڭ تەتقىقاتىدا ۋە ئىستىۋانىيە ئېغىز ۋە چىش تېبابىتى ژۇرنىلىدا نەشىر قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق كەلگەن: ئىراك دەرىخىنىڭ مىسۋاكى ئېغىزنى پاكىزلايدىغان ۋە مىكرۇپ ئۆلتۈرىدىغان نۇرغۇن ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ مۇھىملىرى: كىبرەيت، ناترىي ماددىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، سىيتۇ سىترۇپ ب قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەر مىسرانىڭ تەركىبىدە قاناشنى توختىتىدىغان، مىلىكنى دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان ۋە مىلىك يارىلىرىنى مىكروبسىزلاندۇرىدىغان ماددىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى شۇنداقلا، ئۇنىڭ تالالىرىدا كالتسىي، تۆمۈر، فوسفات ۋە ناترىي قاتارلىق نۇرغۇن مىنېرال تۇزلار ۋە ئىئونلار بار.

مىسۋاك تەركىبىدە بەلگىلىك نىسبەتتە ۋىتامىن (ك) بار، ئالىملار بۇ ۋىتامىن بىلەن ئانتىبىئوتىكنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە تاننىن بار بولۇپ، ئۇ بوش مىلىك توقۇلمىلىرىنى قىسىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android