جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نىجاسەتنى تۇتۇش بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئانا بوۋاقنىڭ ئاستىنى تازىلىغاندا نىجاسەتنى تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئانىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى  بولسۇن.

     بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، تاھارەتنى بۇزىدىغان نەرسىلەر مەلۇملۇق، ئۇ نەرسىلەر 14321  -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا زىكىر قىلىنغان، ئۇنىڭ قاتارىدا نىجاسەتنى تۇتسا دېگەن گەپ يوق، لېكىن نىجاسەتنى تۇتقان كىشى ئۇنى پاكىزە يۇيىۋەتمىگىچە ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن دوختۇر، داۋالاش جەريانىدا كېسەلنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرىدىغان ياكى تۇتىدىغان ئىشلار  بولىدۇ بۇ توغرىمۇ؟ بەزى ئەمەلىيەت جەريانىدا دوختۇرنىڭ قوللىرى  قان ۋە سۈيدۈككە مېلىنىپ كېتىدۇ، بۇنداق ھالەتتە تاھارەتنى قايتىدىن ئىلىش ۋاجىپمۇ ياكى پەزىلەت قاتارىدىنمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " دوختۇرنىڭ داۋالاش جەريانىدا زۆرۈر ھاجەت بولغاندا ئەرلەرنىڭ ئالدى ياكى ئارقا ئەۋرەتلىرىنى كۆرىشى، تۇتىشى ۋە سېلىشى توغرا بولىدۇ، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، جاراھەتنى تەكشۈرۈش، يوق قىلىش جەريانىدا قولىغا نىجاسەتلەر يۇقۇپ قالسا ئۇنى يۇيىۋەتسە بولىدۇ، قان ياكى سۈيدۈك قاتارلىق نىجاسەتلەرنى تۇتۇش بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، لېكىن يۇيۇۋېتىش كېرەك بولىدۇ، ئالدى ياكى ئارقا ئەۋرەتنىڭ ئۆزىنى تۇتۇش بىلەن بەزى مەزھەپلەردە تاھارەت بۇزىلىدۇ".

["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  6 -توم 20 -بەت.]

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى