بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: قەبرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ئالاھىدە ئورنى بولۇپ، ھېچ بىر كىشىنىڭ قەبرىنى ئاياغ-ئاستى قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى قاتتىق ھارام قىلغان، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ چوغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىيىمىگە ئوت تۇتۇشۇپ بەدىنىگە يەتكىنى ئۇنىڭ قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرغىنىدىن ياخشىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 971-ھەدىس].
بۇ ھۆرمەت مۇسۇلمانلاردىن قەبرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى، مۇمكىن قەدەر ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشنى، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشنى، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ تۆۋەندىكى ۋاسىتىلەر بىلەن بولىدۇ:
1-قەبرىنىڭ بېشىغا تاختا دېگەن بەلگە بولىدىغان نەرسە قويۇپ قويۇش، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلۇغ ساھابە ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا بەلگە-ئالامەت قىلغان». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3206-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قەبرىنىڭ بېشىغا تاش، تاختا دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن بەلگە-ئالامەت قىلىش سۈننەتتۇر. ئىمام شاپىئى، شەيخ شىيرازى ۋە شاپىئى مەزھىپىدىكى باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن. [“ئەلمەجمۇ” 5-توم 265-بەت].
2-قەبرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بىر غىرىچتىن زىيادە قىلماسلىق كېرەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئىگىزلىكىمۇ شۇنداق بولغان.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قەبرە زېمىندىن بىر غېرىچ مىقدارىدا ئۈستۈن قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت بۇ ئورۇننىڭ قەبرە ئىكەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ بىلىشى ۋە قەبىردىكى كىشىگە رەھمەت-مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈندۇر، قەبرىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئازراق ئۈستۈن قىلسا بولىدۇ. [“ئەلمۇغنى” 2-توم 190-بەت].
پىقھى ئالىملىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلگەنلىكى “پىقھى توپلاملىرى” 11-توم 342-بەتتە نەقىل قىلىنغان.
3-قەبرىنى كېچىك بالىلارنىڭ بىلمەستىن سەكرەپ ئوينىماسلىقى، چارۋىلارنىڭ دەسسەپ، چەيلىمەسلىكى ئۈچۈن ۋە بۇنىڭدىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قەبرىنىڭ ئەتراپىنى تام بىلەن ياكى تۆمۈر رېشاتكا دېگەندەك بەرسىلەر بىلەن توسىۋېتىش كېرەك. بۇ توغرىدا شەيخ ئىبراھىم مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى 3-توم 211-212-بەتكە ۋە سۇھەيبانىينىڭ”قەبرە ئەھكاملىرى” ناملىق ئەسىرى 457-بەتكە قارالسۇن.
ئىككىنچى: بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېقىنلىرېىنىڭ قەبرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن چەكلەنگەن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ، بۇ ۋاسىتىلەر تۈرلۈك بولۇپ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ مىساللىرىدىن:
1-قەبرىنى زېمىندىن بىر غېرىچتىن يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئېيتقان بۇ سۆزىنى دەلىل قىلىدۇ: «ھەر قانداق بۇت-ھەيكەلنى يوق قىلغىن، بەك ئۈستۈن قەبىرلەرنى زېمىن بىلەن باراۋەر قىلغىن». [مۇسلىم رىۋايىتى969 -ھەدىس].
2-قەبرىنىڭ ئۈستىگە ئېگىز بولسۇن ياكى پاكا بولسۇن ئۆي سېلىش، گۈمبەز قاتۇرۇش ياكى قايسى شەكىلدە بولمىسۇن بىر نەرسىلەرنى ياساش توغرىسىدا “پىقھى توپلاملىرى” 32-توم 250-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “مالىكى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى قەبرىنى ئومۇمەن بىر غېرىچتىن يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەكروھ دەپ قارىغان، قەبرىنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز قاتۇرسۇن ياكى ئۆي سالسۇن ياكى باشقا بىر نەرسە قىلسۇن ھەممىسى ئوخشاش دەپ بۇنىڭغا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنى گەجلەپ قاتۇرۇشتىن توسقان».
ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا: قەبرىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قىلسا مەكروھ بولىدۇ، زىننەتلەش ئۈچۈن قىلسا ھارام بولىدۇ دېگەن.
3-قەبرىنى ماي، گەج، رەڭ قاتارلىق تۈرلۈك زىننەتلەر بىلەن زىننەتلەش، بۇ توغرىدا “پىقھى توپلاملىرى” 32-توم 250-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “پىقھى ئالىملىرى قەبرىنى گەج بىلەن قاتۇرۇشنى مەكروھ دەپ قارىغان، بۇنىڭغا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنى گەجلەپ قاتۇرۇشتىن، قەبرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن، قەبرىنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىلەرنى ياساشتىن توسقان».
ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: ” قەبرىنى گەج بىلەن قاتۇرۇش ۋە ئاق رەڭلەر بىلەن بوياش چەكلەنگەن، چەكلەشنىڭ ھېكمىتى زىننتلەشتىن يىراق بولۇشتۇر، يەنە مال-مۈلۈكنى شەرئىي مەقسەتتىن باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىپ زايە قىلىشتۇر.
4-قەبرىنىڭ ئەتراپىغا تام قوپۇرۇش، بۇنى كىشىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قىلسۇن ياكى تۆمۈر رېشاتكىلار بىلەن قەبرىنىڭ ئەتراپىنى توسۇشتىن چەكلەنگەن ھالەتتىكى بىر نەرسىنى قىلسۇن ئوخشاشتۇر. بۇ توغرىدا شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قەبرە ئەتراپىنى تۈرلۈك رەڭدىكى تۆمۈر رېشاتكىلار بىلەن توسۇش بولسا، ئۇ ئىنسانلارنى شەرىئەتتە دۇرۇس بولمىغان يول بىلەن قەبرە ساھىبىنى ئۇلۇغلاشقا ئىلىپ بارىدىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىي بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان چەكلەنگەن قىلمىشتۇر، بۇنداق ئىشلارنى ھازىر كۆپ كۆرۈۋاتىمىز. [“چوقۇنۇشتىن ھەزەر ” ناملىق ئەسەر 89 -بەت.]
5-قەبرە بېشىدىكى نەرسىگە خەت يېزىش، ئۇنىڭغا مېيىتنى مەدھىيىلەپ يازسۇن ياكى مەرسىيە شەكىلدە يازسۇن ياكى قايسى شەكىلدە يازسۇن بۇ مېيىتكە يىغلاشنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ ياكى مېيىت توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە بەك ئۇلۇغلاشقا يول ئاچقانلىق بولىدۇ.
6-قەبرە ئەتراپىغا كۆچەت تىكىش، تۈرلۈك يېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېرىش، بۇ ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرە ئەتراپىغا قىلىدىغان ئادىتى ئەمەس بەلكى خرىستىئانلارنىڭ ئادىتىدۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 14370- 41643- 48958 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.
ئۈچىنچى: يۇقىردا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، قەبرە باشقىلارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىشى ۋە دەسسەپ-چەيلىشىدىن ساقلىنىدىغان ھالەتتە بولسا، شەرئى كۆرسەتمە دائىرىسىدە بۇ قەبرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئاساسەن ئىقتىساد كېرەك بولمايدۇ، ئەمما ئۇنى قاتۇرۇش، گەجلەش ۋە رەڭ بېرىش، ئەتراپنى تۆمۈر رېشاتكىلار بىلەن توسۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماقچى بولسا، بۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن قەبرىنى زىننەتلەش تۈرىگە كىرىدۇ. ئەگەر قەبرىنىڭ ئۈستىدە چاڭ-توزانلار بولسا، بۇ قەبرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرغانلىق بولمايدۇ، بەلكى قەبرىستانلىق دېگەن شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى مېيىتمۇ توپىنىڭ ئاستىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.