شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىمتىھان سەۋەبىدىن رامزاندا روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا

سۇئال

   تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى رامىزان ئېيىدا بولۇپ قالسا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھانىنى ياخشى بېرىشى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بالاغەتكە يەتكەن بىر مۇسۇلمان ئىمتىھاننى دەپ رامزاندا روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىمتىھان دېگەن شەرىئەت قوبۇل قىلىدىغان ئۈزۈر ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇ كۈندۈزدە مۇزاكىرە قىلىش قېيىن بولسا، مۇزاكىرىسىنى كېچىدە قىلىپ روزىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.

   مائارىپ رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، رامزاننىڭ پايدىسى ۋە رامزاندىن بىكار بولۇپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى پايدىنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش ئۈچۈن مۇمكىن بولسا ئىمتىھان ۋاقتىنى رامزاندىن كېيىن ياكى بۇرۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا كۆيۈنگەن ۋە مېھرىبانلىق قىلغان كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلسىلا، ئۈممىتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىلەرگە سىلىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرسىلا». [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەن].

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە قىلىدىغان تەۋسىيە: قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، ئىمتىھانىنى رامزانغا بېكىتمەي، ياكى رامزاندىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 4-توم 223-بەت.