پەيشەنبە 25 شەۋۋال 1446 - 24 ئاپرىل 2025
Uygur

رىزىقنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشى پەقەت سەۋەپلەرگە ئېسىلىپ قىلىشتىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا

118262

تارقاتقان ۋاقىت : 26-04-2025

كۆرگۈچىلەر : 23

سۇئال

مەن خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ھازىر ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيمەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە يەنە ئىككى يىل قالدى، ئۇنىۋېرسىتېنىڭ ئىقتىسادى چىقىمى بەك كۆپ ئائىلەمدىكىلەرگە -ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن-ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن پۈتۈن چېقىملىرىمنى كۆتۈرىدۇ.

مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەلگۈسۈم توغرىسىدا ئىككىلىنىش-تەۋرىنىش ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، مەسىلەن: مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ئىقتىسادى ياردەم قىلىۋاتقانلار ۋاپات بولۇپ كەتسە، بۇ ئىش مېنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولالماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە، كىشىلەر مېنى ھازىردىن باشلاپ دوكتۇر دەپ چاقىرىشىدۇ، مەن ئىززەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن خار بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ دىلىمنى ئاللاھ بىلىدۇ، مېنىڭ دىلىمدا قىلچىلىكمۇ كىبىر يوق، مەن ھازىردىن باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالسام بۇنىڭ بىلەن خىزمەت قىلىپ دىنىمىزغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىۋېرسىتېنى پۈتتۈرەلمەي قىلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن، ئاتا-ئانام ھەممىگە قادىر ئەمەس بەلكى پەقەت باققۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن!!، ئېتىقادىمدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ خالىغاننى قىلىدىغان ۋە بىزگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلىدىغان ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشۈمگە ياردىمى بولىدىغان ئىمانىي ۋە ئەمەلىي يوللار بىلەن ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئۆزىڭىزنى ئوڭشاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىلاجى سەۋەپ بىلەن سەۋەبنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتۇر، ئاللاھ تائالا سەۋەبنى بېكىتكۈچى ۋە پەيدا قىلغۇچىدۇر، ئەمما ئىنسان، ۋەزىپە ۋە خىزمەت قىلغۇچى سەۋەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاللاھ تائالا رىزىق بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالا رىزىقنىڭ سەۋەبلىرىنى بىكىتكۈچىدۇر، ئىمان-ئېتىقادىدا مەسىلە بار كىشىلەر: سەۋەبنى، سەۋەبنى بېكىتكۈچى ۋە پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا قىلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ سەۋەبنى بېكىتكەن تەرەپكە كۆزىنى يۇمۇپ، سەۋەپكىلا تايىنىۋېلىشى ۋە سەۋەپتىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تەرك قىلىشى ئىسلامدا يوقتۇر، ئىسلام سەۋەب قىلىش ۋە سەۋەبنى پەيدا قىلغۇچىغىمۇ تايىنىشقا بۇيرىيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر بۆلەك ئۆلىمالارنىڭ دېگەن بۇ سۆزلىرىنى بىلىش بەك مۇھىم، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: " سەۋەپكىلا قاراش تەۋھىدتە-ئاللاھنىڭ يەككىلىكىگە-شېرىك كەلتۈرۈشتۇر، سەۋەپ بولىدىغان سەۋەپلەرنى يوق قىلىۋېتىش بولسا: ئەقىلسىزلىكتۇر، سەۋەپلەرنى ئومۇمى تەرەپتىن رەت قىلىش بولسا شەرىئەتكە داغ كەلتۈرۈشتۇر، تەۋەككۇل ۋە ئۈمىدلىك بولۇش دېگەن تەۋھىد، ئەقىل ۋە شەرىئەت تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىدىن شەكىللەنگەن.

بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: سەۋەپكە قاراش دېگەنلىك: دىلى بىلەن سەۋەپكە تايىنىش، سەۋەپتىن ئۇمىت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يۆلىنىش بولۇپ، مەخلۇقاتلار ئىچىدە بۇنىڭغا لايىق بولىدىغان بىرسى يوق، چۈنكى ئۇ : مۇستەقىل ئەمەس، ئۇنىڭ چوقۇم شېرىكلىرى بولىدۇ، قارشىسىدىكىلەر بولىدۇ. شۇنداقلا، سەۋەپلەرنى بېكىتىشنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرمىدى، بويسۇندۇرۇپ بەرمەيدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىنىڭ رەببى، ئىگىسى  ئىكەنلىكىنى، ئاسمانلار ۋە زېمىنلەر، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىلەر، پۈتۈن كائىنات ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر ياراتقۇچىسى، ئۇنىڭدىكى ئىشلارنى تەدبىر قىلغۇچى بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  8 -توم 169-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بەندىنىڭ دىلى سەۋەپلەردىن بىرەر سەۋەپكە ئەمەس بەلكى دائىم ئاللاھقا تايىنىشى كېرەك، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك بولىدىغان سەۋەپلەرنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىگە سەۋەپ تەقدىر قىلىنىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بىرگە سەۋەپ بويۇنچە ئەمەل قىلىشقا بۇيرىلىدۇ، پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى ئادا قىلىدۇ، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىدۇ، قولىغا قورال ئالىدۇ، ئوقتىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى كېيىدۇ، جىھاد ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان تەييارلىق خىزمەتلەرنى قىلماستىن، بىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇق دەپلا دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش كۇپايە قىلمايدۇ، ھەر قانداق كىشى بۇيرۇلغان سەۋەپلەرنى قىلىشنى تەرك قىلىدىكەن، بۇ چېكىدىن ئاشقان سۆكىلىدىغان ئاجىزلىقتىن ئىبارەتتۇر". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  8 -توم 528-529 -بەت.]

ئىككىنچى: سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كەلسەك، ئاتا-ئانىڭىز بولسا سىزگە نەپىقە-خىراجەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىككىيلەننى شۇنداق قىلىدىغان قىلغانلىقىنى بىلىشىڭىز زۆرۈر، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە كېلىدىغان رىزىق ۋە نەپىقە سەۋەبلىرىنى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېكىتىۋېتىشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭىز ۋاجىپتۇر، ئەتراپىڭىزغا قاراڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئائىلىسى نەقىپە-خىراجەت قىلىپ بىرەلەمدىكىن؟.  كېسىپ ئېيتىمىزكى:  ياق، ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ رىزىق سەۋەبلىرى ۋە خىراجەت -نەپىقە قىلىنىۋاتقان سەۋەپلەرنى ئويلىنىپ باقسىڭىز، رىزىق سەۋەبلىرىنىڭ سىز ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز، نەپىقە ئىشى سىز ئۈزۈلۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەندەك، پەقەت ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، سىزنىڭ نەپىقە يەتكۈزۈپ بېرىشكە سەۋەپ بولغان ئاتا-ئانىڭىزنى ھەممىگە رىزىق بەرگۈچى ئاللاھنىڭ ئورنىدا قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، ياراتقۇچى خالىق بىلەن يارىتىلغۇچى مەخلۇقنىڭ ئارىسىدا (يەنى سەۋەپ بىلەن ئۇ سەۋەبنى ھازىر قىلغۇچى، پەيدا قىلغۇچى زاتنىڭ ئارىسىدا) ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىنمۇ   كەڭرى پەرق بار.  سىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئويلىنىڭ: أَمْ مَنْ هَذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ بَلْ لَجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ  تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر» [سۈرە مۇلۇك 21 -ئايەت].

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئىشنى ناھايتى روشەن ۋە ئېنىق چۈشىنىسىز.  بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا: ئاللاھ تائالانىڭ رىزىقنى يامغۇر، دەريا-ئۆستەڭ ۋە بۇلاق دېگەندەك ئۇنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن بىرگە بىكىتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى چەكلەپ قويىدۇ، يامغۇرنى ياغدۇرمىسا، دەريا-ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇرمىسا، بۇلاقلارنى قۇرىتىۋەتسە، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ، رىزىقنىڭ بۇ سەۋەبلىرىنى كەلتۈرۈشكە كىم قادىر بولالايدۇ؟!.

سىزنىڭ ئىشىڭىزنىڭ ئىلاجى توغرىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئويلىنىڭ: وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا . وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى». [سۈرە تالاق 2- 3 -ئايەتلەر].

سىز كۆڭلىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىز ۋاپات بولۇپ كەتسە، سىزگە كېلىدىغان خىراجەت-نەپىقە ئۈزۈلۈپ قالارمۇ دەپ ئويلايسىز، ئاللاھ تائالا سىزگە: بەندەم تەقۋادارلىق قىلىدىكەن ئۇنىڭغا تەلەپ قىلىنغان نەرسىسى كېلىدۇ، دەيدۇ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول ئۈزىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئويلىمىغان يەردىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ، يەنى ئۇ كىشىگە ئۆزى ئويلاپ باقمىغان، كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان تەرەپلەردىن رىزىق يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئىنسان ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بارلىق غەم-قايغۇلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىدۇ، بۇ خۇددى سىزنىڭ رىزىقنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن رىزىقنىڭ سەۋەبىنى پەيدا قىلىپ بەرگۈچىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن، تېڭىرقاشتا قالغان ۋە بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان ھالىتىڭىزنىڭ ئىلاجىدۇر.

ئۇستاز شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ تەپسىر كىتابىدا: نىسا سۈرىسى130 -ئايەتكە قىلغان ئىزاھاتىنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ بىلەن سىزگە يەتكەن غەم-قايغۇ، تەۋرىنىشلەرنىڭ ھەممىسىگە شىپا بولىدىغان مەلھەمنى تاپىسىز: وَإِنْ يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللَّهُ كُلًّا مِنْ سَعَتِهِ وَكَانَ اللَّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا تەرجىمىسى:  «ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». [سۈرە نىسا130 -ئايەت].

بۇ ئايەت بەندىنى بارلىق ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئالاقىدار قىلىشقا بۇيرىيدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە رىزىقنىڭ سەۋەپلىرىدىن ۋە راھەتنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرەر سەۋەبنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېمەتلىرىگە ھەمدە-سانا ئېيتىپ، ئاللاھدىن بۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى سورىشى كېرەك، ئەگەر ئۇ سەۋەبلەر ئۈزۈلۈپ قالسا ياكى سەۋەبنى قىلىش قىيىن بولۇپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن دىلىڭىزغا تەشۋىش كەلتۈرمەڭ، بۇ دېگەن ساناپ بولغىلى بولمايدىغان سەۋەپلەردىن بىرىدۇر، بەندىنىڭ رىزقى مەلۇم بىر سەۋەپكە باغلىق تۇرمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ۋە پايدىلىق بولغان باشقا بىر سەۋەبنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەپلەرمۇ تېپىلىدۇ، ئىنسان ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭدىكى پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشى، ئاللاھنىڭ ياخشىلىقىنى ئارزۇ قىلىشى، ئۇنى كۆز ئالدىدا قىلىشىنى، دىلىنىڭ قىبلىگاھى قىلىشىنى تىلەپ ( ئارزۇسى بىلەن بىرگە دۇئانى) كۆپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا كۆرە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەندەمنىڭ ماڭا بولغان قارىشىغا كۆرە بولىمەن، ئەگەر مەن بىلەن ئۆزىگە ياخشىلىق يېتىدىغانلىقىنى ئويلىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىلىق بولىدۇ، ئەگەر مەن بىلەن ئۆزىگە بىر يامانلىق كېلىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇ كىشىگە ئويلىغىنى بولىدۇ». [ئەھمەد رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى "تەرغىپنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" توپلىمىدا سەھىھ دەپ 3386-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

يەنە بىر ھەدىس قۇدسىيدا:  ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «بەندەم! سەن ماڭا دۇئا قىلساڭ، مېنىڭ مەغپىرەت قىلىشىمنى ئۈمىت قىلساڭ، مەن سېنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىمەن ئۇنىڭ كۆپلىكىگە ھېچ پەرۋا قىلمايمەن». [تىرمىزى رىۋايىتى 2805-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن. "تەيسىرىل لەتىيپىل مەننان پى خۇلاسەتى تەپسىيرىل ئەھكام" 85 -بەت.]

ئى قېرىندىشىم!  سىز ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇ كىشى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا خۇددى ئەتتىگەندە ئاچ چىقىپ كەتكەن ۋە كەچتە پوكانلىرىنى توشقۇزۇپ قايتىپ كەلگەن قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 205 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2344-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ مەسىلىڭىز، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇنىڭدا سەمىيمى، راستچىل بولۇش، ئاللاھقا ئېسىلىشتۇر، بۇ ھەرگىزمۇ بىر كىشىنىڭ ھايات ياشىشى ياكى ۋاپات بولىشىغا ئالاقىدار ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا ئۆز مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە يولغا قويغان پرىنسىپى بىرەر ئادەمنىڭ ۋاپات بولىشى ياكى دۇنياغا كېلىشى سەۋەبى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.

ئۈچىنچى: ئاخىرىقى ئىشنى سىز بىلەن بىرگە تۈگىتىمىز:  ئۇ بولسىمۇ سىزگە يەتكەن تېڭىرقاش، دېلىغۇللۇق، ئىزتىراپ چېكىشتىن ئىبارەتتۇر. سىزگە يەتكەن غەم-قايغۇ، ئارامسىزلىقنىڭ سەۋەبى:  سىزدىن سادىر بولغان خاتالىقنىڭ ۋە سىز قىلغان گۇناھنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، دىلىڭىزغا ئىلاج قىلىڭ، ئەمەلىيەتتە سىز دىندا چەكلىمە ۋە شەرتلەر قويۇلغان بىر ئورۇندا ئوقۇۋاتىسىز، بىز قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ئۇنۋېرسېتىلاردا بولىۋاتقان گۇناھ-مەسىيەت، بۇزۇقچىلىقلارنى ياخشى بىلىمىز، خاتالىقىڭىزغا تەۋبە قىلىپ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا تېرىشىڭ.

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۇناھ-مەسىيەتنىڭ جازالىرىدىن:  ئاللاھ تائالا گۇناھكارنىڭ دىلىغا ئەيمىنىش، قورقۇنچ سالىدۇ، ئۇ كىشىنى دائىم ئەيمەنگەن ۋە قورققان ھالەتتە كۆرىسىز، تائەت-ئىبادەت دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ كاتتا قورغىنىدۇر، ئۇ قورغانغا كىرگەن كىشى بولسا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، ئۇ قورغاندىن چىققان كىشىنىڭ ھەممە تەرىپىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدىكى قورقۇنچ خاتىرجەملىككە ئۆزگىرىدۇ، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدىكى خاتىرجەملىك قۇرقۇنچقا ئۆزگىرەيدۇ، ئاسى ئىنسان قەلبىنى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىسىدىكىدەك تاپىدۇ، شامال ئىشىكنى ھەرىكەتلەندۈرسە، تەلەپ قىلغۇچى كەپتۇ دەپ ئويلايدۇ، بىرسىنىڭ قەدەم تىۋىشىنى ئاڭلىسا، زىياننى تۆلەتكىلى كەلدى دەپ ئەنسىرەيدۇ، ھەر بىر ئاۋاز-تېۋىشلارنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا دەپ ئويلايدۇ، ھەرقانداق يامان ئىشنى ئۆزىگە كەلدى دەپ قارايدۇ، كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن: ھەممە نەرسىدىن خاترىجەم بولىدۇ، كىمكى ئاللاھدىن قورقمايدىكەن، باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن قورقىدۇ".   ["جەۋابۇل كاپى"  50 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى