شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاندا ئىپتاردىن كېيىن تاماق يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى ناماز ئوقۇپ بولۇپ تاماق يېيىش كېرەكمۇ؟

سۇئال

روزا تۇتقان كىشى قانداق ئىپتار قىلىدۇ؟، كۆپچىلىك كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك بىلەن مەشغۇل بولۇپ ناماز شامنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، ئۇلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: تاماق ھازىر بولغاندا تاماق يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇيمىز دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى توغرىمۇ؟ چۈنكى ناماز شامنىڭ ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ دەسلەپتە خورما بىلەن ئېغىز ئىچىپ، شام نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ غىزالىنىش كېرەكمۇ؟ ياكى تاماقنى تولۇق يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، روزىدار كۈننىڭ ئولتۇرغانلىقى جەزىملەشكەندە دەرھال ئىپتار قىلىشى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىپتارنى دەسلەپكى ۋاقتىدا قىلغان كىشىلەر دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە: ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئىپتارنى دەسلەپكى ۋاقتىدا قىلغۇچىلاردۇر. [تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].

روزا تۇتقان كىشى ئالدى بىلەن خورما بىلەن ئىپتار قىلىپ، تاماقنى ناماز شامنى ئوقۇپ بولۇپ يېيىشى توغرا ۋە ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلغاندا ئىپتارنى ۋاقتىدا قىلىش ۋە ناماز شامنى جامائەت بىلەن ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى سۈننەتنى ئادا قىلغان ھەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تولۇق ئىقتىدا قىلغان بولىدۇ.

ئەمما تاماق تەييار بولغاندا نامازنى كېچىكتۈرۈش،چوڭ-كېچىك تاھارەت قىستىغاندا نامازنى كېچىكتۈرۈش ۋە ناماز شام بىلەن تاماق تەڭ تەييار بولۇپ قالسا ئاۋۋال تاماق يېيىش قاتارلىق ھەدىسلەردىن: تاماق تارتىلغاندا ياكى تاماق ئۈستىگە كەلگەن كىشى تاماقنى يەپ بولۇپ نامازغا تۇرۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە تاماققا بولغان ئىنتىلىش نەتىجىسىدە نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئادا قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنى نامازدىن بۇرۇن يېيىش دېگەنلىكتۇر. ئەمما نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كېتىدىغان ياكى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كېچىكىپ قالىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، تاماقنى قويۇپ دەرھال نامازغا تۇرۇشى كېرەك.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتنىڭ ئەزالىرى: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ سالىھ پەۋزان ۋە شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار.

مەنبە: دائىمى كومىتېت پەتىۋالار مەجمۇئەسى(9/ 32)