خىرۇم پەلتۇ-چاپانلارنى كېيىش توغرىسىدا

سوئال 13213

توڭگۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتۇ-چاپانلارنى كىيىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تېرە ئاشلانسا پاكىز بولىدۇ».

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئۆلگەن ئۇلاغنىڭ تېرىسىنى ئاشلاش، ئۇنى پاكىزلاشتۇر» (ئۆلگەن ئۇلاغنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاك بولىدۇ). ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا، بۇ ھەدىس بارلىق تېرىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟ ياكى بوغۇزلاش بىلەن پاك بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىگە خاس بولامدۇ؟ دېگەندەك پەرقلىق قاراشلاردا بولدى.

ھەقىقەتەن ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، كالا، تۆگە، قوي، ئۆچكە قاتارلىق بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاك بولىدۇ، ئۇنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما توڭگۇزنىڭ، ئىتنىڭ  ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بوغۇزلاش بىلەنمۇ ھالال بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار.

ئېھتىيات يۈزىسىدىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقتىن: «كىمكى شەكلىك ئىشلاردىن ساقلانسا ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاپ قالغان بولدى» ۋە «سېنى شەككە تاشلىغان ئىشنى تەرك قىلىپ، شەككە تاشلىمايدىغان ئىشنى قىلغىن».

بۇ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئىشلەتمەسلىك ياخشىدۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

كىيىم-كىچەكلەرنىڭ ھۆكمى

مەنبە

شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ «مۇسۇلمان ئاياللارغا ئائىت ئومۇمىي پەتىۋالار» ناملىق ئەسەر، 3-توم، 860-بەت.

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android