جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

سوپىئىزىم ۋە مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيسى

118693

تارقاتقان ۋاقىت : 05-01-2016

كۆرگۈچىلەر : 3385

سۇئال

ھازىرقى سوپىلار نەچچە پىرقىگە بۆلىنىدۇ؟، سوپىلارنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچى-ئازغۇن ھېسابلىنامدۇ؟ ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ سوپىلارنىڭ تۇتقان يولىدىن تەسىرلەنگەنمۇ؟، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىسىلا سوپىلارنى ئۆچ كۆرمەسلىككە كىشىلەرنى تەرغىب قىلغانمۇ؟، بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سوپىلار بىرقانچە پىرقە، گۇرۇھ ۋە جامائەت بولۇپ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى بىلەن خۇرسەن بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم پىرلىرى، غوجىلىرى، ئايرىم ئوقۇيدىغان ۋەزىپىلىرى، ئىلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى بار بولۇپ، قۇرئان-ھەدىسنىڭ توغرا چۈشەنچىسىدىن يىراقلىشىش، بىدئەت، خۇراپات ۋە شەك-شۈبھىلەر ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى توغرا يولدىن ئىزىپ ئەمەل-ئېتىقادتا شېرىككە چۈشۈپ قالىدۇ، ئىتىقادتا، ئاللاھ بىلەن ئالەم بىر دېگەن قاراش، ئەۋلىيالار، ماشايىخلار كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ ۋە تەسەررۇپ قىلىدۇ دېگەنگە ئوخشاش، ئۇلارغا چوقۇنۇش، ئۇلارغا ئىلتىجا قىلىش، ئۇلارغا نەزىر قىلىش، ئۇلارنىڭ قەبىرلىرىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مال بوغۇزلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىلگىرىكى سوپىلاردا ئىزىپ كىتىش خەتىرى ئاز ئىدى، ئۇلار بەزى ۋاقىتلاردا زاھىدلىق، تەقۋادارلىق ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىكنى مەقسەت قىلاتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىتىقادى ساغلام، تۇتقان يولى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئالىم-ئۆلىمالارغىمۇ سوپى دېگەن لەقەم نىسبەت بېرىلگەن.

مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنى: تەۋھىدنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قۇرئان-ھەدىسكە ئەگىشىش، بىدئەت-خۇراپاتلاردىن يىراق بولۇش مۇھىم، مانا بۇ ھەقىقى نىجاتلىق يولىدۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن تۈز سىزىقتىن بىرنى سىزىپ بۇ ئاللاھ تائالانىڭ توغرا يولى دېدى، ئاندىن ئۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپى ۋە سول تەرىپىگە سىزىقلارنى سىزىپ، بۇ تۈرلۈك يوللار بولۇپ، بۇ يوللارنىڭ ھەر بىرىدە شەيتان بولۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تەرىپىگە چاقىرىدۇ دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: وَأَنَّ هَـٰذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُۖ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِتەرجىمىسى: بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. [سۈرە ئەنئام 153-ئايەت]. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: "تەۋەسسۇل" ناملىق ئەسىرىنىڭ 125-بىتىدە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

ئىمام ئەبۇ داۋۇت، 4607-ھەدىستە، ئىمام تىرمىزىي2676-ھەدىستە ۋە ئىمام ئىبنى ماجە 44-ھەدىستە ئىرباز ئىبنى سارىيەتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ھايات قالغانلار كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمنى، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى مۇستەھكەم تۇتۇڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3851-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە نەزەر سالغان، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ سىيرەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان، دەسلەپكى ئۈچ ئەسىردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىغان كىشى، سوپىلارنىڭ ئايرىم شەخسلەرنى ئۇلۇغلاش، قەبىرگە چوقۇنۇش، ئۆزلىرىگە ئايرىم زىكىرلەرنى ۋەزىپە قىلىش ۋە خۇراپاتلارغا ئەگىشىش دېگەندەك باتىل ئەمەل-ئىتىقادلاردا ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا باشلىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن لَّمْ يَجْعَلِ اللَّـهُ لَهُ نُورًا فَمَا لَهُ مِن نُّورٍتەرجىمىسى: ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ. يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ. [سۈرە نۇر 40-ئايەت].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 4983-20375-34575-89961-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى