2

تاھارەتتە ئىككى قولىنى يۇيۇشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سوئال: 133096

مەن سىلەردىن تاھارەتتە ئىككى قولىنى يۇيۇشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا سورىماقچى، مەن ئاللاھنىڭ پەزلى، ئاندىن سىلەرنىڭ چۈشەندۈرىشىڭلار بىلەن ئىككى قولنى بارماقنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ جەينەككىچە يۇيۇش كېرەكلىكىنى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭ سوئالىم: قولىنى بارماقنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ جەينەككىچە يۇيۇش بىر، جەينەكتىن يەنە بارماقنىڭ ئۇچىغىچە يۇيۇش ئىككى بولامدۇ ياكى بۇنىڭ ھەممىسى بىر بولامدۇ؟ ئاللاھ ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىككى قولىنى بارماقلىرىدىن باشلاپ ئىككى جەينىكىگىچە قېتىپ بىر قېتىم يۇيۇش تاھارەتنىڭ پەرزى بولۇپ، بۇ شەكىلدە يۇمىسا تاھارەت توغرا بولمايدۇ. ئۈچ قېتىم يۇيۇش مۇستەھەپ بولىدۇ.

بىر قېتىم يۇيۇشتىن بولغان مەقسەت: قايسى شەكىلدە بولسۇن قولىنىڭ ھەممە يېرىگە سۇ يەتكۈزۈشتۇر، سۇ قولىنىڭ بارماقلىرىدىن تاكى ئىككى جەينىكىگىچە يەتسە بۇنىڭ بىلەن قولىنى بىر قېتىم يۇغان بولىدۇ.

سۇ ئىككىنچى قېتىم جەينەكتىن باشلاپ بارماقنىڭ ئۇچىغىچە يەتسە بۇ ئىككىنچى قېتىملىق يۇيۇش بولىدۇ. [پەۋاكىھەد دەۋانى 1-توم 144-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android