پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

تور بەتلىرىدىن تۈرلۈك پىراگرامىلارنى ۋە كىتابلارنى بىكارغا چۈشۈرۈۋېلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

تور بەتلەردە  دىنى ۋە ياكى ئىلمى كىتابلار تولۇق تېپىلىدۇ، ئۇ كىتابلاردىن مەن ئېھتىياجلىق بولغاندا پايدىلىنىدىغانلىرىنى دەرسلىك قىلىش ئۈچۈن باستۇرىۋالسام ياكى ئوقۇش ئۈچۈن ساقلىۋالسام توغرا بولامدۇ؟يەنە بىر ئىش، تور بەتلەردە ۋە تىلىپۇنلاردا ئىنتايىن كۆپ بولغان ھەقسىز پىراگرامىلار بار، ئۇنىڭ ھەممىسىنى  كۆچۈرۈۋېلىش توغرا بولمامدۇ؟كۆچۈرۋالسىڭىز بولىدۇ دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغان پىراگرامىلارنى قانداق بىلەلەيمەن؟ياكى ئۇنداق پىراگرامىلار تېپىلمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تور بەتلىرىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن قويۇلغان پىراگرامىلاردىن ئېھتىياجلىق بولغاندا ئوقۇش ۋە دەرسلىك قىلىش ئۈچۈن كۆچۈرۈۋالسا، ساقلىۋالسا ۋە كىتاپ قىلىپ باستۇرۇۋالسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ پىراگرامىلار تور بەتلىرىگە شۇنىڭ ئۈچۈن قويۇلغاندۇر. 

    شۇنىڭدەك كومپيۇتور ۋە تىلىپۇنلاردا تېپىلىدىغان بىكارلىق پىراگرامىلارنى كۆچۈرۈۋالسا بولىدۇ.

    ئەسلىدە توربەتلىرىدىكى كىتاب ۋە پىراگرامىلارنى كۆچۈرۈۋالسا بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ ئەسلى ئىگىسى كۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغان بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى كىتاب ۋە پىراگرامىلارنى نەشىر قىلغان توربەت ساھىبىغا بولىدۇ. تور بەتكە كىرگۈچىلەرنىڭ ھەر قانداق كىتاب ياكى پىراگرامىلارنى بىردىن-بىر ۋاراقلاپ، تەكشۈرۈپ بۇنى كۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغانمۇ دەپ ئىزدىشى كېرەك بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى