سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتقۇچىنىڭ ھىجامە قىلدۇرۇشى توغرىسىدا

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ھىجامە قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ بۇ ئىككەيلەن شۇ كۈنى روزىسىنى بۇزۇۋېتىپ، ئۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ھىجامە قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئەمما ئۇلار شۇ كۈنى كەچكىرگىچە ھېچنەرسە يىمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ. كىيىن شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامزاننىڭ كۈندۈزدە ھىجامە قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2367-ھەدىس. ئىبنى ماجە1679-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2074-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. ئىلمى تەتقىقات،

مەنبە: دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 262-بەت