ئىتنى سىلىغان كىشىنىڭ قولى نىجىس بولامدۇ؟

سوئال 13356

ئىتنى سىلاش ھاراممۇ ياكى مەكرۇھمۇ؟، مەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلاردىن:  ئىت دېگەن نىجىس، ئىبلىس ئىتقا تۈكۈرۈپ قويغان دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىدىم.  يەنە ئىتنى سىلىساق قولىمىزنى بىر قانچە قېتىم يۇيۇش  كېرەك بولىدىكەن دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ ئەمما قۇرئان-ھەدىس ياكى ئىسلامى كىتاپلاردىن بۇ توغرىدا بىر دەلىل تاپالمىدىم؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ:

بىرىنچى : ئىت بېقىشنىڭ ھۆكمى.

مۇسۇلمانغا شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئىشلاردىن باشقا ھالەتتە ئىت بېقىش ھارام بولىدۇ، كىمىكى ئوۋ ئىتى ياكى چارۋاچىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئىتتىن باشقا ئىتلارنى باقىدىكەن، ھەر كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ئەجر-ساۋاپلىرىدىن بىر ياكى ئىككى تاغدەك ساۋاپ كېمىيىپ كېتىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «كىمىكى ئوۋ ئىتى ياكى چارۋا-دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئىتتىن باشقا ئىتلارنى باقىدىكەن، ھەر كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ئىككى تاغدەك ياخشىلىقى كېمىيىپ كېتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5059-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2941 -ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە: بىر قيرات-بىر تاغدەك ياخشىلىقى كېمىيىدۇ دەپ كەلگەن.

قىيرات دېگەن بەزى ئالىملار تاغدەك دېگەن، بۇ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن كۆپ مىقداردا كېمىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ كۆپ ياخشىلىقى كېمىيىپ كەتسە، ھەم ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن گۇناھكار بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى ئىت بېقىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىت ھەممە ھايۋاندىن بەك نىجىستۇر، چۈنكى ئىتنىڭ نىجاسىتى يەتتە قېتىم يۇيۇش ۋە بىر قېتىم توپا بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق پاكىز بولىدۇ. ھەتتا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە چوشقىنى ھارام ۋە نىجىس دەپ بايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نىجىسلىقى ئىتنىڭ نىجىسلىقىغا يەتمەيدۇ.

ئىت دېگەن پاسكىنا، نىجىستۇر، لېكىن بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، نۇرغۇن كىشىلەر كاپىرلارنىڭ نىجىس ئىتلارنى بېقىپ كۆندۈرىۋالغانلىقىدىن ئالدىنىپ ھېچ بىر ھاجىتى بولمىسمۇ ياكى زۆرۈر بولمىسىمۇ ئىت باقىدىغان ۋە ئىت تەربىيىلەيدىغان بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئىتلىرىنى يۇيۇپ تاراپ باقىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىتلارنىڭ ئۆز زاتى نىجىس بولغانلىقى ئۈچۈن دېڭىزنىڭ سۈيى تۈگىگىچە يۇسىمۇ بۇ ئىتلار ئەبەدى پاكىزە بولمايدۇ.

بىزنىڭ ئۇلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئۇلار بۇ قىلمىشى ئۈچۈن تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ ئىتلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

ئەمما ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ياكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ھاجەت بولۇپ ئىت باققان بولسا، بۇنىڭ زىيىنى بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. ئەگەر سىز ئىتنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتسىڭىز، سىرىتقا تاشلىۋەتسىڭىز ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا سىز مەسئۇل ئەمەس، ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا قالمايدۇ، ئۆيىڭىزگە ماكانلاشمايدۇ.

ئىككىنچى: ئىتنى سىلاشنىڭ ھۆكمى.

ئەگەر ئىتنىڭ بەدىنى نەم بولمىسا، بۇ ھالەتتە ئىتنى سىلىغانغا قولى نىجىس بولمايدۇ، ئەگەر ئىتنىڭ بەدىنى نەم ھالەتتە سىلىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، سىلىغۇچىنىڭ قولى نىجىس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قولىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، بىر قېتىمدا توپا بىلەن يۇيىدۇ.

ئەمما قاچا-قۇچىلارغا كەلسەك، قاچىنى ئىت يالاپ قويسا ياكى ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئېچسە، ئۇ قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش، بىر قېتىم توپا بىلەن يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويسا ياكى بىر نەرسە ئېچسە، ئۇ قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش، ئاۋۋىلىدە ياكى بىر قېتىم توپا بىلەن يۇسۇن«.  ئاۋۋال توپا بىلەن يۇيۇش ياخشى بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۈسەيمىننىڭ" پەتىۋالار مەجمۇئەسى 11 -توم 246 -بەت، ئىسلام پەتىۋالىرى 4 -توم 447 -بەتكە قارالسۇن.

مەرجەلەر

تەنھەركەت ،ئويۇن-تاماشا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە-ئەھكاملار
نىجاسەتنى يوق قىلىش

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android