ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئەھۋالدا مېيىت چىققان ئائىلىدىكىلەرگە ئۇلارنىڭ خولۇم-خوشنىلىرى ۋە يېقىنلىرى يېمەكلىك ھازىرلاپ ئەكىلىپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاغىسىنىڭ ئوغلى جەپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ مۇتە ئۇرۇشىدا شەھىد بولغانلىقى خەۋىرى كەلگەندە، ئائىلىسىدىكىلەرنى جەپەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك ھازىرلاپ ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا ھازىر، ئۇلارنى بۇنىڭدىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان بىر مۇسىبەت يەتتى».
ئەمما مېيىت ئەھلىنىڭ ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن تەزىيەگە كەلگەنلەرگە يېمەك ھازىر قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان ئادەتتۇر. مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يېمەكنى مېيىت ۋاپات بولغان كۈندە قىلسۇن ياكى تۆتىنچى، يەتتىنچى، ئونىنچى، قىرىقىنچى كۈنى ياكى يىل توشقاندا قىلسۇن ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توپلىشپ ئولتۇرۇشنى مېيىتقا يىغلاشنىڭ ھۆكمىدىن دەپ قارايتتۇق».
ئەمما مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە جەريانىدا مېھمان كەلگەن بولسا، مېھماننىڭ يۈزىدىن يېمەك ھازىرلىسا بولىدۇ، شۇنداق ئۇلار بۇ زىياپەتكە ئەتراپتىكى خوشنىلىرى ۋە يېقىنلىرىنى ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلىنغان يېمەكلەرنى بىرگە يېيىشكە چاقىرسا بولىدۇ". ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.