شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پىپسى ۋە بۇ تۈردىكى ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش چەكلىنەمدۇ؟

سۇئال

پىپسى ۋە كولانىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىدىن باشقا سالامەتلىككە زىيانلىق تەرىپى ئىسپاتلاندى، شۇنىڭغا ئاساسەن قوشۇمچە تەسىرى بار ماددىلار بولغان ئېچىملىكنى ئېچىش چەكلىنىدۇ دېگەن سۆزنى ئېتىبارغا ئىلىشقا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بەدەنگە زىيانلىق بولغان ماددىلارنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان ماددىلارنى ئىستىمال قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَلَا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا ‏تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش يوق» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2341-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ھەر قانداق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكنىڭ بەدەنگە زەرەر بېرىدىغانلىقى تولۇق ئىسپاتلىنىدىكەن ئۇنى ئىستىمال قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما پەقەت گۇمانغا تايىنىپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ھاراملىقى ئىسپاتلانمايدۇ.

    ئەسلىدە يېمەك-ئىچمەك ھالال، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعاً تەرجىمىسى: « ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى» [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].

    ھەر قانداق نەرسىنى كەسكىن ئوچۇق دەلىل بولمايدىكەن شەك-شۈبھە ۋە گۇمانغا تايىنىپ ھارام دېيىش توغرا بولمايدۇ. ئاندىن بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ زىيانلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بۇ ھاراملىق زىيان قىلىدىغان مىقدار بويىچە ھارام قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئاز قىسمىدا زىيانلىق بولسا، بۇ ھارام بولمايدۇ.

    ئالىملار مۇنداق بىر قائىدىنى بايان قىلىدۇ: كۆپ ئىستىمال قىلسا زىيان بولىدىغان نەرسىنى ئاز ئىستىمال قىلىش توغرا بولىدۇ". ["ئەل ئىنساپ" 10-توم 350-بەت. "كىشاپۇل قىنا" 6-توم 189-بەتكە قارالسۇن].

    ھەر كىشى سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئېھتىيات قىلىپ بۇ تۈردىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچمىسە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۇنى ھارام دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئوچۇق دەلىل بىلەن ھارام قىلىنىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى